ئېھ ،توپىلىق يول
قۇشقاچ قوندى زاغزاققا ،
تورغاي قوندى يانتاققا.
يارنى سۆيسەڭ مەھكەم سۆي،
ئورناپ كەتسۇن تامغاققا.
(دولان خەلق قوشقى )
گۈلئايشەم قىممىتى بار ھەممىلا نېمسىنى –ياشلىقىنى ،ھۆسنىنى ،ئار- نومۇسنى ....پۇلغا تىگشىشكە رازى بولدى .بۇ ئىش ئۇنىڭ غېمنى يېگۈچىلەرنىڭ غەزىۋىنى ،نارازىلقنى قوزغىغنى بىلەن ھاممىسنڭ خۇشاللىقنى ،غۇرۇرنى ئاشۇردى .ھاممىسى ئېقىۋاتقان ناندەك سالپىيىپ تۇردىغان ئىككى مەڭزىگە تېپىپ چىققان خۇشالىقنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ،ئۆيمۇ -ئۆي قاتىرىدى ۋە خرىلداق ئاۋازى بىلەن باشقىلارنى ئەيىپلەپ ،ئۆزنى ماختاپ مۇنۇ گەپلەرنى تەكرارلىدى :
-ئۆزىدىن 22 ياش چوڭ بولغىنى بىلەن ،نارەسىدە بالىدەك گول ،يېتىمدەك يۇۋاش ،مالايدەك تىنىمسىز ئادەم ئۇ ،مۇنداق ئەرگە چۈشۈۋالغان خوتۇنغا مۇھەببەتنىڭ لازىمى نېمە ؟ ياشلار بەخىت ،بەخىت دېيشىدىكەن ،چىرايلىق گەپ ،سېغىنش ،كۆيۈشۈش ...بەختىمىش .بەخىت –پۇل ! ئاڭلىمغانلار ئاڭلاپ قويسۇن ،مەن گۈلئايشەمگە يېگەن –ئىچىكەندەك ،سوقا-سەندەلدەك ،تۇرغۇزۇپ قويسا تىكلىمە تاغاردەك ،يېتىلسە ئۆكۈزدەك ،يېسە مېۋىسى تۈگىمەس دەرەختەك ئەر تاپتىم .70مىڭ كوي پۇلى بار ،تەرەپ –تەرەپكە يولى بار ،خام تاسمدەك قولى بار ،ئىككى قىز ،تۆت ئوغلى بار ،ئىككى قوتان قويى بار ،ياغاچ-ئورمان بېغى بار ،نەچچە يۈز مو يېرى بار ،يۈزى تۇتۇق ، قولى ئوچۇق ،تويغىمۇ يالاڭئاياق باردىغان ،يىغىنلارغا زاغرا تۈگۈپ ماڭدىغان گول ئەرگە تەككەن ئايال بەخىتسىز بولامدىكەن ؟ بىلىپ قويۇڭلار گۈلئايشەمنىڭ بەختى ئېچىلدى !
ئاچچىق كاساڭ قوراينىڭمۇ چىرايلىق گۈلى بولىدۇ .ۋات ۋات ئايالنىڭمۇ چىرايلىق تەسەللىسسى بار ئىكەن:
-كۆڭلۈڭنى بۇزما ،-دېدى ئۇ تىكلىمە ئەينەك ئالدىدا سىڭايان تۇرۋېلىپ ئىچىدە ياشلىقى ۋە گۈزەللىكى بىلەن خوشلىشۋاتقان مىسكىن چىراي گۈلئايشەمنىڭ كۆڭلىنى ياساپ ،-ياشلىق ئۆلمەيدۇ ،مۇھەببەت قېرىمايدۇ .قېرىغا تەگكەنگە كۈل بولۇپ توزۇيدىغان ئىش بولسا ،مەن توزىماسمىدىم .قېرى ئۆلدى ،دۆلتى قالدى .بەخىت تاپتىم .كۆڭۈل بىلەن بەخىتلىك بولدىغان بولسا ،مەن17 قېتىم بەخىتلىك بولار ئىدىم .نەدىكنى ؟ دىلىمغا 17 قاداق چۈشتى .سېنىڭ بۇ بوۋىيىڭنى خەقلەر رۇزەك بەز دەيدىكەن .ئۇ بەز بولسا سەن مۈشۈك بول ،قىزىم .ئاغزىدىن كىرىپ بۇرنىدىن چىق .بىر يىلغىچە ئۆلسە ھىچ بولمىسا بانكىدىكى 70 مىڭ كوينىڭ يېرىمى سېنڭ .ئۆلمىسىچۇ ؟ 10كويلۇق چەكتىن بىرنىلا ئېلۋالساڭ بولدى ،قالغان بەختىڭگە مەن كىپىل !
مەڭزى سالپاڭ ،ئاغزى كەمشۈك ۋات-ۋات موماي قاڭسىق گەپلىرى بىلەن گۈلئايشەمنىڭ چىرايدىكى مىسكىنلىك ئورنىغا خوشلۇق ئېلىپ كەلدى .ئەمدىلا 30 دىن ھالقىغان قىران جۇۋان ئەمدى بوۋايغا ئايال بولدىغانلىغنى تامامەن ئۇنتۇدى –دە ،بولغۇسى دۆلەت ،يەنى پۇل ،غوجايىن بولۇش ئارزۇسى مەست قىلشقا باشلىدى .ئۇ شۇ مەستلىكىنڭ كۈچى بىلەن بۈگۈن دىدارلىشدىغان لايىقىنڭ تۆردىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن گۈزەل چىراي ۋە ئەۋرىشىم سۇمباتنىڭ قىممىتنى ئاشۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى ...
ئۇ پەدەزدىن كېيىن ھاممىسنڭ ئالدىغا چىقتى :
-بوپتىمەنمۇ ،ھامما؟
-گۈلدەك ئېچىلىپ سەن قىزىم .جەننەتنىڭ ھۆرلىرى بىكار قالسۇن ئالدىڭدا ،مەن روزەك بەزگە خەۋەر قىلاي ،بۈگۈن توي خېتى ئېلىڭلار !
ھاممسى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ،گۈلئايشەمنىڭ يەنە كۆڭلى بۇزۇلدى .مۇشۇ ھۆسنى بىلەن كۆرۈمسىز ، بىلىمسىز ،ئەڭ يامنى مۇھەببەتسىز ؛ئالتە بالا ۋە كېلىن نەۋرىسى بار قوپال دىھقانغا ئايال بولىدۇ .ئۇنىڭ پۇل ۋە دۆلتىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش ئۈچۈن ئار –نومۇسى ،ۋىجداننىمۇ ساتىدۇ .ئۇ نېملا بولمىسۇن 7-سىنىپنى تۈگەتكەن خىلى جىق رومانلارنى ئوقۇغان ،ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ھۆكىمەت ئورۇنلىرىدا ئشلەۋاتقان تونۇش –بىلىش ،دوستلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن ،بىرىنجى ئېردىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي،خورلۇق تارتقىنى ئۈچۈن ،ئۆزىگە ئىش-پەش تارتقان نۇرغۇن يىگتلەرگە قاپاق ئاچمىغان، سەۋىر –تاقەت ۋە يوقسۇزچىلىققا كۆنگەن ئايال تۇرۇپ،يەنە نېمشقا پۇلغا ئۆزىنى ئاتتى؟ ھاممسى ئازدۇردىمۇ؟ ھلھەم بولسىمۇ يېنۋالسا بولدىغۇ؟شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قولغا نۇرغۇن پۇل تۇتقان نادان دىھقان كەلدى –دە، تىزىق –تىزىق پۇل ئۇنى يەنە قىزىقتۇردى ؛70-80مىڭ كوي نەق پۇلى بارمىش، يەنە ئۇلار يالاڭئاياق يۈرەرمىش،تامىقى زاغرا بىلەن قېتىقمىش .پۇل تېپىشنى بىلەرمىش،خەجلەشنى ئۇقمايمىش.مېنىڭ ۋەزىپەم پۇل خەجلەش،پاھ،بۇنداق ئاسان ئىشقا كىم يۈگۈرمىسۇن،ئۇ شۇلارنى ئويلىدى-دە،بۇ قىتىم ئالدىنقى نىكاسىنڭ تەتۈرسىنى قىلماقچى بولدى .بۇ قېتىم كۆڭلى،ۋىجدانى ئۇنى باشقۇرغان،لىكىن ئۇ خورلانغان،بۈگۈنچۇ؟ كۆڭلى،ۋىجدانى ئۇ ئەيىپلىمەكتە،لىكىن ئۇ بۇ قېتىم ئۆزنى نېملا بولمىسۇن تەۋەككۇل قېلىپ نەپسىگە تاپشۇردى ...
داۋامى تىما تەستىقلانغاندىن كىيىن ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا amarjan911 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-10 03:49 PM