مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6312|ئىنكاس: 59

ئۈندىدار(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 01:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ <<8شېرىن>>ئۈندىدار توپىمىزدىكى دوستلىرىمىز بىلەن دىيىشكىنىمىز بويىچە رايونىمىزدىكى يېڭى ئېچىلغان چايخانىغا يىغىلدۇق،خىزمەت،تۇرمۇش ئالدىراشلىقى تۈپەيلى كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقىمۇ ھەممىمىز ئىنتايىن خوشال ئىدۇق،ھەممەيلەنىڭ تولۇق كېلىپ  بولغىنىمىزنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن بۈگۈنكى يىغىلىشنىڭ ساھىبخانى ئالىيە قولىغا تاماق تىزىملىكىنى ئېلىپ كۈتكۈچى بالىغا تاماق بۇيرۇتتى ،تاماقلار تېزلا چىقىرىلىپ ئۈستەلنى توشقۇزدى،
ئىشتىن قايتىپلا كەلگەچكە ھەممىمىزنىڭ قورسىقى ئاچقان ئىدى،ئەمدىلا چوكىمىزنى قاپتىن چىقىرىپ تۇرشىمىزغا بايىدىن بېرى چايخانائىچىنى توختىماي رەسىمگە تارتىپ ئۆزىمۇ تۈرلۈك شەكىللەرنى چىقىرىپ رەسىمگە چۈشۈپ ئالدىراش بولۇپ كېتۋاتقان دوستىمىز رەئىسە خۇددى توك تېپىۋەتكەندەك چىقىراپ كەتتى.
-ۋىيىي ماۋۇ مەتۇلارنى،شۇنداق ياخشى جايلاردا يىگەن ئېسىل تاماقلارنى سىلەر مۇشۇنداقلا  يەۋەتمەكچىمۇ؟
-ئەمسە قانداق يەيمىز،ئۆيگە ئەپ كېتىپ ساقلاپ يەمدۇق>>دېدى ئالىيە كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ
-قانداق يەيىتتىڭ،ئاۋال پېچىتىنى بۇزماي ۋېيشىن پېيشىنلارغا چىقىرىمىز ،دوستلار يىغىلىشى دەپ شۇ باھانىدا رەسىملىرىمىزنى ئوبدان مېيتۇ قىلىپ دوستلار چەمبىرىكىنى بىر قاينىتىمىز
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق،ئەزەلدىنلا گېپى ئوچۇق قەدىريە:
-بولدى قىلە قورساق ئاچقاندا ئېلان ئىشلەيمە دېمەي،ھەممىسى ساڭا قاراۋاتىدۇ،يۈزىمىزنى چۈشۈرمەي جىم ئولتۇرە
دېدى قوپال تەلەپپۇزدا،لېكىن رەئىسە ئۇنىڭ گېپىگە پىسەنىت قىلماي تاماقلارنى بىر باشتىن رەسىمگە تارتىۋالدى،ئۇنىمىغىنىمزغا قارىماي بىزنىمۇ بىر نەچچە پارچە رەسىمگە تارتىپ دوستلار چەمبىركىگە يوللاپ بولغاندىن كىيىنلا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ تامىقىنى يىيىشكە باشلىدى.ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئانچە ھەيران قالمىدۇق،چۈنكى ئەتىراپىمىزدا بۇنداق ئىشلار ئىنتايىن كۆپ،ئۈندىدار ئومۇملىشىپ كېتىۋاتقان ھازىرقى زاماندا ئىشلار كۆپ قولايلىشىپ كەتتى،ئىلگىركىدەك ئۆيمۇ -ئۆي يۈرۈپ باغاق تارقاتمايدۇ،پەقەت باغاقنى رەسىمگە تارتىپلا ئۈندىداردا يوللىۋەتسىلا بولدى،ئۈندىدار ئارقىلىپ كىم نېمە يىدى ،نېمە كىيدى،نەگە باردى،كىم يىگىتىدىن ئايرىلدى،كىم توي قىلدى،كىم ئاجىراشتى،كىم ئۆلۈپ كەتتى دېگەنلەردىن تارتىپ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز،شۇڭا ئارىلىق يىراق بولسىمۇ ھەممە ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار بولالايمىز.لېكىن ئۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيىنى ئازمۇ،شۇلارنى ئويلاپ ئاخشام يولدىشىم بىلەن ئۈندىدار توغىرسىدىكى تالاش تارتىشلار ئېسىمگە كېلىپ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ خىيال قىلىپ ئولتۇرغىنىمدا،چەتئەلدىن يېڭىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن دوستىمىز رامىلەنىڭ گەپلىرى خىيالىمنى بۇزدى
-كانادادىن قايتىپ كېلىپلا ئۈندىداردا بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالغانتىم،3ئايدەك بولدى ئىزچىل پاراڭلىشىپ كېلىۋاتىمىز،تېلفۇنلاردىمۇ پاراڭلاشتۇق،لېكىن كۆرۈشمىدۇق،يېشى مەندىن پەرىقلىنىپ كەتمەيدىكەن،كۆرىشەيلى دەپ ھېرىپ قالدى ،بۈگۈن دوستلىرىم بىلەن يىغىلىشقان دېسەم،مەن ئالغىلى باراي دەيدۇ،بوپتۇ دېدىم،گېپىمىز بىر يەردىن چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،ھا ھا ھا
-ۋاي ،ئۈندىداردىكى خەقلەرگىمۇ ئىشىنىپ يۈرەمسەن،بۇ چەتئەل ئەمەس،تونۇشۇپلا قولتۇقلىشىپ كېتىۋېرىدىغان،كەچ بولۇپ قالدى پەخەس بول،سەندەك دۆت نېمىلەرنى ئالداپ سېتىۋەتسىمۇ بىلمەيسەن ھەقىچان،
