مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1208|ئىنكاس: 5

مىزاج ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قوللانمىسى ( مۇقەددىمە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102664
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-13 10:28:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹ ساغلام تەندە ساپ ئەقىل ›› ،ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كەچۇرمىشى ۋە ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا ئەقىلنىڭ تەبىئىي،سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمغان بولىشى ئۇچۇن ساغلام بولغان تەننىڭ بولشى لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەن .ئۇلۇغ بابا ئەجدادلىرىمىز ئۆز زامانىسىدا ساغلام بولغان تەنگە تۆۋەندىكىدەك تەبىر بەرگەن ،ساغلام تەن دېمەك ، تەننىڭ جىسمىي ، تەننىڭ روھىي ، تەننىڭ جىنسىي ساغلام بولۇش دەپ كۆرسەتكەن ، ئەگەر بۇ ئۈچ ئامىلنىڭ مەلۇم بىرىدە غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىش يۈزبەرگەندە بۇ تەننى ساغلام بولغان تەن دەپ ئاتاشنىڭ ئاقىلانىلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان .تەننىڭ جىسمانىسي بولسا ھەر قايسى مىللەت تېبابەتلىرى ئەلمىساقتىن تارتىپ تاشلاپ قويماي بارغاسېرى يىڭلىق يارىتىپ كېلۋاتقان بىر كاتىگورىيە ، تەننىڭ روھىيتى بولسا بىز ئىنكار قىلىپ قىلىپ بولالمايدىغان ، بارغانسېرى تامامى جاھان ئەھلىنى ئۆزىگە قارتىۋاتقان بىر ساھە ،شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككى تۈر بىزلەرگە ئانچە ناتۇنۇش ئەمەس ، شۇڭا بۇ ئىككى ساھەدىن گەپ ئېچىش بىزنىڭ ھەققىي مەقسىتىمىزگە يېتىشىمىزغا ئىدىيۋى توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، بۇ ئىككى ساھەدىكى مەسللەرنىڭ بىزنىڭ تۆۋەندىكى توختالماقچى بولغان تېمىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك جايلىرىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۇق ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشۈنۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئەقللىق ئوقۇرمەنلىرىمىز يۇقرىقى مەزمۇنلارنى ئوقۇپلا بىزنىڭ ئۇشبۇ يازمىمىزنىڭ قايسى تېمىنى مەركەز قىلىپ سۆزلىندىغانلىقىنى بىلىپ بولدى دەپ ئويلايمىز ،توغرا  ، سىز ئويلىغاندەك بىز ساغلام تەننىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان ئادەمنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ (ئوغۇللار تەخمىنەن 14- 15 ياش ، قىزلار تەخمىنەن 12 – 13 ياشلاردىن باشلاپ ) تاكى جان ئۈزگىچە تەسەۋۇرىمىزدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش رولى ئارقىلىق تۇرمۇشمىزنى يېڭى –يېڭى مەنالارغا ئىگە قىلدىغان تەننىڭ جىسمانىيسى ھەققىدە توختالماقچى .ئۇيغۇر تېبابىتى كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدىن بىرى بولغان ‹‹ ئاقسارايى›› نىڭ مۇئەللىپى جامالدىن ئاقسارايى ئۆز ئەسىرىدە ئادەم بەدىنىنىڭ ئەھۋالى ـ ساقلىق ، كېسەللىك ۋەئوتتۇراھال ھالەتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ . ئەگەر ئوتتۇراھال ھالەتنى ئېتراپ قىلمىغاندا ، ئىنسان بەدىننىڭ ئەھۋالى توغىرىسىدا گەپ –سۆز ناھايىتى كۆپ بولۇپ كېتىدۇ ، مۇئەللىپنىڭ قارشى بويىچە ئادەم بەدىنى ئەھۋالىنىڭ ئۈچ خىل بولۇشنىڭ پاكىتى تېۋىپلار بەس – مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغان مەسىلىدۇر . ئادەم بەدىننىڭ شەكلى مۇكەممەل بولغان ، ئۇنىڭ پۈتۈن فىزىيولوگىيەلىك ۋەزىپىلىرى ساق – سالامەت ئورۇنلانغان ياكى ئۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ۋە ياكى ئۇ ۋەزىپىلەرنىڭ بەزىسى ساق – سالامەت بولۇپ بەزىسى توسقۇنلۇق ئۇچرىغان بولىدۇ . شۇنىڭغا ئاساسەن بىرىنجىسى ، ساقلىق ؛ ئىككىنجسى كېسەلىك ؛ ئۈچىنچىسى ، يېرىم ساق – يېرىم كېسەل ئوتتۇراھال ھالەتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ھالەتكە ئايرىلدى .ساقلىق ۋە كېسەللىك ھەممىمىزگە چۇشۇنۇشلۇك ئەھۋال ، ئەمدى گەپ ئوتتۇراھال ھالەتتە قالدى ، مۇئەللىپ ئۆز ئەسىرىدە بەدەن ئەھۋالىنىڭ ئۈچىنچىسى ،ساقلىقمۇ ئەمەس ، كېسەللىكمۇ ئەمەس بىرخىل ئورتاق ھالەت بولۇپ ، خۇددى قارىغۇنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش ، ئىككى ئەزادا بىرلا ۋاقىتتنىڭ ئۆزىدە بىرلىكتە يۈز بېرىشىمۇ ياكى ساقلىق بىلەن كېسەللىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەھۋال بىر ئەزاغا يىغىلغان بولۇپ ، خىزمىتى ساق ، ئەمما بەدەن قۇرۇلۇشى ناتوغرا كېسەللەرگە ئوخشاش بولىدۇ ياكى بۇ ئەھۋال بىرلا ۋاقىتتا ئەمەس ، بەلكى مەۋسۇم خاراكتېرلىك كېسەللەرگە ئوخشاش قىش پەسلىدە كېسەل ، يازدا ساق ياكى ياشلىق دەۋرىدە ساق ، قېرىغاندا كېسەل بولدىغان كىشلەردەك ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا بولىدۇ.   ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ھەر قانداق ئىشنىڭ چەكتىن ئېشىپ كېتىشى ئەكسچە ئۈنۈم بەرمەي قالماستىن، زىيادە سەل قاراشمۇ ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلمەي قالمايدۇ .ئارىمىزدا كۆپچىلكىمىزنىڭ پىسخكىسىدا نىسپەتەن ئومۇملاشقان مۇنداق ئاڭ مەۋجۇت يەنى، بىز يۇلۇققان مەلۇم بىر مەسلە بىزگە بىۋاستە ياكى ئوچۇق – ئاشكارا زىيان –زەخمەت يەتكۈزمىسە بىزدە ئاشۇ مەسلىگە قارىتا ئالدىنى ئالدىغان ، ئاكتىپ ھۇجۇم ھالىتىدە تۇرىدىغان مۇسبەت ئېنىرگىيە كەمچىل ، بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولسا بىز ھەركۇنى سۇ ئىچىدىغان تۇربا يېرىلىپ كەتسە شۇنى بايقىغان ھامان ئۇنى ئوڭشاپ ساق ھالىتىگە ئەكەلمىگىچە بولدى قىلمايمىز ، ئەگەر شۇ تۇربىدىن سۇ  كۈندە – كۈندە، تامچىپ – تامچىپ چۇشكەندە بولسائانچە بەك ئېرەن قىلىپ كەتمەيمىز ، بىلسەك تۈربىنىڭ بىۋاستە يېرىلىشى كەلتۇرۇپ چىقارغان ئاقىۋەتتىن تۇربىدىن تامچىپ – تامچىپ چۇشكەن سۇنىڭ كەلتۇرۇپ چىقردىغان  ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ  .نەق گەپكە قايتىپ كېلدىغان بولساق جىنسىيەت ساغلاملىقى كۆپىنچە ئوتتۇراھال ھالەت سەۋىيسدە تۇرغاچقا كىشلەر ئۆزىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەيدۇ ،شۇنىڭ بىلەن جىنسىيەت ساغلامىلىقى ئادەم بەدىندە ھەرىكەتتىكى يانار تاغ ھالەتتە قىلىۋىرىدۇ ، بۇ يانار تاغ قاچان ؟ قانداق ئۇسۇلدا پارتىلايدۇ ؟ قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلدۇ ؟ بۇ بىزگە ناتۇنۇش ، ئەمما كېسىپ ئىيتىشقا بولىدۇ ،ئەكەلگەن ئاقىۋىتىنى تىل بىلەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ .ئادەمنىڭ تۇغۇلۇش ،ياشلىق ، يىگىتلىك ، قېرىلىق دەۋىرى ئادەمنىڭ جىنسىيەت ئالاھىدىلكىنى ئاساسىي نۇقتا قىلغان ئاساستا بۆلۈنگەن بولىدۇ ، بىر يېتىلگەن ئۇرۇق بىلەن بىر يېتىلگەن تۇخۇمنىڭ بىرىكىشى بىلەن ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشىغا ئاساس سېلىندۇ ، ئادەم يېتىلىپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا ئىككلەمچە جىنسىي  ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى بىلەن ياشلىق دەۋىرى يېتىپ كېلدۇ ، يىگىتلىك دەۋىرى بولسا ئادەمنىڭ جىسمانىي ، جىنسىي ، روھىي جەھەتتىن يېتىلگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىندۇ ، قېرىلىق دەۋىرى بولسا ئادەمنىڭ جىسمانىي ، جىنسىي ، رەھىي جەھەتتىن بولۇپمۇ جىنسىي جەھەتتىن چېكىنىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ نامايەندسى ، توي قىلغان ئايال بىلەن توي قىلمىغان ئايال، توي قىلغان ئەر بىلەن توي قىلمىغان ئايال ، بالا تۇغقان ئايال بىلەن بالاتۇغمىغان ئايال ئوخشاش بولمايدۇ ، تەبىئىي جىنسىي يېتىلىشنى باشتىن كەچۇرگەن ، تويقىلىش ، بالا تۇغۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى باشتىن كەچۇرگەن ئاياللار جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولۇپلا قالماستىن ، ئۆمۈرىمۇ نىسبەتەن ئۇزۇن بولدىغانلىقى تەتقىقاتتا ئىسپاتلاندى .  ئەجدادلىرىمىزدىن كەلگەن ئۈگۈتلەرنىڭ ئۆز پېتى بىزكى ئەۋلادلارغا يېتىپ كىلەلمەسلىكى ۋە ياكى باشقا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپىنچە كىشلىرىمىز جىنسىيەتنى پەقەت ھوجىرا ئۆينىڭ ئىچىدىلا يۈز بىرىدىغان ئاجايىپ ئەپسانىۋى ئىشلار دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ جىنسىيەتنى يولسىزلارچە چەكلىدى دە شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەپسانە تېز سۈرئەتتە ئومۇمىي قەۋىمگە تېزسۈرەتتە تاراپ جىنسىيەت ھەققىدىكى بارلىق ساۋاتلاردىن مەھرۇم قىلدى . نەتىجىدەجىنسىيەت خۇددى كۆندۈرۈلمىگەن ئاتقا ئوخشاش ئۆز ئىختىيارى بويىچە قۇتىراپ ،كىشلەرگە تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بولغۇسىز ئېغىر دىشۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .سانسىزلىغان كىشلەر ئەسىلدە بەختلىك بولۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن بولغان ئائىلسىنى جىنسىي ساۋاتسىزلىق تۈپەيلى ۋەيران قىلىپ ، نارەسىدىلەرنى بەختسىز قىلسا ، ئۆزىمۇئايغى يوق سۇئال – سوراقلارنىڭ جاۋابىنى تاپالماي ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى .يەنە ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشلەر ئۆزىدىكى نۇرمال بولغان فىزىئولوگىيىلىك ھادىسنى جىنسىيەت بىلمنىڭ ئازلىقى توغىراقى يوقلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى كېسەل چاغلاپ بىھۇدە ئاھ ئۇرۇپ ئۆز ھاياتىغا ئۆزى ئىگەك سالماقتا ، يەنە ئاللابىر كىملەر ئۆز ھېسياتنىىڭ قۇربانى بولۇپ قاراڭغۇ زىندانلاردا مەڭگۈلۈك پەرياد چەكمەكتە.ئەتراپىمدىكى كۆپ قىسىم ياشلار مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۆزىنىڭ ئائىلدىكىلەرنىڭ زورلۇشى ئارقىسىدا ( ئۆزىگە قويۇپ بەرسە توي قىلغىسىمۇ يوق)  پات يېقىندا توي قىلدىغانلىقى ئەمما ئۆزىنىڭ بىلىپ – بىلمەي قىلىپ سالغان ئىشلىرى سەۋەبلىك ئۆزىگە تازا ئىشەنچى يوقلىقىنى ، بولغۇسى ئايالى ئالدىدا يەرگە قاراپ قىلشتىن بەك قورقىدىغانلىقىنى دەپ، مەندىن بولسا بالدۇرراق ساقىيدىغان ئۇسۇل – چارىلەرنى كۆرسەتسىلى بوپتىگەندەپ  ئىلتىجا قىلدى ، بۇنداق ئىلتىجالار كۆپەيگەنسېرى جاھاننىڭ ئەر دەپ ۋاقىراۋاتقان نىداسى قۇلاق تۈۋىمدە قايتا – قايتا جاراڭلىدى ، ئاشۇ ياش – يىگىتلىرىمىزدە نېمە گۇناھ ، ئاشۇ ياشلار ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئالتۇندەك ۋاقتىنى مۇشۇ ئىشلار ئۇچۇن ئىسراپ قىلشى ماڭا بىر خىل ھار كەلدى ، شۇسەۋەبتىن ئۇشبۇ يازمىغا قەلەم تەۋرەتتىم .