بىز كۆيگەن قىزلار
كونىلاردىن،داستان - ھېكايىلەردىن:«ئاشىقلىقتىن شائىر چىقىدۇ يەي،ئىشىق ئۇتى ئوتقا تاشلايدۇ ۋاي،كۆيەك ئوتى ھەممىدىن يامان ئاھ-»دېگەندەك ئىبارىلەرنى پات - پات ئاڭلاپ تۇراتتىم،ھەم مۇشۇنداق ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرسەمكەن دەپ بەك ئارزۇ قىلاتتىم،تۇنجى قېتىم بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش ئەمەس ئۆزۈم يۇلۇققان ۋاقىتتا تولۇقسىزدا ئۇقۇيدىغان چاغلار،بىر قىزغا دەھشەت ئاشىق بولۇپ،كۆيەك ئوتىغا پايلىماي مۇئەللىم دەرس ئۆتىۋاتقىنى بىلەن كارىم يوق شۇ قىزغا قاراپ ناخشا توۋلايدىغان بولۇپ قالغىنىم ئىسىمدە.مەنمۇ ئاخماق ئىكەنمەن،شۇ پېتىچە ئېتىپ يۈرگەن بولسام بۇ كەمگىچە ئابدۇللا ياكى مۆمىنجان مەن بولۇپ قالاتتىم،پۇشايمانغا نېمە چارە،مۇئەللىمنىڭ بىر نەچچە قېتىم سىنىپتىن ھەيدەپ چىقىرۋىتىشى بىلەن «ۋاي بۇ كۆيەك ئوتى بولمايدىغان نەرسە ئىكەن»دەپ ئوڭشىلۋالدىم.مەنغۇ ئوڭشالدىم،بىراق شۇنىڭغا ئۈلگۈرتۈپ سىنىپتىكى بىر نەچچە ساۋاقدىشىم مىنىڭ ئاڭلىغان ئىبارىلىرىمنى ئۆز ھەركىتى بىلەن ھەقىقى ئىسپاتلاشقا باشلىدى.
بىرىنجىسى مىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ يېقىن دوستۇم بولۇپ،ئۇ مەكتەپ بويىچە تەنتەربىيەچىنىڭ ئەڭ يامىنى ئىدى،ئۇ بىزنىڭ مەكتەپتىلا ئەمەس،يېزا،كەنىت مەھەللە بويىچە ...مانا ..چېلىش دەمسىز،مۇشلاش دەمسىز،يىنىك ئاتلىتكا،ئېغىر ئاتلىتكا،توپ ئويناش،قوشقار سۇقۇشتۇرۇش،ئىت تالاشتۇرۇشتىن تارتىپ ھەممىدە بىرىنچى ئىدى.كاللىسىغا خىش چۈشۈپ كەتكەندەك بىزنىڭ سىنىپتىكى ئەڭ ئۇرۇق،ئەڭ بوش گەپ قىلدىغان،ئەڭ ئىنجىمارۇق بىر قىزغا كۆيۈپ قالسا بولىدۇ.بۇ قىزچاق ئۇنىڭدىن قورقامدۇ قانداق ئۇ ئادىشىمدىن قېچىپلا يۈردى.بۇ بىچارە بايقۇش كۆيەك ئازابىدا بۇ دەرتكە پايلىماي بىر قېتىملىق مەدەنىيەت پائالىيىتىدە ئۆزى يالغۇز تۆتى بىلەن چېلىشىپ قاۋاندەك ئەر كىشىدىن تۆتنى يىقىتىپ،كۆيەك دەردى بۇنىڭ بىلەنمۇ تۈگىمەي مەھەللىسىگە ۋاكالىتەن قوشقار سۇقاشتۇرۇش مۇسابىقىسىگە ئۆزۈم چۈشىمەن ،قوشقىرىڭنى نېرى تارت دەپ تۇرۋېلىپ بىز ئاران تەستە ئۇنى تارتىۋالغان ئىدۇق.كىم بىلسۇن ئۇ ۋاقىتتا ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ قالغىنىنى،«بۇلىدىغان بالىكەن،مەشىققە سالساق چۇقۇم ياراملىق بولۇپ چىقىدۇ»دەپ چوڭ شەھەرلەرگە ئېلىپ كەتتى،بىز بولساق كەينىدىن قاراپ قالدۇق،ئا ئىنجىمارۇق قىزۋالىمۇ يا كۈلىشىنى،يا يىغلىشىنى بىلەلمەي پوتلىسىنى ئېقىتىپ قاراپ تۇرغان بولدى.
يەنە بىرى بىزنىڭ ئۆگۈنۈش باشلىقىمىز،ئۇنىڭ ئىشلىرى قىززىق تېخى... بىزنىڭ بۇ ئۆگۈنۈش باشلىقىمىز ئىنتايىن تىرىشچان بىر ئوقۇغۇچى بولۇپ نەدىلا بولسا قولىدا كىتىاب،يولدا ماڭسىمۇ،ھاجەت قىلۋاتقاندىمۇ ھەتتا ئۇخلاۋېتىپمۇ جۆيلۈپ ئويغىنىپ كەتسە بىرەر ئىككى فورمىلا ياكى بىر ئىككى جۈمىلە خەنزۇچە خەت ئۆگۈنۋەتمىسە ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان بالا،ئەمما بۇنىڭدا ئەمگەك دېگەندىن ھېچقانداق بىر ھۆجەيرە يوقتە،قوشنا سىنىپتا ئىنتايىن بەتبەشرە،ئاۋازى ئوغۇلبالىلارنىمۇ سا ياندۇردىغان ھاجىگۈل ئىسىملىك بىر قىزبالا بولىدىغان،بىر قېتىم ئوپچە كۆچەت تىكىش ئەمگىكىدە بۇ قىزبالا ئۆگۈنۈش باشلىقىمىزنڭ ھەممىنىڭ كەينىدە قالغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بىر ياردەم قىلىپ،ھەتتا ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۆزى يالغۇز ئىككى كىشلىك ئەمگەك قىلىپ ھەممىدىن بۇرۇن ئىشىنى تۈگىتىپ ئىككىلىسى بالدۇر قويۇلۇپ بىرىلىپتۇ.شۇ ئىشتىن كېيىن بىزنىڭ بۇ كېلىشكەن،تىرىشچان،نى نى قىزلار ئوتىدا كۈيۈپ پىشىپ يۈرۈيدىغان ئۆگۈنۈش باشلىقىمىز شۇ ھاجىگۈلنى ياخشى كۈرۈپ قالسا بولىدۇ.ئەمما بۇ ھاجىگۈل ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بەك تۆۋەن چاغلىۋالغانمۇ قانداق ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلماپتۇ،سەۋەبىنى ئېيتىپ بىرىڭ دېسە گەپ تاپالماي «سىز ئىش قىلالمايدىغان بالىكەنسىز»دەپ قويغان بىر ئېغىز گىپى بىلەن «مەن ئىش قىلىشنى ئۆگۈنۈپ كېلىپ ئاندىن سىزگە تەلەپ قويىمەن»دەپ بىر چىقىپ كەتكەن بار،مەكتەپتىن،ئۆيدىن،مەھەللىدىن قېچىپ ئەڭ يىراق،ئەڭ چەت،ئەڭ چۆل بىر يېزىدا بىر دېھقاننىڭ كەينىگە كىرىپ بىر يىل ئەمگەك قىلىپ مەكتەپكە ھاجىگۈلنى ئىزدەپ كەلسە ئۇ قىز ئاللىبۇرۇن ئەرگە تىگىپ بولغان.قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى،ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمىغاندەك ئەرگە تەگكەننىڭ كەينىدىن تەگكىلى بولمايكەن ئەمەسمۇ.ئۇمۇ بۇ دەرت ئەلەمنى ئىچىگە پاتقۇزالماي،بىكار يۈرسەم ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كېتىدىكەن دەپ مەكتەپتىمۇ ئۇقۇماي،قەرزگە بۇغۇلۇپ يۈرۈپ يەر دىگەننى بۇلۇشىغا ئېلىپ،تەرەكتۇر،ھارۋا،ئات كالىلارنىڭ ئىشىدىن تارتىپ ھەممىنى ئۆز قولى بىلەن قىلىپ،تېرىلغۇدىن كۆپ پايدا ئېلىپ چوڭ بايلاردىن بولۇپ كەتتى.ھەي...مۇھەببەتنىڭ كۈچىدە بۇ ...
ئۇ دېگەن ئۆتكەن زامان،ھازىر يوق دەپ قالماڭلار،يېقىنقى زاماننىڭكىدىن بىرنى ئېتىپ بىرەي...
مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىمدە ئىشىك باقار بىر دوستۇم بۇلىدىغان،مىجەزى ئىنتايىن ياخشى،قولىمۇ بەك ئۇچۇق ھەم كېلىشكەن،چاتاق يېرى ئۇنىڭ پەقەت ۋە پەقەت مەدەنىيەت سەۋىيىسى يوقتە،بىر نەچچە قېتىم سادىر پالۋانغا ئوخشاش،ئۇنىڭ دۈشمىنىڭ بىرسى«بۇ خەتنى مۇدىرغا بىرىپ قوي»دەپ بەرسە،خەتنى ئۇقۇيالمىغاچقا ئۇدۇللا مەكتەپ مۇدىرىغا سۇنسا بۇلىدۇ.كىم بىلسۇن ئەسلى خەتنى يازغان ئادەم بۇ دوستۇمنىڭ ئىستىپانامىسىنى يېزىپ بىرىپتىكەن ئەمەسمۇ.بۇ ئىشلارغۇ ئاشكارلىنىپ ئۇنى زامانىمىزدىكى «سادىر پالۋان» دەپمۇ ئاتىۋالغان بولدۇق،كۈنلەر ئۆتۈپ بۇ دوستۇم مەكتىپىمىزگە يېڭى كەلگەن ياش،چىرايلىق بىر خانىمغا كۆيۈپ قاپتۇ،ھەتتا مەنمۇ ئۇنى «چىرايىلىق بولغاچقا مۇنداقلا قىزىقىپ قالغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتىمەن،ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە قارىسام شۇ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى ھەقىقى مۇھەببەت ھازىرمۇ بار ئىكەن ئەمەسمۇ.ئۇ خانىم ئۇنى ياراتقان بولسىمۇ بىراق قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئوقۇتقۇچى بولغاچقا «قىزىمىزنى مەدەنىيەت سەۋىيىلىك ئادەمگە بىرىمىز»دەپ تۇرۋالغان گەپ.بۇ گەپ دوستۇمنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ شۇ كۈندىن باشلاپ مېىنىڭ كەينىمگە كىرۋالدى.ئاداش ماڭا كومپيۇتېر ئۆگۈتۈپ قوي دەپ،قانداق قىلاتتىم بىر كۆيەكنى ئوتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قوياي دەپ ئىشتىن چۈشسەم ئۇنىڭغا كومپيۇتېر ئۆگۈتۈشكە باشلىدىم.ئۇمۇ ئىشلىمىگەن كۈنلىرىدە مەندىن كومپىيۇتېر ئۆگەندى،ئىشلىگەن ۋاقىتلاردا قۇلىغا دەپتەر قەلەم ئېلىپ،شۇ كۈنى بىللە دۈجۈرنىلىككە چىققان ئوقۇتقۇچىلاردىن قايسى كەسىپتە بولسا شۇ كەسىپنى ئۆگەندى،بىچارىگە ئۇيقۇ دېگەن يوقتە...قىزمۇ ئۇنىڭغا ياردەملەشتى ئەلۋەتتە...شۇنداق قىلىپ بىر يىلغا قالماي بۇ دوستۇم خېلى مەدەنىيەت سەۋىيەلىك بولۇپ قالدى،بولۇپمۇ مەن بىلەن يۈرگەن ۋاقتى كۆپ بولغاچقا كومپىيۇتېرغا خېلىلا پىششىق بولۇپ قالغان ئىدى.«ھەي،مۇنداقلا قىزىقىپ قالغان بولسا بۇ قىز ئۈچۈن بۇنچىۋالا قىلىپ كەتمەس ئىدى»دەپ ئويلىدىم كۆڭلۈمدە.ئاخىرى قانداق بولدى،؟ دەپ سورايسىز ئەلۋەتتە،بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ،قىزلار دېگەن تۇغما ۋاپاسىز كېلىدۇ - دە(باشقا جەھەتتىن ئەمەس جۇمۇ يەنە،پەقەت يىگىتلەرگىلا)ئۇ دوستۇم باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مەكتەپتىكى خىزمىتىنى تاشلاپ كۇرۇسلاردا ئۇقۇدى،ئۆزلىگىدىن ئۆگەندى،شۇنداق قىلىپ دوستۇم قىز تەرەپنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ تەلىۋىگەئاران تەستە لايىق كەلگەندە قىز ئاللىبۇرۇن باشقا بىرسى بىلەن يەنى مەن بىلەن يۈرىۋالدى.دوستۇم بولسا سەۋىيىسگە تايىنىپ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ،شەخسى مەكتەپلەردە ئىشلەپ،ئاخىرى ئۇتۇق قازىنىپ ئۆز ئالدىغا بىر مەكتەپ ئېچىپ مۇدىرلىقنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتىدۇ.مانا بۇمۇ بىز كۆيگەن قىزلارنىڭ كارامىتى ...
يۇقىردا دىيىلگەنلىرى ھېكايە تۈسىنى ئالغان بىر قانچە تەمسىل مساللار،بۇنداق مىساللار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىدا بەك كۆپ بەك كۆپ.
دېمەكچى بولغىنىم مۇھەببەتنىڭ كۈچى ھەقىقەتەن زور،يالقۇنجاپ كۆيۈۋاقتان غايەت چوڭ ئوت ئۇچقۇنىغا،دولقۇلاپ تۇرغان تاشقىن دەرياغا ئوخشايدۇ.ئۇنى توسۇشنىڭ بىرىنجى ئامىلى ئوت ۋە تاشقىن ئۆزلىگىدىن ئۆچۈپ،توختاپ قېلىشى كېرەك،ئۇنىڭدىن باشقا كۈچ ئەسلا كارغا كەلمەيدۇ.
ئاخىردە تېمىنى كۆرۈۋاتقان بارلىق تورداشلارنىڭ تنىگە سالامەتلىك تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە،ھەر قانداق بىر يات جىنىسقا مۇنداقلا قىزقش ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن ئەمەس،چىن دىلىدىن قۇربانلىق بىرەلەيدىغان ھەقىقى مۇھەببىتى بىلەن كۈيۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.شۇندىلا ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ قانچىلىك شىرىنلىقىنى،ھەقىقى كۈچىنى ھېس قىلالايسىز..
مەنبە:دوستۇمنىڭ خاتىرىسىدىن