-شۇ ئەمەسمۇ،تونىمايدىغان ئادەم بىلەن كۈندۈزى كۆرۈشمەي كېچىسى كۆرۈشۈپ،ساقمۇ سەن،
قىزلارنڭ تەرەپ تەرەپتىن دىيىشىپ كەتكەن گەپلىرىدىن سەل خىجىل بولغان رامىلە:
-ئۆيگە ئاپىرىپ قوياي دېدى،گەپلىرىدىنغۇ يامان ئادەمدەك قىلمايدۇ بولمىسا،ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس،بىز قايىتقۇچە قاراڭغۇ چۈشۈپمۇ كەتمەيدۇ.
ئۇلارنىڭ شۇ گەپلىرىدىن كۈلۈپ كەتتىم ۋە يېنىمدا بايىدىن بېرى جىددىيلىشىپ ئولتۇرالمايۋاتقان رەيھانغا قارىدىم
-نېمە بولدى ئاداش،چىرايىڭ باشقىچە تۇرىدىغۇ
-گېپىنى قىلما ئاداش،ئېرىم دېگەن بىر نېمە بىلەن خېلى بولدى ياخشى ئەمەس
نېمە بولغان؟سىلەر توي قىلغىلى تېخى يېرىم يىل بولمىدىغۇ؟
-بىلمىدىم،ئاداش،يېقىندىن بۇيان شۇنداق غەلىتە،ئۆيگە كەلسىمۇ ماڭا تۈزۈك گەپ قىلمايدۇ،قولىدىن تېلفۇن چۈشمەيدۇ،ياندىكى ئۆيگە كىرىپ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋېلىپ چىقمايدۇ،بەك جىلە بولۇپ قالدىم،بىلىسەن ئۆيىمىز بەك يىراق،بايىدىن بېرى تېلفۇن قىلسام ئالمىدى،ئۇچۇر يېزىپ مېنى ئالغىلى كېلىڭ دېسەم،ئىدارىدە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتىمەن،ئۆزۈڭ قايتىپ كەت دەيدۇ ،بۇنچە كەچتە قانداق قىلارمەن؟
-بوپتۇ ئاداش،كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما،بەلكىم ئىدارىسىدە راستىنلا ئالدىراشتۇ،بولمىسا سېنى مەن ئاپىرىپ قوياي،بۇنچە كەچتە ئۆزەڭ يالغۇز قايىتساڭ خەتەرلىك>>دېدىم ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ.
شۇنداق قىلىپ تاماقلارمۇ يىيىلىپ بولدى ،رامىلە  ھېلىقى ئۈندىداردىكى يىگىتىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ساقلاۋاتقىننى ئېيتىپ ئالدىراپلا بىز بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى،بىزمۇ ئۇنىڭ كەينىدىنلا چىقىتۇق،لېكىن بىز چىققاندا رامىلە ئاللىقاچان كېتىپ بولغان ئىدى.
مەن ئاۋال رەيھاننى ئاپىرۋېتشنى ئويلاپ چوڭ يولغا چىقتىم،مۇشۇ ئۈرۈمچىدىن ئەجەپ زېرىكتىم دېسە ،كەچلىكىمۇ يوللار شۇنچە توساق،بۇ ئادەملەر كەچتىمۇ ئۆيدە ئولتۇرمامدىغاندۇ،،شۇنداق دەپ غودۇڭشىغاچ قىزىل چىراققا كېلىپ توختىدىم،
-ئاداش ،تېز ماۋۇ دەرىزىنى چۈشىرۋېتە،
رەيھاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنى كۆڭلى ئېلىشىپ بىئارام بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ،تېزلا دەرىزىنى چۈشىرۋەتتىم،رەيھان بىردىنلا جىددى ئاۋازدا
-ئاداش،ئەلقەمنىڭ ماشىنىسى
-قايسى ئەلقەمنىڭ؟
-مېنىڭ يولدىشىم ئەلقەمنىڭ،تېخى يېنىدا بىر قىز ئولتۇرىدۇ،
-ئۇنداق ئەمەستۇ ،خاتا تونۇپ قالمىغانسەن،،دېدىم مەن
-ياق دەل ئۆزى،ماشىنا نومۇرىمۇ دەل شۇ،،ئاۋۇ يېنىدىكى قىز كىمدۇ
ئۇنىڭغىچە يېشىل چىراق يېنىپ ئۇنىڭ ماشىنىسى قوزغىلىپ كەتتى.مەن بولدى قىلىپ باشقا ياققا ماڭماقچى ئىدىم،لېكىن رەيھان يولدىشىنىڭ ماشىنىسنىڭ كەينىدىن مېڭىپ يېنىدىكى قىزنىڭ كىملىكىنى بىلىپ بېقىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ يېلىنىپ تۇرىۋالدى،دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۇنىڭ ماشىنىسى ئايلانغان تەرەپكە بۇرۇلدۇم،ماشىنا بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن بىر غەرىپچە قەھۋەخانىنىڭ ئالدىدا توختاپ ئۇلار ماشىندىن چۈشتى،ھەيران قالدىم،چۈنكى ماشىندىن چۈشكىنى بىرسى رەيھاننىڭ يولدىشى ئەلقەم،يەنە بىرى دوستىمىز رامىلە ئىدى،كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم،ئەجىبا ئۇنىڭ بايا دېگەن ئۈندىداردا تونۇشقان يىگىتى شۇ ئوخشىمامدۇ، توغرا،رامىلە رەيھاننىڭ تويىغا قاتناشمىغان يولدىشىنىمۇ ھەم تونىمايدۇ ،ھەيرانچىلىقتا ئۇلار كىرىپ كەتكۈچە قاراپ قېتىپلا قالدىم،بىر چاغدا ھوشۇمنى يىغىپ رەيھانغا قارىغىنمدا ئۇنىڭ يۈزلىرى ئاللىقاچان ياش بىلەن يۇيۇلغان ئىدى،شۇ تاپ ئۇنىڭغا نېمە دەپ تەسەللىي بېرىشىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم،لېكىن بىز كەتمىسەك بولمايىتتى،رەيھانغا ھېچنىمە دېمىدىم،ئاستا كەينىمىزگە قايتىپ بىزنىڭ ئۆيىمىز تەرەپكە يۈرۈپ كەتتىم.


