تارىخچى ۋە شائىر موللا ئبراھىم ئاخۇن ئويتۇرى ۋە «شەجەرىل ئىرشات»
خوجانىياز (ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن)
مەرىپەتپەرۋەر شائىر ۋە دىنىي ئۆلىما موللا ئىبراھىم ئاخۇن ئويتۇرى ئۇيغۇر خەلقنىڭ 19 ئەسىردە ياشاپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئىقتىدارلىق تارىخچى ۋە شائىرلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۆزى ھەققىدە قالدۇرغان مەلۇماتلىرى ۋە بىزنىڭمەخسۇس تەكشۈرۈشىمىزگە ئاساسلانغاندا، شۇنىڭدەك تارىخچىنىڭ ھېلىمۇ ھايات نەۋرسى –قۇۋان ھېيت، مۇھەممەت ئسمايىللارنىڭ ۋە ئاچىتاغ يېزا ئويتۇر تۇيۇق كەنىت (5-كەنىت) «خوتەنھويلا» مەھەللىسىدىكى 120 ياشقا كىرگەن ئىمىن ئەھەد دېگەن كىشىنىڭ گۇۋالىق بېرىشچە، موللا ئىبراھىم ئاخۇن ئويتۇرى مىلادى 1836–يىلى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھيىسنىڭ ئاچتاغ (يانقىر)يېزىسى ئويتۇر كەنتىدە ئوقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا–ئانىسىئىلىم- مەرىپەتكە ھېرسمەن كىشلەر بولغاچقا، ئۇنى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ باشلانغۇچ ساۋادىنى ئۆز يۇرتى ئويتۇردىكى دىنىي مەكتەپتە چىقارغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك مەلۇماتىنى ئاقسۇ ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى دىنىي مەكتەپتلەردە ئالغان. بۇ جەرياندا تىرىشىپ ئۆگىنش ئارقىلىق ئەرەب ، پارس تىللىرىنىمۇ مۇكەممەل ئىگىلىۋالغان ھەم مەلۇم تارىخىي بىلىمگە ئىگە ،ئۇستا خەتتات ۋە سۆزمەن بۇلۇپ يېتشىپ چىققان.
ئۇ ئۇقۇشنى تاماملاپ، ئۆز يۇرتى ئۇچنىڭ يانغى(يانقىر) يېزا ئويتۇر مەھەللىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى، تارىخى ۋە دىنىي بىلىملىرى بىلەن خەلق ئارىسدا تۇنۇلۇپ ، كىشلەرنىڭ ھۆرمىتگە ئىېرىشكەن. ئۇ ئەل– يۇرت ئىچىدە تونولغان خەتتات بولغانلىقى ئۈچۈن،كېيىنكى كۈنلەردە مۇھەممەد نىياز زۇڭ شاڭيۇ (بۇ كىشى ئەسلى خوتەنلىك بۇلۇپ،ئۇچنىڭ ئاچتاغدىكى «خوتەن ھويلا» مەھەللسگە كېلىپ ماكانلاشقان. كېيىنچە ئۇچتۇرپاندىكى بارلىق يۇرت – ئايماقلارنىڭ كاتتا بېگى بولغان)نىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ، يۇرت ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مىرزىسى (كاتىپى) بولغان.ئۇ يازغان ئالاقە ۋە خەت – چەكلەر جەمىئىيەتتەيۇقىرى ئىناۋەتكە ئېرىشىپ، پۇقرالارنىڭ ئەرز– دەۋا ئىشلىرىنى مۇمكىن قەدەر تېز ، ئادىلبىر تەرەپ قىلىشتا زور رول ئوينىغان.