بۇ قەلەمنى تەۋرىتىش جەرياندا نۇرغۇن مەزمۇنلار كاللامغا كەلدى ئەمما ھەممە مەزمۇننى كىرگۇزۇش بۇ يازمىنى تېخمۇ كۆپۈك قىلىپ قويغىدەك شۇسەۋەپتىن ئۇشبۇ قوللانمىغا سالامەتلىكىنى ساقلاش ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ، تاناسىل ئەزالارنى چۇشۇنۇش ھەمدە رولدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ، ئائىلىدە بولسا كېينكى ئەۋلادلارغا جىنسىيەت تەربىيسى بېرىش ، توغرا بولغان جىنسىيەت پىسخىكىسى يېتىشتۇرۇشتە قوللىنىشچان قوللانما بولۇشىنى چىندىلىمدىن ئۈمۈد قىلمەن  .تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز  مىزاج تور شىپاخانىسى ( www.mezaj.cn ) دىكى سەرخىل مەزمۇنلارغا  دىققەت قىلىڭ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mustafadin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-13 11:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102664
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 06:19:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارنىڭ ئىجابىي پىكىرلىرىنى بىرىشىنى ئۈمىد قىلمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65388
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3644
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 07:25:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ! ئېسىل باشلىغان مۇقەددىمىڭىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك خاتىمىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
مىزاج تور شىپاخانىسىغا كىرىپ كۆرۈپ باقتىم، خەتلەر تازا نورمال ئەمەسقۇ...
بىر قاراپ باقسىڭىز بولغىدەك مەن ئىشلىتىدىغان تور كۆرگۈ بەيدۇ، 234 قاتارلىق تور كۆرگۈلەر ھەممىسىدە بەت خەتلىرى نورمال ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102664
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 10:13:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، شۇنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، ئەگەر سىز  ساغلاملىق ، كېسەللىك ، ئوتتۇراھال ھالەت قاتارلىق  مەسىللىرىدە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز  ئۇنداقتا مىزاج تور شىپاخانىسى ( www.mezaj.cn ) ۋە مىزاج ئۇندىدار سالونى ( mezaj-4  ) سالونىغا مەرھەمەت ، مەخپىيەتلىك ساقلاش بىزنىڭ بۇرچىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 798 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 11:24:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن، مەن بۇ تىما ئارقىلىق مىزاج تور شىپاخانىسىنى بىلىۋالدىم، بۇنىڭدىن كىيىن بەزى كېسەللىكلەر ئۈستىدە مەسلىھەت سورۇشۇم مومكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102664
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 11:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم ، قولىمىز كۆكسىمىزدە ، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئۇچۇن خىزمەت قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش