پىلانىتلار ھەققىدەچۈشەنچە
ئىنتىلگۈچى
ئاددىي قىلىپ ئېيتقانداپىلانىت(Planet) ئۆزدىن نۇر چىقىرالمايدىغان بەلگىلىك ماسسىسى بولغان، يۇلتۇزغائوخشاش ئاتوم رىئاكسىيە يۇز بەرمايدىغان، مەلۇم يۇلتۇزنى(بۇ يەردە دېيىلىۋاتقانيۇلتۇزلار قۇياشقا ئوخشاش نۇرمال يۇلتۇزلار،يەنى تۇرغۇن يۇلتۇزلار.) ئوربىتا قىلىپئايلىنىدىغان بىرخىل ئاسمان جىسمى.
2006-يىلى8-ئاينىڭ24-كۈنى خەلقارالىق ئاستىرنومبىرلەشمە جەمئىيىتى پىلانىتنى ئېنىقلايدىغان ئۇچ مۇھىم شەرتنى ئوتتۇرغاقۇيۇپبىكىتتى، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1،چۇقۇم يۇلتۇزنىئوربىتا قلىپ ئايلانغان بولۇشى كېرەك.
2،يىتەرلىك مەسسىسىبولۇشى ۋە تەڭپۇڭ ھالەتتكى شارسىمان تۇزلىشى بولۇشى كېرەك
3،ئۆزنىڭ ئوربىتائەتىراپى پاكىز ۋە ئۆز ئوربىتا رايۇنىدا ئۆزدىن چوڭ بولغان باشقا ئاسمان جىسمىبولماسلىقى كېرەك.
پىلانىتلارنىڭشەكىللىنىشى ھەققىدە بىرقانچە خىل قاراشلار بار. ھارىر بىرقەدەر ئۇمۇملاشقان قاراشمۇنداق: يۇلتۇز تۇمىنى ياكى مولكۇللا تۇمىنى تارتىش كۈچى(gravity) سەۋەبلىكيىغلىدۇ ۋە تۆت باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتۇپ پىلانىتنى شەكىللەندۈردۇ، ئۇلارئايرىم-ئايرىم ھالدا:1،پىلانىت ئۇرۇقچىسى شەكىللىنىش جەريانى(planetisimalformation)، بۇنىڭدا تۇمان(nebula) سوۋۇپ قاتتىق ئۇيشۇش ھالىتىدىكى گازسىمان جىسمىلار(condensationof gaseous material) قاتتىق توپ ئۇرۇقچىغا ئايلىنىدۇ(1-رەسىمگە ئوخشاش)، بۇجەريانغا 100يىلدىن 10000يىلغىچە ۋاقت كىتىدۇ. 2،ئۇرۇقچىلار ئۆز-ئارا سوقلۇپ بىرلشىپبىرقەدەر چوڭ بولغان بۇۋاق ھالەتتىكى پىلانىتنى(protoplanet) ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭئەتتىراپىدا گاز تەخسىسى(gas disk) بۇلىدۇ(2- رەسىمگە ئوخشاش)، بۇ جەريانغا يۈزمىڭيىلدىن بىرمىليونغىچە ۋاقت كىتىدۇ. 3، گاز تەخسىسى بىلەن بۇۋاق ھالەتتىكى پىلانتئۆز-ئارا تەسىرلىشىپ بىرقاتار فىزىكىلىق ھادسلەرنى باشتىن كەچۈردۇ، بۇ جەرياندا بۇۋاق ھالەتتىكى پىلانىتتەخسىدىن گاز سۈمۈرۈپ ماسسىسى ئېشىشى مۈمكىن، بۇ جەريانغا ئون مىليونچە ۋاقتكىتىدۇ 4، گاز تەخسىسى بارا-بارا يوقاپپىلانىت بارلىققا كىلىدۇ.
ھازىرغا قەدەر قۇياش سېستىمىسىسىرتتىدا 750دىن ئارتۇق پىلانىت بايقالغان، كىپلىر (Kepler) ئالەملىك تىلىسكوپىمەخسۇس پىلانىت ئىزدەيدىغان تىلىسكوپ بۇلۇپ، بۇساھەدە تۆھپىسى ئەڭ ياخشى. قۇياشسېستىمىسىدا 8 پىلانىت بار، ئۇلار قۇياش تەرەپتىن سىرتىغا تۆۋەندىكىچە:مىركورى(Mercury)، ۋىناس(Venus)، يەرشارى(Earth)، مارىس(Mars)، يۇپىتىر(Jupiter)،سەتۇرىن(Saturn)، ئۇرانۇس(Uranus)، نىپتۇن(Niptune)، 3-رەسىمگە قاراڭ.پىلاتو(Pluto) قۇياشنى ئوربىتا قىلىپ ئايلىنىدىغان پىلانىت شەرتنى تۇلۇق قانائەتلەندۇرمىگەچكە قۇياشسېستىمىسىدىكى پىلانىت ئەمەس دەپ بىكتىلگەن.
پايدىلانغانماتېرىياللار:
Kant (1755)، Laplace(1799)، Barshey and Lewis (1976)، Greenzwig and Lissuaer (1990).
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-14 10:05 AM