ئۈندىداردا سالون قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش دەرىسلىكى(2) ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەرئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر،ھەممىڭلارغا كەمىنە مەشئەلدىن ئوتلۇق سالام. ئالدىنقى قىتىملىق تىمامدا ئۈندىداردا سالون قۇرۇشنى تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم،دەرسىلىك ھەجمىنىڭ بىر ئاز چوڭ بولىشى سەۋەپلىك سالون باشقۇرۇشنى ئىككىنجى قىسمىدا سۆزلەيدىغانلىقىمنى ئىيىتقان ئىدىم،ھەمدە بەك ئۇزۇنغا سوزىۋەتمەي يوللايدىغانلىقىمنى ئىيىتقان ئىدىم،ئەمما خىزمەت ئورنۇمنىڭ يۆتكىلىشى سەۋەپلىك سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم،شۇ سەۋەپلىك ئىككىنجى قىسمىنى سىلەر بىلەن ۋاقتىدا يۈز كۆرۈشتۈرەلمىدىم،بۇ سەۋەپلىك سىلەرگە ئىلىپ كەلگەن قۇلايسىزلىقلاردىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمەن،بۈگۈن قولۇم ئازراق بىكار بولۇپ بۇنىڭغا ۋاقىت چىقىپ قاپتۇ،شۇ سەۋەپلىك بۇنى يىزىپ تامالىۋىتىشنى توغرا تاپتىم،ئالدىنىقى قىتىملىق يازمام ئارقىلىق سالوننى ئوڭۇشلۇق قۇرۇپ تەييار بولغان ئەمما قانداق باشقۇرۇش ۋە تىما يوللاشنى بىلمەي بىشى قىتىپ تۇرغان دوسلار قىنى ئەمىسە دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.
بىرىنجى قەدەمدە ئۈندىدار سالون ئورگان بىتىنى ئاچىمىز،بەت ئادىرسى:
بەت ئىچىلغاندىن كىيىن ئالدىنىقى قىتىم تىزىملاتقان ھىسابات نومۇرىمىز بىلەن مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈپ كىرىمىز،رەسىمدىكىدەك:
كىرگەندىن كىيىنكى ئارقا بەت يۈزى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ:
بىز ئاۋۋال سالون باشقۇرۇشتىن بۇرۇن قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز بولسا ئالدى بىلەن سالون كودىنى ساقلىۋىلىش،بۇنىڭ نىمىگە پايدىسى بار دىگەندە باشقىلار مۇشۇ كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق سىزنىڭ سالونىڭىزنى ئىزدەپ تىپىش ۋە قوشۇۋىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ،شۇڭا سالون قۇرغۇچىغا نىسبەتەن بۇنى ساقلىۋىلىش بەك مۇھىم،بۇنى ساقلىۋىلىش ئۈچۈن ئىچىلغان بەتتىن سول تەرەپ ئەڭ ئاستىدىكى تەڭشەش يەنى (设置) دىگەن خەتنى باسىمىز،رەسىمدىكىدەك:
ئاندىن ئىچىلغان بەتنى ئەڭ ئاستىغا تارتىپ قارىساق سالوننىڭ كودى كۆرىنىدۇ،ئاندىن بىز بۇ كودنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ چىكىش ئارقىلىق بۇ كودنى ساقلاش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز،رەسىمدىكىدەك:
كودنى ساقلىۋالغاندىن كىيىن ئەمدى خاتىرجەم ھالدا سالونغا تىما يوللاش ۋە باشقۇرۇشنى باشلىساق بولىدۇ،ئالدى بىلەن سالون ئاپتوماتىك ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىنى ئىچىش ۋە ئىشلىتىشنى كۆرسىتىپ ئۆتەي،ئاپتوماتىك ئۇچۇر قايتۇرۇش دىگىنىمىز بولسا سىز باشقىلارنىڭ سالونىنى تۇنجى قىتىم قوشۇۋالغان چاغدا سالونغا ھىچقانداق ئۇچۇر يوللىماي تۇرۇپ ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغان بولىشىڭىز مۇمكىن،مەسىلەن مەرھابا،سالونىمىزغا خۇش كەپسىز،دىگەندەك،مانا بۇ ئۇچۇرلار سالون قۇرغۇچىلا تەرىپىدىن ئالدىنئالا تەڭشەپ قويۇلغان ئۇچۇرلار بولۇپ ھەر بىر يىڭى سالونغا ئەگەشكۈچى دوسلار بۇنداق ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ،بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ يەنە سالون ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرغىلى سالوننى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ،مەسىلەن،1 يوللاپ ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلارنى كۆرۈڭ دىگەندەك،سالون ئويناپ باققان تورداشلار ئاساسەن بىلىدىغۇ بۇلارنى،ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك بىز بۇنى تەڭشەش ئۈچۈن بەتنىڭ سول تەرەپ ئەڭ ئۈستىدىكى ئىقتىدار يەنى(功能) دىگەن خەتنى باسىمىزئاندىن كىيىن ئاستىدىكى تىزىملىكتىن ئالىي ئىقتىدار يەنى (高级功能) دىگەننى باسىمىز،رەسىمدىكىدەك:
ئاندىن كىيىن ئىچىلغان بەتتىن (编辑模式) دىگەن ئىقتىدارنى ئاچىمىز،(已开启) دىگەن ھالەتتە بولسا ئىچىلغان بولىدۇ،ئاندىن (进入) دىگەننى بىسىپ كىرىمىز،رەسىمدىكىدەك:
كىرگەندىن كىيىن ئىچىلغان بەتتىن تەڭشەشنى باسىمىز:
ئاندىن كىيىن ئىچىلغان كۆزنەكتىن سالوننىڭ ئاپتوماتىك ئۇچۇرىنى تەڭشەيمىز،سالوننىڭ يىڭى ئەگەشكۈچىلىرى تاپشۇرۋالدىغان ئۇچۇرنى تەڭشەش ئۈچۈن ئوڭ تەرەپتىكى ئاپتوماتىك ئۇچۇر قايتۇرۇش يەنى (自动回复消息) دىگەن خەتنى باسىمىز،ئاندىن كىيىن ئۇچۇرنى كىرگۈزىمىز:
ئۇچۇرنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن ساقلاشنى باسىمىز،رەسىمدىكىدەك:
ئاندىن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى قايتۇرۇش ئارقىلىق ئاپتوماتىك ئۇچۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى تەڭشەش ئۈچۈن (关键词自动回复) دىگەننى باسىمىز،ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىرگۈزىمىز،ناۋادا بىرلا قىتىمدا رەسىم خەت ۋە ئاۋازلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالالايدىغان قىلماقچى بولساق (回复全部) دىگەن يەرگە بەلگە ئۇرىمىز،رەسىمدىكىدەك:
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن ساقلاشنى باسىمىز:
ئەمدى بۇ ئىقتىدارنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئىچىۋالدۇق،ئەمدى ئىككىنجى قەدەمدە رەسىملىك ئۇچۇر يوللاشنى كۆرسۈتۈپ ئۆتەي رەسىملىك ئۇچۇر يوللاش ئۈچۈن (功能) نى باسىمىز،ئاندىن ئاستىدىكى تىزىملىكتىن (群发消息) نى باسىمىز:
ئاندىن كىيىن ئىچىلغان كۆزنەكتىن (图文消息) يەنى رەسىمىلىك ئۇچۇر دىگەننى باسىمىز:
ئاۋۋال تاق رەسىملىك ئۇچۇر يوللاشنى كۆرسىتىپ ئۆتەي،ئىچىلغان كۆزنەكتىن (单图消息) دىگەننى باسىمىز:
ئاندىن كىيىن ئىچىلغان بەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توشقۇزىمىز:
ئۇچۇرلارنى توشقۇزۇپ بولغاندىن (预览) نى بىسىپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ:
ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ناۋادا مەسىلە بولمىسا (保存) يەنى ساقلاشنى باسساق بولىدۇ:
ئەمدى دوسلارغا كۆپ رەسىم قىستۇرۇلغان مەزمۇن يوللاشنى كۆرسىتىپ ئۆتەي،بۇنىڭدا بولسا (新建多图文消息)دىگەننى تاللايمىز:
ئاندىن كىيىن ئىچىلغان بەتكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى توشقۇزساق بولىدۇ،ئاندىن كىيىن كۆرۈپ بىقىشنى بىسىپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ:
كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ناۋادا مەسىلە بولمىسا ساقلاشنى باسساق بولىدۇ:
ئەمدى ئەڭ ھالقىلىق يىرىگە كەلدۇق،سىزنىڭچە بىز ساقلاشنى باسقاندىن كىيىنلا سالون ئەگەشكۈچىلىرى بىز يوللىغان مەزمۇنلارنى كۆرەلەمدۇ؟ جاۋابى:ياق،ئۇنداقتا قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟بۇ ئىنتايىن ئاددى،چۈنكى سىز ئەڭ مۇھىم ۋە تەس يىرىنى قىلىپ بولدىڭىز،سىزنىڭ بايا ساقلىغان مەزمۇنلىرىڭىز ھازىر تىخى ئۈندىدار سالونىغا يوللانمىدى،ئۇنداقتا ئۇ مەزمۇنلار قەيەرگە كەتتى؟ئۇ مەزمۇنلار ھازىر ئۈندىدار ئارقا سۇپىسىدا ساقلانماقتا،بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ئابونىتلارغا كىيىنكى قىتىملىق تەھرىرلەشكە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن،سىز ناۋادا ساقلاپ بولغاندىن كىيىن ناۋادا بىرەر مەسىلە بايقىسىڭىز قايتا تەھرىرلەش ئېلىپ بارالايسىز دىگەن گەپ،ئەمدى بىز بۇنى رەسمى يوللاش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز دىگەندە ئىقتىدار يەنى (功能) دىگەننى باسىمىز،ئاندىن ئاستىدىكى تىزىملىكتىن (选择素材) دىگەننى باسىمىز،بۇنى باسقاندىن كىيىن بىز بايا قوشقان مەزمۇن كۆرىنىدۇ،ئاندىن كىيىن مەزمۇنلارنى تاللاپ بولغاندىن مۇقۇملاشنى باسساقلا مەزمۇن سالونغا يوللىنىدۇ،ئاندىن ئورگان تەرەپنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن سالوندا كۆرىنىدۇ:
ئەمسە ئۈندىداردا سالون قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش دەرىسلىكى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى،بۇ تىمام ئارقىلىق سالون قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتا قىينالغان دوسلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تەگسە مەن شۇنىڭدىن خۇشال. ئالاھىدە ئەسكەرتىش:تىمامنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرمەڭ!ناۋادا رۇخسىتىمسىز كۆچۈرگەنلەرنى بايقىسىڭىز ۋاقتىدا ماڭا خەۋەر قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن،ۋە يەنى مىنىڭ ھەقسىز ئىلان قىلغان دەرىسلىكلىرىمنى پۇلغا ساتقانلارنى بايقىسىڭىز ماڭا ئۇچۇر قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن،پاش قىلغانلارغا سۆيۈنچە بىرىلىدۇ.
ئەمسە ئاللاھقا ئامانەت،ھۆرمەت بىلەن Declan تور گۇرۇپىسى. مەنبە:ئۆزۈم يەنى Declan تور گۇرۇپىسى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maxalyigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-10 06:47 PM
|