سەھرالارغا كەلدىڭلار
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
( تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىگە بېغىشلايمەن)
**
بولۇپ خىزمەت ئەترىتى سەھرالارغا كەلدىڭلار،
ئىس-تۈتەك يوق ھىدى ساپ گۈلزارلارغا كەلدىڭلار،
سىنايدىغان مەرتلەرنى مەيدانلارغا كەلدىڭلار،
ساقلىغىلى چاشقاندىن خامانلارغا كەلدىڭلار،
شەھەردىكى راھەتتىن جاپالارغا كەلدىڭلار.
**
سەھرامىزدا ئەل-ئاۋام يولۇڭلارغا ئىنتىزار،
« دەرتكە دەرمان كەلدى» دەپ،شەنىڭلارغا گۈل تىزار،
ئەمما بۇندىن كۆڭلى غەش قىسمەنلەر بار ئىش بۇزار،
تۈزۈلەرمۇ كەلسەڭلار مۇنداقلاردىن ئەل بىزار،
چېكەتكىلەر سەكرىگەن بوستانلارغا كەلدىڭلار.
**
مەركەز بەرگەن مىھىرنى توسقانلار بار بۇلۇتتەك،
ئەل ھەققىنى غاجىلاپ يىگەنلەر بار قۇرۇتتەك،
دەپ سۆزلەيدۇ مۇنبەردە: «مەسىلەم يوق نۇقۇتتەك،»
قىلىۋەتتى ئاۋامنى شورىۋەتكەن شۇپۇكتەك،
شۇ ئاچكۆزنى توسقىلى جاي-جايلارغا كەلدىڭلار.
**
سالماي يۈرگەن بەزىلەر دېھقانغا كۆزقىرىنى،
دىيەلەمدۇ تاڭ بۈگۈن سىلەرگە دىل سىرىنى،
تارتىۋالغان چاغلار بار ھەتتا زورلاپ يىرىنى،
تاپتى ئەمدى سىلەردەك ئادالەتنىڭ پىرىنى،
سىرلىق ئىشلار لىق تولغان ئامبارلارغا كەلدىڭلار.
**
كەلگەن ياردەم نەپ-نىممەت تۇققىنىدىن ئاشمايدۇ،
بېسىپ-ئالداپ دېھقاننى دۇرۇس قەدەم باسمايدۇ،
سۈرەن سېلىپ تۆۋەنگە يۇقىرىنى ئالدايدۇ،
قىلىپ تەڭسىز تەقسىمات يا ھارامدىن قاچمايدۇ،
يولۋاس سېمىز قوي ئۇرۇق جاڭگاللارغا كەلدىڭلار.
**
« گەپنى ئاز قىل» دىگەنچە قىزىپ كەتتۇق پاراڭدا،
ئىش كۈنلىرى يىتىشمەي يىغىن ئاچتۇق ئارامدا،
مەيدە مۇشتلاپ ماختاندۇق قاپاق چۈشمەس باراڭدا،
ئىشتا قاشاڭ بولساقمۇ بوش كەلمىدۇق زۇۋاندا،
ئىشىمىز ئاز گەپ تولا جاڭجاللارغا كەلدىڭلار.
**
بىر چاغلاردا چىداملىق ئۆيلەر سالدۇق ياغاچتىن،
ئۇياقلاردىن سالدۇق-يۇ،چۇۋۇپ تۇردۇق بۇ ياقتىن،
چۈنكى ئەمدى بۇ ئۆيلەر ئۆتەلمەپتۇ سىناقتىن،
تىكىپ-سۆكۈپ ئىش قىلدۇق ئىبرەت ئالماي ساۋاقتىن
تەكرار چاققان ئۆي-ئولپاڭ،ئازگاللارغا كەلدىڭلار.
**
كېسەكلەرگە سىر پۈركۈپ يول بۇيىنى رەڭ قىلدۇق،
مۇشۇ رەڭنى بىر مەزگىل گۈزەللىككە تەڭ قىلدۇق،
راست سۆزلىسەك ئۆتكەلدىن تىز ئۆتمەكنى پەم قىلدۇق،
ئەل-ئاۋامنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى چەم قىلدۇق،
رەڭنى يامغۇر يوق قىلغان شۇ تاملارغا كەلدىڭلار.
سەھرايىمىز يۈكسەلدى لېكىن يەنە ئىش تولا،
ساختىلىقلار بار شۇنداق ئېپقاچتى سۆز« مىش...» تولا،
ئۇچراپ تۇرار زىددىيەت ئايرىيدىغان پۇش تولا،
ئارزۇيىمىز ئالەمچە رىئاللىقتىن چۈش تولا،
دىمەك: چىگىش-مۇرەككەپ جەريانلارغا كەلدىڭلار.
**
بەزىلەرچۇ، ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى قوغلايتتى،
گەپلىرىگە زەن قويماي تەتۈرىگە تولغايتتى،
ئاۋام بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىنى بۇلغايتتى،
مۇقىملىقتىن گەپ ئېچىپ مۇقىمسىزلىق قوزغايتتى،
رەخمەت بۈگۈن ھال سوراپ ئايۋانلارغا كەلدىڭلار.
*****
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-12 10:36 AM