sadakat7224 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 06:22 PM 
ناۋاغا مەخسۇس خەلىق ناخشىللىرىنى ئورۇنلايدىغان بىر با ...
بۇ ناھايىتى بەلەن تەكلىپ بۇلاپتۇ، ئەپسۇسكى بۇنداق ياخشى تەكلىپنىڭ قەدرىگە يىتىپ قۇبۇل قىلىدىغانلار «يېڭى ناۋا»دا بارلىقىغا تازا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى ، بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇنداق ياخشى تەكلىپلەرنىڭ بىرسىمۇ قوبۇل قىلىنمىدى.
«يېڭى ناۋا»غا نىمە ئۈچۈن 3 كىشىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى تا ھازىرغىچە چۈشەنمەيمەن. شۇڭا، بىر قانچە قېتىم ‹2 كىشى، يەنى بىر ئەر، بىر ئايال رىياسەتچىلىك قىلسا....دىگەن تەكلىپنى بەردىم. لىكىن،بۇنىڭغا ھېچكىم جاۋاپ ياكى چۈشەنچە بەرمىدى. كۆپچىلىككە ئايان، شەمسىيە ئەبەيدۇللا ناھايىتى مۇنەۋۋەر رىياسەتچى، لىكىن ئۇنىڭ يېشى ۋە بەدەن شەكلى «يېڭى ناۋا» غا تازا ماس كېلىپ كەتمەيدۇ.
يەنە كىلىپ، بۇ سەھنىگە چۇقۇم 3 كىشى چىقىشنىڭ ھىچ قانداق زۆرۈيىتىمۇ يوق. «ئىستىقبال سەھنىسى»مۇ رىياسەتچى سانىنى تەڭشىگەندىن كىيىن، تېخىمۇ ياخشى چىقتىغۇ. شۇڭا ئۇ سەھنىنى ئاۋۇ ئىككى ياشقا بىرىۋەتسە تازا مۇۋاپىق بۇلاتتى. چۈنكى، شەمسىيە خانقىزنى كۈتۈپ تۇرغان سەھنە ئاز ئەمەس. ئەگەر بىرە رەھبەر « بۇ سەھنىگە ئۇ چىقمىسا بولمايتتى...» دەپ تۇرۇۋالغان بولسا، ئاۋۇ ئىككى ياشنى چۈشۈرۈۋېتىپ، شەمسىيەگە ئابدۇقەييۇم مۇئەللىمنى ياكى نىخات نىياز خوجىنى قوشۇپ قويسا بۇلىۋېرىدۇ.
رىياسەتچىلەرنىڭ سەھنىدىكى سۆزلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش زۈرۈر. چۈنكى، ئۈچۈيلەننىڭ ھەممىسىدە، ھەر ساندا ئاز بولمىغان سۈپەتسىز (لاۋزا) گەپلەر چىقىپلا تۇرۇۋاتىدۇ.
يەنە بىرى، كەسپ ئەھلىلىرى چۈشەنچە بەرسەڭلا: ئابلىز ئەپەندى تولا تەكرارلايدىغان ‹ مۇزىكىلىق ئوينىتىش› دىگەن زادى نىمە گەپ؟
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بۇ سەھنە قانداقتۇر بىر شەخسنىڭ ئەمەس، شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىگە سەل قارىماسلىق لازىم.