قۇدىلار سۆھبىتى
«ئا»
ئاڭلاڭ قۇدام سىزگە باربىر داۋايىم،
بۇندا كۈننى خالىمىسۇن خۇدايىم.
باردىڭىز كۆپ ئۆيلىرىمگە قىز سوراپ،
ئۇنىمىساق تەنە قىلىپ يانچىلاپ.
ئوغلىڭىزغا شۇڭا بەرگەن ئاخىرى،
دەپ قىزىمنىڭ پىشانىسى تەقدىرى.
ئوغلىڭىزمۇ شۇنچە كۆيگەن لەيلى دەپ،
زادى ئالاي نىمە بولسام مەيلى دەپ.
شۇئوغلىڭىز ئاھ! قىزىمنى خورلىدى،
بۇئازاپقا پايلىغىلى بولمىدى.
كەچتە كەپتۇ يۈزلىرى كۆك ئىششىغان،
نەدە باركەن قىزنى مۇنچە مۇشىتلىغان.
بىلىۋېلىڭ، مەن قىزىمنى ئەي قۇدام،
ئاسىرىغان شۇكەمگىچە دەپ قوزام.
كىچىكىدىن ئەسلائىشقا سالمىغان،
ئەركىلىتىپ قىلمىغىنىم قالمىغان.
سەۋەبىنى دەپ بىرىڭچۇ سىز بۈگۈن،
بىلمىدىممەن بار بۇنىڭدا نە تۈگۈن.
«ب»
سىزمۇ ئاڭلاڭ سۆزلىرىمنى ئەي قۇدام،
ئېيتىۋىرەي يۈركىمىدە بار يارام.
شۇ قىزىڭىز ئىش ئىپىنى بىلمىگەن،
كىلىنىمدىن ئەسلا دىلىم كۈلمىگەن.
نە ئۈچۈن دەپ سورىسىڭىز سىرىنى،
نەدە باركەن پەپىلىگەن قىزىنى.
ئۆي ئىچىدىن چىقمىغان ھېچ زادىلا،
شۇنچە ئەخلەت ئۆي ئىچىدۇر ھەم تالا.
ھېچكىشىگە ئەسلا سالام قىلمىغان،
تېتىىغۇدەك تىلغا تائام قىلمىغان.
كەلسە مىھمان شۇ ئەتىۋا قىزىڭىز،
سۇ ئەكىرسە كىرىۋىرەر لۇڭگىسىز.
ياسىنىشتىن باشقىنى بىلمەيدىكەن،
نىمە قىلسا قىزىڭىزنىڭ مەيلىكەن.
قىلمىسا يا بۇرچىنى ئۇ ئادا،
يەنە بىزدە بارمىكىنە چوڭ گۇنا.
ئەسلى قىزنى سىز ئاشۇنداق ئۈگىتىپ،
قىزىڭىزنىڭ بەختىنىمۇ ھەم تۈگۈتۈپ.
ئويلىغايمىز بولسا ئىشچان، دەپ كىلىن،
بىزگە لازىم ئەمەس ئۇ يۈزى قېلىن.
ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 03:47 PM