تارىخچى ۋە شائىر موللا ئىبراھىم ئويتۇرى شىنجاڭ ۋەزىيىتى تۇلىمۇ تۇراقسىز بىر ۋەزىيەتتەياشىغان يەنى ئىچكى جەھەتتە يەرلىك پىئۇداللارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يېغىلىغى ئەۋجىگە چىققان،تاشقى جەھەتتە بۇنىڭغا ئۇلىنىپ كەلگەن چەتئەل كۇچلىرىنىڭ تاجاۋۇزى تۈپەيلىدىن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زۇلۇم ۋە ئىزىلىشكە قارشى غەزەپ نەپرىتى چىكىگەيىتىپ، ھەرقايسى جايلاردا مىللىي ئازاتلىققا ئىنتىلگەن خەلق قوزغۇلاڭلىرى ئەۋجىگەچىققان شارائىتتا ياشاپ،ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆز يۇرتى ئويتۇردا مەسچىتكە ئىماملىق قىلىش ۋە تالىپلارنى تەربىيەلەش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ،ھىجىرىيە 1313-يىلى (مىلادى 1896-يىلى) 60 يېشىدائالەمدىن ئۆتكەن .
ئۇ شىنجاڭ تارىخىدا بۇلۇپ ئۆتكەن تارىخى ۋەقەلەرنى بۇلۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر يۇرتىدىكى ۋەقەلەرنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇش ئۈچۈن ،ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ ،ھىجىرىيە 1307-يىلى (مىلادى 1889-يىلى) 53 يېشىدا «شەجەرىل ئىرشات» (1)ناملىق 580 بەتلىك تارىخى ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرغان .ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان شىئېر ،قوشاق ئىجات قىلغانلىقى مەلۇم ،ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە بۇلاڭ –تالاڭ قىلىنىپ يۇقۇتۇلغان. ئۇ يازغان شىئېرلىرىدا خەلقنى نادانلىق ،خۇراپاتلىقتىن قول ئۈزۈپ ،ئىلىم-مەرىپەت ئۆگۈنىشكە،ھالال مېھنەت بىلەن ياشاشقا چاقىرغان.
«شەجەرىل ئىرشات» ناملىق بۇ تارىخى ئەسەردە خوجا ئەھمەد كاسانى (مەختۇم ئەزەم) ھەم ئۇنىڭدىن تارقالغان خوجالارنىڭ نەسەپنامىسى بىر بىرىگە ئۇلاپ يېزىپ چىقىلغان. ئەسەردە نوقتۇلۇق ھالدا ئاپپاق خوجا ،بۇلۇپمۇ بورھانىدىن خوجا ،جاھان خوجا قاتارلىقلارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر يۇرتىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى خېلىلا تۇلۇق بايان قىلىنغان.
بورھانىدىن خوجا ، جاھان خوجا لارنىڭ بىرلىشىپ، باستۇرۇپ كەلگەن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، خانلىق تىكلىگەنلىگى، ئۇچتۇرپان جايتاغ ئۇستىگە چىن خاقانى شەھرى تەقلىتىدە شەھەر سېلىش ئۈچۈن چۆرۈلمە سېپىل سالغانلىقى،ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپاندىن ئىككى مىڭ مەدىكار (ئىشلەمچى) ئەكىلىپ ،ئۇچ ئاي ئىشلىگەنلىكى ،ئۈچ يىل تەخىتتەئولتۇرغاندىن كېيىن ،4-يىلى ھۆدى بەگ(كۇچالىق) ،گادايمەتبەگ ،سېتىۋالدى بەگ،ئوسمان بەگ،سالى بەگ ،ھەسەنكاھدىن ئىبارەت 6 كىشىنىڭ قەسەم قىلىشىپ بېيجىڭغا بېرىپ (2) چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرىنى باشلاپ كەلگەنلىكى؛بورھانىدىن خوجانىڭ ئۇچتۇرپان ئاقيار يېزىسىنىڭ قازغان