ئۆز مىللىتىنىڭ ، ئۆز خەلقىنىڭ ، ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن ئادەم ، ئادەم ھېسابلانمايدۇ !!!
ــــ ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن
بۇ ئاددى ئەرزىمەس ئەسىرىمنى ئوقۇغان ، ھەر بىر ئوقۇرمەندىن ئۆز تارىخىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلمەن !!!
ئوغلاننىڭ قەسىمى
بەختىيار ئابدۇل ئۇلۇغيار
ھەممە ياق ياپيېشىل ،خىلۋەت ۋە جىمجىت
بۇ دىگەن بىر جاڭگال ، بىپايان دالا ،
چەكسىزگە سۇزۇلغان تار چىغىر يولدا
كەلمەكتە خىيالچان بىر مىسكىن بالا .
ئۇ قەدەم قويغاندۇ ئون ئالتە ياشقا
يېقىنلاپ كەلگەندۇ بەخىت قۇياشى ،
يالغۇزلا مېڭىپتۇ خىلۋەت دالىدا
يوقمىدۇ سەپەرداش ھەمرا-قاياشى .
چوڭقۇر خىيالغا پېتىپتۇ ئەجەب
نە سەۋەب بولغاندۇ مىسكىن ھالىغا ،
مۇڭسىراپ قالدىمۇ يالغۇز سەپەردە
قارايلى قەلبىگە - غېرىب بالىغا .
ئۇ ماڭار ئەتراپقا تەكشى كۆز سېلىپ
پايانسىز كەڭ كەتكەن مۇشۇ ۋادىغا ،
پەپىلەپ ئۆستۈرەر ئۇيغۇر خەلقىنى
بۇ ۋادا ئوخشار بىر كەمتەر دادىغا .
ئەجدادىمىز -ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى
قان-تەر ئاققۇزغان مۇشۇ ۋادىلار ،
ئاجايىب بەخىتلىك ھېسلارغا چۆمگەن
بۇنى سۆزلەر چۆچەكچى بوۋا-دادىلار .
ئۇ ئويلار : <<ياپيېشىل مۇشۇ زىمىندا
تۈمەنلىگەن ئاتلىق قۇشۇنلار ئۆتكەن ،
قۇرۇپ سەلتەنەتلىك ئۇيغۇر دۆلىتى
ھۇزۇر-ھالاۋەت پەيزىنى سۈرگەن .
نۇرغۇن ئۇيغۇر سەردار - باھادىر
ئات چاپتۇرۇپ قېلىچ ئويناتقان ،
باش ئەگدۈرۈپ ياۋ لەشكەرلىرنى
دۈشمەن خانلىرنى زار-زار قاقشاتقان .
قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجە
شۇ چاغدا مەدەنيەتلىك ئۇيغۇر خەلقى،
قارايتى ھەربىرى : دانىشمەن ، ئالىم
مىللىتمىز ئۇيغۇرنىڭ پەخرى،بارلىقى .
داڭلىق پەيلاسوپ ماتېماتكاشۇناس
قىسقىسى بارلىق پەننىڭ ئۇستازى ،
ئۇ بولسا پەخرىمىز ئۇلۇغ فارابى
ھازىرمۇ جاراڭلار قالۇنى-سازى .
< قۇتادغۇ بىلىگ >* ئاپتۇرى - ئالىم
جامائەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،
ئۇ كامىل ئىدى ئىلىم ئېرپاندا
ھەممىگە قادىر ، ھەممىگە ۋاجىپ .
ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى
تۈزگەنتى < دىۋانى لۇغەتىن تۈرك > *،
بولغاچقا ئالىمنىڭ قان تەرى-ئەجرى
ئەمەستۇر بىزلەرنىڭ سۆزىمىز ئۈزۈك .
< ئەتەبەتۇل ھەقايىق >* ھەقنى سۆزلىدى
خاتىرلەپ قالدۇردى ئەھمەد يۈكنەكى ،
<ئىلىملەر ئاچقۇچى >* ياسىدى ئەجەب
مەشھۇر ئەدىبىمىز يۈسۈپ سەككاكى .
شائېر ۋە سىياسئون ئەلشىر ناۋائى
ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يازاتتى ،
ئەدەبىياتىمىزنى قوغدىغانتى ئۇ
باشقا تىلدىنمۇ گۈھەر قازاتتى* .
<تارىخى رەشىدى>* باھا بەرگەنتى
<ھېچ كىشى ئۇنۇڭغا تەڭ كەلگەن ئەمەس ،
ناۋائى دەۋرىدە ئەھلى-پازىللار
ئۇنۇڭدىن تەربىيە ئالغانتى پەۋەس> .
يەكەن سەئىدىيە خانلىق دەۋرىدە
خانىش ۋە مۇقامچى ئامانىساخان ،
تۈزۈپ قالدۇرغان ئون ئىككى مۇقامغا
ھەيرانۇ-ھەۋەستە تاڭ قالدى جاھان .
