كىمنى ئالسام بولاركىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار جامائەت،
ئەھۋالىڭلار ياخشىدۇ تۇرغانسىلەر سالامەت.
ئۇدۇل ئېيتاي دەردىمنى ئارتۇقچە سۆز بىھاجەت،
قالدىم قىيىن ئەھۋالدا بەرسەڭلار بىر مەسلىھەت،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق كىمنى ئالسام بولاركىن.
«يېشىڭ باردى بىر يەرگە، ئۆيلەن» دېدى تۇغقانلار،
لايىق ئىزدەپ ھەر يەردە بۇ خەۋەرنى ئۇققانلار.
خوپ كۆرمىسەم بىرىنى رەنجىدى ھەم تاپقانلار،
ئۆزۈم ئىزدەپ تاپقاننى ياراتمىدى داققاللار،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق كىمنى ئالسام بولاركىن.
تونۇشتۇردى بىر قىزنى ئوقۇپ كەپتۇ شەھەردە،
چۈشتە كەلدى ساقلىسام دېيىشكەنتۇق سەھەرگە.
يۈز – كۆزىنى كۆرۈپلا ئاران تۇردۇم كېتەرگە،
(تاپقان پۇلۇم يېتەرمۇ ئۇپا – ئەڭلىك،ئەنبەرگە)،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق كىمنى ئالسام بولاركىن.
يەنە ئىزدەپ تېپىپتۇ تەقۋا قىزدىن بىرىنى،
خىجىل بولدۇم مەنمۇ ھەم ئاڭلاپ قىلغان سۆزىنى.
ھەيران قالدىم ۋە لېكىن قىز ئېيتقاندا سىرىنى،
ئاجراشقانكەن ئېرىمۇ بىلمىگەچ ئۆي ئىشىنى،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق كىمنى ئالسام بولاركىن.
ئەنە ئويناپ يۈرىيدۇ تەڭتۇشلارنىڭ بالىسى،
بالىسىنىڭ غېمىگە چىدىمايدۇ ئانىسى.
«قاچان نەۋرەم بولار» دەپ بولدى يۈرەك يارىسى،
ئۇشبۇ شېئىر مەندەك كۆپ بويتاقلارنىڭ نالىسى،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق كىمنى ئالسام بولاركىن.
ئۆزۈم يازغان، يەنە بىر قىسىم مۇنبەرلەرگىمۇ يوللىغان. باشقىلار كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alxir552 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 07:59 PM