مەنبە:ئۆز قەلىمىم



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnaz911 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-12 01:43 PM  


دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 02:11:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئۈندىدار سەۋەپلىك نۇرغۇن ئائىلىلەر ۋەيران بولدى ھەي......

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84162
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 975 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 02:15:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە ئەرلىرمىزنىڭ ئىمانىنى پۈتۈن قىلسۇن.
شۈكرى اللە ...............

ئالدى بىلەن اللە رازىلىقىنى كۆزلە. شۇندىلا ئىشىڭنىڭ بەركىتى راھىتى نەتىجىسى بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93058
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 763
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 02:15:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرىنىڭ باشقا ئايال بىلەن تۇرشى ئادەمنى بەك ئازاپلايدۇ،ئۇ دوستىڭىز قانچە ئازاپلانغاندۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 02:36:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە قىسقا بولسىمۇ خېلى ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن. لېكىن ئاپتور ئاخىرىغا يەنە ئىشلەپ باققان بولسا، دەپ ئويلاپ قالدىم...
ھېكايىدىكى پېرسۇناژلارغا كەلسەك رەيھان بىلەن رامىلەدە گۇناھ يوق، ئىشنى بۇزغىنى ئاۋۇ ئەلقەم دېگەن ماز گۇي ئىكەن!

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10932
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2221 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 03:05:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرەقىياتنىڭ  مەھسۇلاتلىرنى توغرا ئىشلەتمىسە بەكا............  ناتوغرا يوللاغا ئىشلىتۋالسا  ھەممىنى ۋەيران قىلىدۇ.......

بۇ ئۈندىدار دىگەندە  ئېرى تۇرۇپ  يات كىشىلەر بىلەن،  ئايالى تورۇپ يات ئاياللار بىلەن پاراڭلىشىپ ئۆتىدىغان ئىشلار يوق ئەمەس،  بارا- بارا كۆڭلى بۇزۇلۇپ ئاندىن ئائىلىسى ۋەيران بولغان.....   
ئىشلىتىش يوللىرنى توغرا تاللىيالمىغانلار.........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10389
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3080 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 03:27:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر قايسى زامان بوپكەتتى يىگەن تاماقنى ، كىيگەن كىيىمنى  رەسىمگە تارتىپ باشقىلارغا كۆز كۆز قىلىشنىڭ ئورنى بارمۇ ؟

سىز بىلەن تەڭ ئۈندىدار ئويناۋاتقالارنىڭ ھەممىسىنى قورسىقى توق كىيىمى پۈتۈنلەر ، سىزنىڭ يىگەن بىرەر ۋاق تامىقىڭىز كىيگەن بىرەر قۇر يېڭى كىيىمىڭىزگە ھەيرانۇ ھەس بولۇپ سىزگە مەسلىگى كىلىدىغانلار ئەسلا يوق ،.

سىز شۇنچە زور ئۆمۈتتە چىقارغان رەسىم پەسىملىرىڭىزنى باشقىلار قاراپقۇ قويماي قارىسىغا «قوللاپ» قۇيىدۇ ، خۇشى تۇتسا قونچاق ئىنكاستىن بىرەرنى يېزىپ قۇيا لېكىن ئىچىدە «ۋىييى ما مەتۇنى بىر تەخسە لەڭلۇڭ ، بىر تەخسە تۇخۇ قورداق ئىككى ئىستاكان ئىچملىكنىڭ بۇنچە قىپ كەتكۈدەك نېمىسى بار ، نەسە كۆرۈپ باقمىغان پەس» دەپ تىللاپ قۇيىدۇ .

يەنە بەزەنلەر بار تېخى ، ئۇنىڭ ئۈندىدار دىكى يوللانمىسىغا دىققەت قىلسىڭىز ئەتىگەن نەچچىدە ئورنىدىن تۇغانلىقىنى ، قانداق تاماقتا ناشتا قىلغانلىقىنى ، سائەت نەچچىدە سىنىپقا چىقىپ قانچە مېنۇت دەرىس ئاڭلاپ قانچىلىك ئۇخلىغانلىقىنى نەچچە قېتىم ئەسنىگەنلىكىنى نەچچە قېتىم پوتلىسىنى تارتقانلىقىنى چۈشتە نىمە تاماق يىگەنلىكىنى ........ ئىشقىلىپ ھەممنى بىلگىلى بولىدۇ ، ئۇلارنىڭ دوسىتلار چەمبىرىكى «24 سائەت نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىش پونكىتى» نىڭ ئۆزى .

يەنە بەزەنلەر بار ، جۈمە كۈنى ئەتىگەندە «ئۇلۇغ جۈمە مۇبارەك» دەپ يېزىپ قۇيۇپ جۈمەنى دوسىتلار چەمبىرىكىدە ئوقۇيدىغان ، مەيلىگە قۇيۇپ بەرسە ئۇلار دوسىتلار چەمبىرىكىنىڭ ئىچىدىلار ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كىلىدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nurjahan0997 + 10 با گەپ جۇما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 03:31:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azrat705 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-12 03:27 PM
ھازىر قايسى زامان بوپكەتتى يىگەن تاماقنى ، كىيگەن كىيى ...

سىزنىڭ يۇقىردا دېگەنلىرىڭىزنى ئۇلار ئويلىيالىسا ھەرگىز ئۆزىنى ئاۋارە قىلىپ دوستلار چەمبىركىنى قالايمىقان قىلمايدۇ،،،

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 03:32:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نازۇك-0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-12 02:15 PM
ئىرىنىڭ باشقا ئايال بىلەن تۇرشى ئادەمنى بەك ئازاپل ...

شۇ ،ئايال كىشىگە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاپ بارمۇ  جاھاندا،،،

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3789
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2189 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 03:58:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇ.............

سەۋر قىل !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش