مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1039|ئىنكاس: 3

دانالار غەزىسىدىن تەرمىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5313
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7959
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2051 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 09:13:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساننىڭ  خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا  سەۋەب نېمەدۇر  ؟   ــــ  ئىككى  نەرسىدۇر .
بىرى  جاھالەت  ۋە نادانلىق  ؛  ئىككىنچىسى  ، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر .
ـــ  ئىززەت ـ ئابرۇي  نېمە  بىلەن  قۇۋۋەت بولىدۇ  ؟
ـــ  ئىلىم  ـ  مەرىپەت  ، ئىتتىپاقلىق  بىلەن  بولىدۇ .

ئابدۇقادىر  داموللام .  


ئاللاھ   ئىنسانغا   ئەقىل  ـ  ئەدەبتىن  ئارتۇقراق  تۇرىدىغان بىر  نېمەتنى  بەرگەن ئەمەس.
ئەقىل  ۋە  ئەدەب  ياشلارنىڭ  جامالىدۇر .  ئادەمنىڭ  ئۇ  ئىككىسىدىن ئايرىلغاندىن كۆرە
ھاياتىدىن  ئايرىلىشى  ياخشىراقتۇر .

بىلىمنى ئاشۇرۇش بىلەنلا دۈشمەننى يەرگە قاراتقىلى  بولىدۇ . ئەمەلىيەتنىڭ ياخشى بولۇشى
بىلىمنىڭ  ياخشى  بولغانلىقىنىڭ  ئىسپاتىدۇر .


ئىنساننىڭ  قەدىر  ـ  قىممىتى  ، مەيلى  بىر  ئىشنى  كۆپ قىلسۇن ياكى ئاز  قىلسۇن ، ئىنسان
ياخشى  قىلالايدىغان  نەرسىدىدۇر .

شۈبىھسىزكى  :  ئادالەتپەرۋەر  بولغان  تەقدىردىمۇ كىشىلەرنىڭ  يېرىمى ھۆكۈم ئىشلىرىنى
ئۈستىگە  ئالغان  كىشىگە  دۈشمەندۈر .

دۇنيادا   ئارزۇلارنى  ئاز  قىل  ،  غالىپ  بولىسەن  ، ئارزۇلارنى ئاز  قىلىش ئاقىللىقنىڭ
ئىپادىسىدۇر .

قىلىچنىڭ   تىغىنى  نەزەردە   تۇت  ، غىلىپى  بىلەن  كارىڭ  بولمىسۇن . يىگىتنىڭمۇ پەزىلىتىنى
ھىسابقا  ئال  ، كۆرۈنۈشىگە  قارىما  !

دوسىتلىرىڭنى ئۇزۇن  ـ  ئۇزۇندا يوقلا  ،  دوسىتلىقنى  كۈچەيتىسەن  . كىمكى بېرىش ـ كېلىشنى
كۆپ  قىلسا  ،  ئاخىرى  زېرىكىش  ئۇنى  يىراقلاشتۇرۇپ  قويىدۇ .


ھەر كۈنى  كەچتە  قۇياشنىڭ  پېتىشى  ئۇنىڭغا  زىيان  يەتكۈزەلمىگەندەك  ، كەمبىغەل بولۇشمۇ
پەزىلەتكە   زىيان   يەتكۈزەلمەيدۇ .


يۇرتۇڭدىلا   تۇرۇۋېلىشىڭ   ئۇپئۇچۇق  ئاجىزلىقتۇر .  باش  ئېلىپ  چىقىپ  كەت  .
<<  يېڭى ـ  يېڭى  >>  ئۇرۇق  ـ  تۇغقانلارغا  ئۇچرىشسەن  .
دېمەككى ،  سۇ  كۆلدە  ئۇزۇن  تۇرغانلىقتىن  سېسىپ  كېتىدۇ .  تۇلۇنئاي  كۆكتە ئۈزۈپ
يۈرگەچكە  ، ئۇ  تۇلۇپ   ئون تۆت  كۈنلۈك  مۇكەممەل   ئاي  بولغان  .

ئەي  ئوغلۇم  ، جانلىقلارنىڭ  ھەممىسىگە  رەھىم قىلغىن ، ئۇلارغا  كۆيۈنۈش  ۋە شەپقەت
كۆزۈڭ  بىلەن  باق  .  ئۇلارنىڭ   چوڭلىرىنى  ھۆرمەتلە  ،  كىچىكلىرىگە  رەھىم قىل  .
ھەر  بىر  ئىشتا   ھەممىنى  پەيدا  قىلغۇچىنىڭ   ھەققىگە  رىئايە  قىل  .