يازسام مىللىتىم مەرد ئوغلانلىرىنى
يىتىشمەس قەغىزىم - قەلمىم سىياھى ،
ھازىرچۇ... قالدۇق بىز زادى قەيەردە ؟
تۇتىيا ئەجدادلار روھى - سىياقى .
ئامەتنىڭ تىگىگە يۇشۇرنار ئاپەت
گۈزەللىق ئارسىدا رەزىللىك پەسلىك ،
مۇنقەرەز قىلدى ئۇيغۇر ئېلىنى
نادان سوپىلار قىلىپ بەك نەسلىك .
شۇ چاغدىن مىللىتىم مەدەنيىتىدە
ئىلگىرلەش يوق ، چىكىنىش ئېغىر ،
مۇناپىق ئالدامچى غوجا - ئىشانلار
قىلغاچ خەلىقنىڭ يۈركىنى يېغىر .
يېڭى دەۋىر يىتىپ كەلگۈچە
نۇرغۇن مەدەنئى مىراسلار ئۆلدى ،
ئاخىرى قارا بۇلۇتلار تارقاپ
جامالىنى ئېچىپ قۇياشمۇ كۈلدى >>.
ئاخىرى خىيالچان بۇ مىسكىن بالا
بۇ ئۇزۇن ئويلىرنى قىلىپتۇ تامام ،
قاراپتۇ-كۈرۈنمەس نۇرلۇق نىشانى
تېخىچە مەنزىلى ئاشماپتۇ داۋان .
ئۇ ماڭغاچ ئۆزىگە دەپتۇغۇ شۇنداق
<مەنمۇ ھەم ئۇيغۇرنىڭ ئوغلىغۇ ئەجەب ،
بولسام بوۋام مەھمۇدتەك ئوغلان
بۇنىڭغا ئەزەلدىن كىرەك نە سەۋەب > .
ئۇ شۇنداق ئۆزىگە قىلىپتۇ قەسەم
< مەن ئۆزەم بەختىيار بۇگۈندىن باشلاپ ،
قوشىمەن خەلقىمگە بىر كىشلىك تۆھپە
زىيانلىق ئەيبىمنى چۆرۈپلا تاشلاپ > .
ئۇ بەرگەن قەسمىنى قىلامدۇ ئادا
بۇلامدۇ سەمىمئى ئۇيغۇر ئوغلانى ،
قۇشامدۇ خەلقىگە راستىنلا تۆھپە
بۇلۇپ بىر ھەقىقى ئۇيغۇر ئوغلانى .
تىلەيمەن يىگىتنىڭ سەپرىگە ئاق يول
تىلەيمەن سەمىمئى ئۈمىدىگە تىلەك ،
تىلىگىن ئۇيغۇرۇم سەنمۇ ئوغلۇڭغا
ھازىرچە تۆھپىسى بولمىسمۇ بۆلەك .
2008-يىل 17-ئاۋغۇسىت ئاقسۇ . سەھرايى ئۇلۇغيار
____________________________________________________________________
<قۇتادغۇ بىلىگ>*____ يۈسۇپ خاس ھاجىپنىڭ شۇ ناملىق ئەسرى .
<دىۋانى لۇغەتىن تۈرك >*_____ تۇركى تىللار دىۋانى .
<ئەتەبەتۇل ھەقايىق >*______ ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ < ھەقىقەتلەر بۇسۇغىسدا > ناملىق ئەسرى .
<ئىلىملەر ئاچقۇچى>* ____ يۈسۈپ سەككاكىنىڭ < مۇپتاھىل ئىلىم > ناملىق ئەسرى .
<تارىخى رەشىدى>*_____ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆراگاننىڭ شۇ ناملىق ئەسرى .
<باشقا تىللار>*__ ناۋائى كۆپلەپ ئەسەر يازغان ئەرەب ، پارس تىللىرى كۆزدە تۇتۇلدۇ .
بۇ شېئىرىمنى مەن بالا چاغلىرىمدا بىر ئەل سۆيگەن قەلەمكەش بۇلۇشقا رەسمى بىلىمنى باغلاپ، ئۈزەمگە ئۇيغۇر ئوغلانى دەپ دەبدەبىلىك تەخەلۇسنى قۇيۇپ يۈرگەن چېغىمدا تۇنجى بۇلۇپ يازغان ئىدىم ، بىراق ئۇ بالا چاغلىرىم ئىدى ، كىيىن ئۇ ئارمانلارمۇ توزغاقتەك تۇزۇپ كەتتى ، تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىردا ئۇ چوڭ تەخەلۇستىنمۇ ۋاز كەچتىم .
ئەمدى قارىسام بۇ شېئىرىم ئۈزۈمگىمۇ تولىمۇ ئاددى ۋە يىتەرسىزلىكى نۇرغۇندەك بىلىندى ، بىراق بەش يىل بۇرۇنقى ئېلھام بىلەن ھازىرقىسى ئوخشىمغاچقا ئۆزگەرتىشنىمۇ بىلەلمىدىم .