كەنتىدىكى بەش ئېغىزغا چۈشۈپ ،سەركەردىلىرى رەھمان قۇلى بەگ ،پەرمان قۇلى بەگ،مۇزەپپەر بەگ (ئۇچ لۇق) ،تاغلىق ئوسمان بەگ،ئبدۇۋايىت بەگ ،دولان سائادەت بەگ،كۇچا ئابدۇكىرىم بەگ ، ئابدۇجاپپار بەگ ،شىرەس ئابدۇغۇپۇر بەگ ، قاينۇق مۇھەممەدئىمىن بەگ قاتارلىقلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن،توشقان دەرياسى ۋە قۇم ئېرىق دەرياسى ئەتراپلىرىدا چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلغانلىقى ، ئاخىرى ،بورھانىدىن خوجا بىلەن جاھان خوجا قاتارلىقلارنىڭ قەشقەر ،ياركەنىت تەرەپلەردە چىڭ لەشكەرلىرىگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسۈتۈپ ،ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ،ئاپغانىستان دائىرسىدىكى بەداخشانغا چېكىنگەنلىكى، بەداخشان شاھى –سۇلتان شاھ نىڭ ھىلە قىلغانلىقى ، قاتتىق ئېلىشىشلاردىن كېيىن ئىككى خوجا باشلىق نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ،ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ باداخشاننىڭ شىمالىدىكى جاھان ئاباتقا دەپنە قىلىنغانلىقى ،ئارىدىن77 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قەشقەر ھاكىمى ئىسكەندەر ۋاڭ (3) تەرىپىدىن قۇمۇل ۋاڭ بېگى ئەفرىدۇن ۋاڭ شەھەر –شەھەردىن ،ئالتۇن–كۈمۇش يىغىپ ،ئۇنى باداجشانلىقلارغا تارتۇق قىلىپ ، بۇ خوجالارنىڭ جەسەتلىرىنى ئاپغانىستاندىكى باداخشاننىڭ جاھان ئاباد دېگەن يېرىدىن قەشقەرگە يۆتكەپ ئەكىلىپ، ئاپپاق خوجا جەمەتى مازارلىقىدىكى ئەھمەد خوجا(ئىككى خوجانىڭ ئاتىسى) قەبرىسى ئايىقىغا دەپنە قىلغانلىغىغىچە بولغان ۋەقەلەربايان قىلىنغان.
گەرچە ئەسەردىكى ۋەقەلەر تەرتىۋى ،نەسەپ تەرتىۋى ،بايان قىلىش تەرتىۋى سەل ئىلگىرى –ئاخىر بۇلۇپقالغان بولسىمۇ ، ئەمما يۇرتىمىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى رىياللىقىنى چۈشۈنىۋېلىشىمىزدا يەنىلا زور ماتىرياللىق قىممىتىگە ئىگە قىممەتلىك ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.
ئىزاھات:
(1) «شەجەرىل ئىرشات»-دېگەن سۆزدىكى « شەجەرىل» سۆزى نەسەپ ،نەسەپنامە دېگەن مىنىنى بۈلدۈرسە ،« ئىرشات»-سۆزى گۇۋاھنامە دېگەن مەنىنى بۈلدۈرىدۇ .شۇڭا «شەجەرىل ئىرشات» نەسەپلەر گۇۋاھنامىسى دېگەن بولىدۇ.
(2) بۇ 6 كىشى بېيجىڭگە بارمىغان ، بەلكى شىمالىي ئۇيغۇر يۇرتىدىكى ئىلىغا كەلگەن چىڭ قۇشۇنلىرىنىڭ قۇماندانى ئامىنداۋ قېشىغا تازىمغا بارغان.
(3) قەشقەر ھاكىمى ئىسكەندەر ۋاڭ –ئەسلى تۇرپانلىق بۇلۇپ ،19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان .
بۇ ئەسەر 1990-يىلى1-ئاينىڭ 16-كۈنى «ئاقسۇ گېزىتى» 4- بەتتە ۋە «شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنېلى » 1991-يىلى 1-ساندا ئېلان قىلىنغان .
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 11 –كۈنى تورغا يوللاندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-11 06:04 PM