ئامېرىكائارمىيىسى «دېڭىز سۈيىنى يېقىلغۇغا ئۆزگەرتىدىغان» يېڭى تېخنىكا كەشپ قىلدى5 x G' t: E( x3 z5 ~
& a8 G G. l( F/ x @
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى «دېڭىز سۈيىنى يېقىلغۇغا ئۆزگەرتىدىغان» يېڭى تېخنىكا كەشپ قىلدىتېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىنىڭ 10-ئاپرېل خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئامېرىكا دېڭىز...
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى «دېڭىز سۈيىنى يېقىلغۇغا ئۆزگەرتىدىغان» يېڭى تېخنىكا كەشپ قىلدى
; V2 I5 E" _) _& t" i$ l! U
تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىنىڭ 10-ئاپرېل خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەتقىقات تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى يېڭى تىپتىكى بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى سىناق قىلغان، بۇنىڭ ئاساسىي نىشانى دېڭىز سۈيىدىن پايدىلىنىپ يېقىلغۇ ياساپ چىقىش ئىكەن. دېڭىز سۈيىدىن پايدىلىنىشنىڭ پىرىنسىپى نىسبەتەن ئاددىي، بىرىنچى باسقۇچى ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيەسى بولۇپ، بۇنداق قىلىپ ئىككى خىل لازىملىق گاز ھىدروگىن گازى ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدقا ئېرىشەلەيدۇ؛ ئىككىنچى قەدىمى ھىدروگىن گازى ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى تۆمۈر كاتالىزاتورى ئارقىلىق سۇيۇق گىدروكاربون ھاسىل قىلىدۇ، بۇ باسقۇچنىڭ ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولۇپ، كاتالىزاتور رولى رېئاكسىيەدە زەنجىرى ئۇزۇن گىدروكاربونلارنى ھاسىل قىلىدۇ.
4 Y6 I7 ~% z3 y( |# Pبۇ باسقۇچلار ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئالكانلار ئېنىقلا پاكىز ئېنېرگىيە، بىز ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشەلەيدىغان مەھسۇلات سۇيۇق گىدروكاربون بولۇپ، كاربون زەنجىرىدە 9~16 گىچە كاربون ئاتومى بار، بۇ لايىھە ياخشىلاش ئارقىلىق دۇنيادىكى كۆپ قىسىم رېئاكتىپ ئايروپىلان يېقىلغۇسى قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تەتقىقات تەجرىبىخانىسى بىزگە كەلگۈسى ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئېچىپ بەردى، بۇ تەتقىقات ھېچ بولمىغاندا بىزنىڭ دېڭىز سۈيىدىن پايدىلىنىپ گىدروكاربونلۇق يېقىلغۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بەردى، بۇ تەتقىقاتنىڭ بىر ئاچقۇچى كاتالىزاتور بولۇپ، FT بىرىكمىسىگە ئوخشاش تېخنىكا ئارقىلىق كاربون زەنجىرى نىسبەتەن قىسقا تويۇنمىغان ئالكان، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ۋە ھىدروگىن گازىنى رېئاكسىيەگە كىرگۈزگەندىن كېيىن %30 لىك مېتان ماددىسى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
% D! k# w0 Z6 Z- R2 n
نۆۋەتتە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تەتقىقات تەجرىبىخانىسى رېئاكسىيەدە ھاسىل بولغان بۇ خىل «يېقىلغۇ» دا بىر ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇپ سىناق قىلغان، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ھازىرقى ماتورلار ئۆزگەرتىلمىسىمۇ بۇنداق يېقىلغۇنى ئىشلىتەلەيدۇ، ئۇچقۇ ئەسلىھەلەرگىمۇ شۇنداق، نېفىت يېقىلغۇسى ۋە يېڭى تىپتىكى يېقىلغۇ ئارىسىدا ئاسانلا ئورتاق يول ئاچقىلى بولىدۇ، بۇ دېڭىز سۈيىنى مول ئىستراتېگىيىلىك بايلىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
1 W3 G& h. q7 v# M
+ G/ H% e A- A: S7 M4 r q* kتەرجىمان: ئوكيان
! Q V- E1 a! }http://www.okyan.com/html/news/Tech/2014/0410/5394.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 05:12 PM
5 R; z& |2 {4 `3 p6 o6 |9 j; F1 f7 K