ئەگەر   سەن   سۈيۈڭنى   ئەخلەت  چۈشكەن  دەپ  ئىچمىسەڭ  ، ئۇسسىز  قالىسەن .
قانداق  كىشىنىڭ   سۈيىنىڭ  ھەممىسى   ساپ  بولغان  ؟  يەنە  قانداق  كىشىنىڭ ھەممە
ئىشى  دۇررۇس   دەپ  قارالغان  ؟!  كىشىنىڭ  ئەيىبلىرىنىڭ  سانالغانلىقى  ئاشۇ كىشىنىڭ
پەزىلەتلىك  ئىكەنلىكىگە  يېتەرلىك  ئىسپاتتۇر .


ئىكرام  قىل  ،  شۇنداق  قىلساڭ   ياخشى  ئىش  قىلىشنى  ئادەتكە  ئايلاندۇرالايسەن  .
.  قىسقىسى  سىىنى  ھۆرمەتلەيدىغان  بىر  ئادەمنى  پەقەت  سەن  باشقىلارنى ھۆرمەتلەش
بىلەنلا   تاپالايسەن  .  

ئەگەر ئەخلاق ياخشى بولمىسا كىشىلەرنىڭ  يۈزىنىڭ  چىرايلىقلىغى  مەنپەئەت  قىلامدۇ؟
شۇنىڭ ئۈچۈن چىرايلىقلىقنى ئوغۇل باللىقنىڭ ئىپادىسى قىلما  ،  چۈنكى پارقىرىغاننىڭ
ھەممىسى  ئالتۇن  بولىۋەرمەيدۇ .

ھەر  قانداق كېسەللىكنىڭ دورىسى  بولىدۇ .  پەقەت  ھاماقەتلىكلا  بۇنىڭدىن مۇستەسنا .
داڭلىق   تېۋىپلارمۇ   بۇ  كېسەلنى  داۋالاشقا  ئاجىزلىق  قىلىدۇ .

ئەگەر   تەدبىر   بىلەن  بايلىق   توپلىغىلى   بولسا  ،  مەن  بۇ  جەھەتتە  ئۈكەر يۇلتۇزغا
قول  سۇنغان  بولاتتىم  .  لىكىن  ئەقىل  بىرىلگەنلەر  بايلىقتىن  مەھرۇم بولغان  . بۇ
ئىككىدى  بىر  ـ  بىرىگە  زىت  بولغان  ئىككى  نەرسىدۇر  .
ئەگەر   سەن  بىر بىتەلەي  دەريا  بويىغا سۇ ئىچكىلى  كېلىۋىدۇ  سۇ  سىڭىپ كەتتى دەپ
ئاڭلىساڭ  سەن  بۇگەپكە  ئىشەن  .  بىر  تەلەيلىك  كىشى  قولىدا  ياغاچ  تۇتۇپ تۇراتتى.
ياغاچ  كۆكلەپ  يۇپۇرماق  چىقاردىن  دېسە   ھەق  راسىت  دېگىن  .

ئىلىم  ۋە  ئەدەبكە   ئۇنچىۋالا   ھېرىس  بولۇپ  كەتمىگىن  .  بەزىدە  كىشىگە  ئېلىم ۋە
تەتقىقاتمۇ  زىيان  ئېلىپ  كېلىدۇ  .  
پەزىلەت  ۋە  ئەدەب  ئىگىللىرىنىڭ  بازىرى  كاساتلىشىپ  نادانلارنىڭ  بازىرى چىقتى .

دۇنيادا   بايلىققا  نادانلار  ئېرىشىپ  ، جاپانى   ئالىملار   تارتىدۇ  .  ناۋادا  رىزىق
ئەقىلگە  قاراپ  بېرىلدىغان  بولسا  ، ئۇنداقتا  ئۆزىنىڭ  نادانلىقىدىن  ھايۋانلار ھالاك
بولغان  بولاتتى .

دۇنيادا  پەس  كىشىلەر  ئۇلۇغلاندى  ، ئۇلۇغلارنىڭ  بولسا  يەرگە ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرىسەن
دىمەك  دۇنيا   دېڭىزغا  ئوخشايدۇكى  :  ئۇنىڭ  تېگىدە  مەرۋايىتلار  چۆكۈپ  تۇرغان
بولىدۇ  .  چىرىغان  جەسەتلەر   ئۈستىدە   لەيلەپ  تۇرىدۇ .

دوسىتلۇق  ، ئېزىتقۇ  ،  ئەنقا   بۇ  ئۈچ  نەرسە  ئەزەلدىن  مەۋجۇد  بولۇپ باقمىغان .
ھەم  مەۋجۇد  بولمايدىغان  شەيئىلەرنىڭ   ئىسمىدۇر  .


مەن  كىشىلەرنى  سىنىدىم  .  ئۇلار  دىن   قىيىنچىلىققا  يولۇققان  چاغلاردا ئىشەنىچ
قىلالىغۇدەك  دوسىت  بولۇشنى  تەلەپ  قىلاتتىم  . نەتىجىدە  مىنى  خاپا قىلغان
ئىشلاردا  خۇشال  بولغۇچىدىن  باشقىنى  ،  مىنى  خۇشال  قىلغان ئىشلاردا ھەسەت
قىلغۇچىدىن  باشقىنى  كۆرمىدىم .





كىشىلەرنىڭ  قولىدىكى   نەرسىنى  تەلەپ  قىلغۇچى  بولما  !   دوسىتلار  ئۇچرىشىپ
قېلىشتىن  قاچىدۇ  .  شۈبىھسىزكى  :  خارلىق  دېگەن  كىشىلەردىن  نەرسە سوراشتۇر .
سېنىڭ  سورىغىنىڭ    يول  نەدە   دېگەن  سۇئال  بولسىمۇ   .


باياشاتچىلىقتا   بۇرادارچىلىكنى  داۋا  قىلدىغانلار  ناھايتى  كۆپ  .  بۇرادەرچىلىكنى
پەقەت  قىيىن  ھالقىلىق  پەيىتلەردىلا  بىلگىلى  بولىدۇ .

پەسەندىلەرگە   ھەرگىز  مىھرىبانلىق  كۆرسەتمە  ، ئۇنى  ھەددىن  ئاشۇرۇپ  قويىسەن
قۇپاللىق  قىل  ،  ئىتائەت  قىلىپ  باش  ئەگكەن  ھالدا  ئالدىڭغا  كىلىدۇ .
شۈبىھسىزكى  :  تۆمۈرنى  پەقەت  ئوتلا   يۇمشىتىدۇ  ،  ئەمما  ئۇنىڭغا پۈيۈن دېڭىز
سۈيىنى  قۇيساڭمۇ  يۇمشىمايدۇ .

ئىنساندىكى   ئەڭ  يامان  ئىش  ئۆزىنىڭ  ئەيىبىنى  ئۇنتۇپ  قېلىش ۋە قېرىندىشىدىكى
يېپىلىپ قالغان  ئەيىبلىرىنى تىلغا  ئېلىپ يۈرۈشتۈر  .  ئەگەر  ئىنسان  ئەقىل  ئىگىسى
بولغان  بولسا  ،  ئۆزىگە  قارىسا   يېتەرلىك  ئەيىبلىرى  تۇرغان  يەردە  باشقىلارنى
ئەيىبلىمىگەن  بولاتتى .

ئەركىن  ئادەم زۇلۇم  ئاستىدا   سەۋىرچان  بولالمايدۇ .  زۇلۇمغا  سەۋىر  قىلدىغىنى
پەقەت  ئېشەك ،  مېنىڭ  ئۆي  ـ  ماكانىم  بار  ئىدى  دېمە  !  ئىنسان  ئۈچۈن يۇرىت
ۋەتەننىڭ  ھەممىسى  ئۆي  ـ ماكاندۇر .

مەن  كىشىلەردىن  ۋاپادار   دوسىت  ھەققىدە  سورىسام  ئۇلار  ئۇنىڭغا  ئېرىشىشنىڭ
يولى  يوق  دېيىشتى  .  ئەگەر  تاپالىساڭ  ئەركىن  ئادەملەرنىڭ  پىشىگە  ئېسىل .
دۇنيادا   ئەركىن  ئادەملەر   يوق  دېيەرلىكتۇر  .


مەنبە  :   ئەرەبچىدىن   تەرجىمە  قىلىنغان   :  ئەدەب  ئاچقۇچى ناملىق  كىتاب .   










ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91671
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2013-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 02:27:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تەرمىلەر ئىكەن ، ئەجىرڭىزگە رەھمەت .

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8766
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 11:06:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       دانالار غەزىنىسىدىن قېرىنداشلىرىڭىزغا سۇنغان تەرمىلەردىن ئالاھىدە بەھىر ئالدىم.رەخمەت!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 11:50:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،ساقلىۋالدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش