گۈلۈمگە مەكتۈپ ( 4-پارچە)
چوغلۇق
بۈگۈن قولۇمغا ئالمىغىنىمغا ئۇزۇن بولغان كۈندىلىك خاتىرەمنى ۋاراقلاۋېتىپ، بىر پارچە سۈرەتنى ئۇچرىتىپ قالدىم. سۈرەتتە قىرقىم چاچلىق ئوماققىنە بىر قىز بىلەن قىران ئاتا -ئانا ماڭا كۈلۈمسىرىگىنىچە قاراپ تۇراتتى. قىزچاقنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى بالىقىپ تۇراتتى، ئاتىنىڭ كۆزلىدە ئەكىس ئەتكەن پەخىرلىنىش ھېسىياتى، ئانا كۆزىدىكى قىيالماسلىق ھەم ئىپتىخارلىق تۇيغۇلىرى ئۇتتۇر كېلىپ يۈرىكىمگەسوقۇلدى. توغرا، گۈلۈم، بۇ قىزچاق ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى مەن بولىمەن، بۇ بىر جۈپ قىران ئاتا - ئانا بولسا مېنىڭ جۈپ قەدىردانىم. بۇ مېنىڭ ئۇچۇرما بولغان قۇشتەك، ئاتا-ئانام، قان-قېرىنداشلىرىم ھەمدە سەن گۈلۈمنىڭ يېنىدىن پۇررىدە قىلىپ يىراقلار ئۇچۇپ كېتىش ئالدىدىكى بىر پارچە خاتىرە سۈرەت. ‹‹ ‹‹شىنجاڭدىن 1000 ئوقۇغۇچىنى تاللاپ ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردىكىنۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقىتىدىكەن!›› مانا بۇ خەۋەر بىزنىڭ ئەسلىدىكى پىلانلىرىمىزنى بىتچىت قىلىۋەتتى. كىچىكىمدىن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئىگىلەشنى ئارزۇ قىلاتتىم. شۇڭا تىزىملاشقا كىرگەن مۇئەللىمنىڭ : ‹‹ئاتا-ئانىڭىزنىڭ مەسلىھەتىنى ئالدىڭىزمۇ؟ ئۇلار قوشۇلدىمۇ؟›› ... دىگەن سوئالىغا بېشىمنى يىنىككىنە لىڭشىتتىم. سېنىڭدىن قەتئىي ئايرىلغۇم يوق ئىدى، سەن ۋە مەن سىنىپىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان * ‹‹‹رىقابەتچىلەر›› * ئىدۇق. پەقەت تىزىملىتىشقا ماقۇل بولساڭلا، سېنىڭ ھەر قايسى تاللاشلاردىن ئۆتۈپ كېتىشىڭ ئېنىق ئىدى. سېنى ماقۇل كەلتۈرۈشكە شۇنچىلىك تىرىشتىم، ئەمما مېھرىبان ئاتا -ئاناڭ سېنىڭدەك ئارزۇلۇق قىزىنى خاتىرجەم ھالدا بېرىش تۈگۈل، ھەتتا ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان يىراق يۇرتلارغا ئەۋەتىشنى ماقۇل تاپمىدى بولغاي، ئاخىرقى تىزىملىكتە ئەسلى مېنىڭ ئسىمىمغا ياندىشىپ كېلىشكە تىگىشلىك بولغان ئىسمىڭ يوق بولۇپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ، مەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، يىراقتىكى مەنزىل تامان يۈرۈپ كەتتىم. سەن كۆزلىرىڭگە ياش ئالغان ھالدا، مېنى ئېلىپ ماڭغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس كەينىدىن قاراپ قالدىڭ. نېمىسىنى دەي، گۈلۈم؟ ئەسلى مەن قەدەم باسقان بۇ مەنزىل مەن ۋە سەن ئويلىغاندىنمۇ ئۇزۇن ئىكەن ئەمەسمۇ؟ نەچچە كۈنلۈك سەپەردىن كېيىن، پايتەختتىكى خۇددى چوڭ بىر باغچە ئارىسىغا بىر قانچە ئىمارەتنى قىستۇرۇپ قويغاندەكلا بىلىنىدىغان، ساپ ھاۋالىق، گۈزەل مەكتەپنىڭ ئازادە ھەم پاكىزە ياتىقىدا دەرىزە تۈۋىگە جايلاشقان ئۈستىنكى كارىۋاتتا يېتىۋاتقان مەن چىڭڭىدە يۇمۇلغان كۆزلىرىمنىڭ جىيەكلىرىدىن سىرغىپ چۈشىۋاتقان سۈپسۈزۈك ياش تامچىلىرى بىلەن ئاتا-ئانام، قېرىنداشلارىم، سەن ۋە يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىش ئوتىدا پىژىلداپ ئېچىشىۋاتقان يۈرىكىمنى سالقىنلىتىشقا ئۇرىنىۋاتاتتىم. شۇ كۈنى كەچتە چۈش كۆردۈم: چۈشۈمدە ئىككىمىز ئىككى تەرىپى چەكسىز ئېتىزلىقلار بىلەن ئورالغان بىر توپىلىق يولدا قول تۇتۇشۇپ كېتىۋاتىمىز، زەڭگەر ئاسمان شۇنچىلىك تىنىق، ئېتىزلىقلاردىكى بۇغداي باشاقلىرى مەيىن شامالغا جۆر بولۇپ يىنىككىنە ساماغا چۈشۈشكەنىدى. سېنىڭ شەيتانلىقىنىڭ تۇتتى بولغاي، تۇيۇقىسز مېنى غىدىقلاشقا باشلىدىڭ، مەن بولسام كۈلكەمنى باسالماي سېنىڭدىن ئۆزۈمنى ئەپقاچقىنىمچە يۈگرەشكە باشلىدىم، سەن ئارقىمدىن قوغلاۋاتاتتىڭ، مەن ساڭا تۇتۇق بەرمەيتتىم، قوڭغۇراقتەك كۈلكىمىز كۆك قەھرىدە جاراڭلايتتى، مەن سېنىڭدىن خېلىلا ئۇزاپ كەتكىمىنگە جەزىم قىلغاندىن كېيىن كۈلگىنىچە كەينىگە بۇرۇلدۇم، سېنى تازا بىر زاڭلىق قىلىۋالماقچى ئىدىم، ئەمما ....سەن قېنى ؟! ئارقامدا ھېچكىم يوق ئىدى. شامال چىپپىدە توختىدى، جاھان سۈكۈتتە تولدى، نە قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، نە بۇغداي باشاقلىرىنىڭ شىلدىرلاشلىرى، ھېچنەرسە، ھېچنەرسەئاڭلانمايتتى . تېنىمنى سۈر باستى، سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىپ توۋلاشقا باشلدىم ، ئەمما ماڭا ئۆزۈمنىڭ ئەكىس ساداسىدىن باشقا جاۋاب كەلمەيتتى. شۇنداق توۋلىغىنىمچە ئويغىنىپ كەتتىم، يۈزۈم نەم ئىدى. ياتاقدېشىم دىلدار ئەنسىرىگىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى: - ‹‹قارا بېسىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ پەسكەچۈشۈپ مەن بىلەن بىللە يېتىڭ بولمىسا›› كۆيۈنۈش بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆزلەر بىلەن تەڭ نەچچە كۈندىن بېرى مەجبۇرىي بېسىپ كەلگەن كۆز ياشلىرىم خۇددى توغىنى ئېچىۋېتىلگەن ئۆستەڭ سۈيىدەك ئېتىلىپ چىقتى، دىلدارغا يۆلىنىپ ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ تازا يىغلىدىم. شۇنىڭ بىلەن سېغىنىشلىرىم خېلىلا بېسسىقان بولدى. ئوقۇش باشلاندى، تۈرلۈك سىناق-تاللاشلاردىن ئۆتۈپ، غەلىبە دەرۋازىسىدىن ئاتلاپ، كۆڭلىگە گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن سەكسەننەپەر ئۇيغۇر قىز-ئوغلانلىرى قاتارىدا، مەنمۇ بۇ يېڭى ئوقۇش ھاياتىغا ئاستا-ئاستاسىڭىپ كەتتىم.
بۇ ئەسەر قەلەمخان چوغلۇقنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە يوللاندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sarvinazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-11 02:19 PM
|