salam-uyghur يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 08:30 PM 
دىمەك، بۇ يازغۇچىمىزمۇ تېلىۋىزۇردىكى كۈي-رېتىمگە ماس ...
بۇگىپىڭىزگە قاراپ بىر ئىش ئسىمگە كەلدى ؛
تولۇق ئۇتتۇرا ئەدەبيات دەرسلكىدە «قۇتادغۇبىلىك » توغرىسدا دەرس ئۆتۈلۋاتاتتى ئوقۇتقۇچىمىز بىزدىن بۇ شاھانە ئەسەر ۋە مۇئەللىپ توغرىسدا ئۈستىدە تەھلىل قىلشنى بۇيرىدى ، ساۋاقداشلار بىر-بىرلەپ ئەسەرنىڭ تارختىكى ئورنى ۋە ھازرقى جەمئىيەتكىمۇ تەتبىقلاشقا بولىدىغان مۇئەييەن پايدىلنىشى قىممىتى توغرىسىدا تەھلىل قىلشتۇق ، تۇيۇقسىز ئۆگىنىش باشلىقى قىز ئورنىدىن تۇرۇپ :
-بۇ ئەسەردە مۇنداق بىر كەمچىللىك ساقلانغان ،يەنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسەرنىڭ بېشىدا خۇداغا ھەمدۇ -سانا ئوقۇغان نۇرغۇن جايلاردا دىنىي -خۇراپىيى ئىدىيىلەر ئوتۇرىغا قويۇلغان ،بۇنىڭغا تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىشمىز كېرەك »دىمەسمۇ ، سىنىپتا چۇقان كۆتۈلدى ، بالىلار ئۇنى ساراڭدىن -ساراڭغا چىقرۋەتتى ، مۇئەلىمىمىزمۇ تۇرۇپ قالدى ، ئەمدى بىر ئوقۇتقۇچى بۇنداق گەپكە نىمە دىيەلەيدۇ ؟
ئاخرى تۇرۇپ كېتىپ :
-سىزسەل ئاتۇقچە ئويلىۋاپىسىز، مۇئەللىپ ياشىغان قاراخانىيلار نىڭ كۈچەيگەن دەۋرىدە ئىسلامىيەت پۈتۈنلەي ئومۇملىشىپ بولغان ، شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇداسىزلىق تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش. بىز مۇئەللىپتىن 8-9ئەسىر كېيىن باش كۆتۈرگەن ماتىريالىزىمنىڭ نۇقتىنەزىرى بىلەن ئۇنڭغا سەلبىي باھا بەرسەك ،ئىلم-پەننىڭ ھەقىقەتنى ئەمىيەتتىن ئىزدەش روھىغا يات ئىش بولىدۇ -دەپلاگەپنى تۈگەتكەن .