مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9271|ئىنكاس: 52

ئۈرۈمچىدە بىر قىزنى كۆردۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105658
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 99
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2014-4-4
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 02:35:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.


ئۈرۈمچىدە بىر قىزنى كۆردۇم...


مەن تۇققان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە باردىم. ئۈرۈمچى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلب قىلىدىغان شەھەر ئىدى. ئۇ يەردە بىلىم ئېلىشقا كەڭرى شارائىت ۋە پۇرسەتلەر تولۇپ تاشقانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئازغۇنلۇق، ئەيش-ئىشرەت ئىزدەپ يۈرگەنلەرگە ئەڭ نەمۇنىچى شەھەر بولالايتتى. ئۇ يەردىكى كىشىلەر ھەر بىر قەدەمنى بىكارغا ماڭمايدىغاندەك قىلاتتى. ئاق مەسجىت ئالدى ئەتراپىدىكى ھەدە-سىڭىللىرىمىزنىڭ تىجارەت قىلىش ئۈچۈن سوغۇقتا تىترەت تۇرىشى ئادەمنى ئاچچىق ئويغا سالاتتى. جۈمە كۈنلىرى مەسجىت ئالدىدا ھەرخىل جەيناماز سېتىۋاتقان سەبى ئىنىلىرىمىزنىڭ مىسكىن چىرايىدا قانداقتۇر بىلىپ بولمايدىغان غەم-تەشۋىش باردەك قىلاتتى. ئۈرۈمچىنىڭ ئاچچىق سوغۇقلىرى ئۇلارنىڭ چىھرىگە نەشتەر كەبى سانجىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ مىسكىن، غەمكىن تۈسكە كەلتۈرۈپ قويغانىدى.
ئاھ، ئۈرۈمچى سىنىڭ ئاچچىق سوغۇقلىرىڭ ئاجىز غەمكىن قەلبلەرگە نەشتەر بولۇپ سانجىلماقتا. ئارزۇ-ئۈمۈتلەر ئىلكىدە خىرە يۇرىغان كۆزلەر سىنىڭ سوغۇقلىرىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي يۇمۇلماقتا. يا رەببىم، ئۈرۈمچى ئەھلىگە ئامانلىق بەرگەيسەن!
دوستوم ئەسىر نامازدىن كىين ئاق مەسجىت ئالدىدا ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىيتقانىدى. مەن نامازغا ئۈلگۈرۈپ ۋاقتىدا بېرىپ بولدۇم. نامازدىن كىين ئىككىمىز تولىمۇ گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىشىۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىز ئۇ ئۆزىنى مەسجىتكە يېقىن يەردە بىر قىزنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بەك ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېتىپ بەردى.
مەن ئۇنىڭدىن نېمە ئىش؟ قانداق ئىش بولغانىدى؟ ئېنىق دېگىن دەپ سورىدىم.
ئۇ سۆزىنى تۆۋەندىكىلەردىن باشلىدى:
"مەن ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا غۇلجىدىكى ھەدەم دىمەتلىك بىر ھەمشېرەم تېلىفۇن قىلىپ، سىڭلىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنى ئىزدەپ تاپالمايۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ چ چ نومۇرىنى دەپ بەرسە مىنىڭ ئىزدەپ بېقىشىمنى ئۆتۈندى. مەنمۇ جىق ئويلاپ يۈرمەي ماقول بولدۇم.
نەچچە قىتىم ئۇچۇر يېزىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئاخىرى جاۋاپ كەلدى. باشتا ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، ئۇنى ئۆزۇمگە ئىشەندۈردۈم، چۈنكى ئۇ مىنى تونۇمايتتى. قىسقا مەزگىل پاراڭلاشقاندىن كىين ئۇنىڭ ئاللىقانداقتۇر تىل تۇتۇقچىلىقى بارلىقىنى بىلدىم. ئۇنىڭغا- قايتا-قايتا قانداق ئىشىڭىز بولسا ماڭا دەڭ، قولۇمدىن كېلىشچە ياردەم قىلىمەن دەپ ئاخىرى قايىل قىلدىم.
كاشكى شۇ چاغدا ئاڭلىغانلىرىم يالغان بولسىكەنچۇ!  ئاڭلىغىنىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. ئۇ ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن كامىرانى ئاچتى. كۆرگىنىم نېمە بولسۇن! شۇنچە چىرايلىق بىر سەبى قىز، ئەمدىلەتىن 16 ياشنىڭ قارسىنى ئالغان قىز, ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدا تاياق، يارا ئىزى بارىدى. چۈنكى ئۇنى ئىچكىرى-ئۆلكىدىكى قارا گورۇھلار بۇلاپ قىچىپ مەجبۇرى ھالدا ئوغۇرلۇققا سالغانىكەن. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ: ئاكا مىنى قۇتۇلدۈرۋېلىڭ، جىنىم ئاكا، مەن نەچچە قىتىم قاچتىم، يەنە تۇتۇلۇپ قىلىپ جىق تاياق يەپ كەتتىم دەپ يىغىلاشقا باشلىدى.
ئىچىم ئاغرىدى، كۆڭلۈم پەرىشان بولدى، مىللىتىم قىزى يات ئەللەردە ئۆز مىللىتى تەرەپتىن خورلانسا يۈرۈگۈم ئىچىشماي قالسۇنمۇ؟
مەن: سىڭلىم سىزنى ئاللاھ خالىسا چوقۇم قايتۇرۇپ ئەكىلىمەن دەپ ۋەدە بەردىم.
توردىن چىكىنگەندىن كىين گۇڭگا خىياللار مىنى چىرمىۋالدى. قانداق قۇتۇلدۇرمەن؟ قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئاخىرى ئويلاپ يەتتىمكى، ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىدىغان بىر دوستۇم بارىدى، ئۇنىڭ بىلەن مەسلەھەتلىشىپ ھەل قىلىش قارارىغا كېلىپ، دەرھال تېلىفۇن قىلدىم. ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى تەپسىلى دېدىم، ئۇمۇ خاتىرجەم بول، نەچچە پۇل چىقىم كەتسە مەيلى، چوقۇم قايتۇرۇپ ئەكىلىمىز، سەن ئالدى بىلەن گورۇھ لوبىننىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى سورىۋال دېدى.
مەن ئۇ قىزنىڭ تورغا چىقىشىنى ساقلىدىم، ئاخىرى ئۇ تورغا چىقتى، ئۇنىڭغا ئامال تېپىلغانلىقىنى، لوبىننىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى دەپ بېرىشىنى دېدىم، ئۇمۇ تىزلا قوشۇلۇپ دەپ بەردى.
شۇ كۈنى ئىچكىرىدىكى دوستۇم ئۇنىڭ لوبىنىگە تېلىفۇن قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىچكىرىدە قاتتىق نامى بارلىقىنى، قولىدىن ھەر قانداق يامانلىقنىڭ كېلىدىغانلىقىنى، ناۋادا ئۇ قىزنى ھازىرلا قويىۋەتمىسە، ئۇنىڭ گورۇھلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ھەتتا باللىرىنى ئۆلتۈرۋېتىدىغانلىقىنى ئېتىپ تەھدىت ساپتۇ. ئاللاھ ئاسانلىق بەرسە ھەممە ئىش قىين ئەمەسكەن. گورۇھ باشلىقى توساتتىن ئاڭلىغان بۇ تەھدىتتىن قاتتىق قورقۇپ كېتىپ، ئۇ قىزنى بىر پۇڭ ئالماي قويىۋېتىدىغانلىقىنى ئېتىپ بېكەتكە ئەكىلىپ قويۇپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن دوستۇم ئۇنى ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ يەردە ھېچنىمىسى بولمىغاچ مەن ئالدىغا چىقتىم. ئۇ قايتىپ كەلگىنىگە خوشال بولغان بولسا كېرەك، ئەتراپقا قانماي قارايتتى.
تاماقتىن كىين ئۇنى ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويماقچى بولۇپ، بېكەتكە ئەكەلدىم. ئەمما كىم بىلسۇن! ئۇ قەتتى كەتگىلى ئۇنىمىدى، ئۆيگە بارسا دادىسىنىڭ، ئاپىسىنىڭ قاتتىق ئۇردىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇيگە قايتماسلىقىنى، ئەگەر بەك زورلىسام قېچىپ كېتىدىغانلىقنى ئېتىپ ماشىنىغا چىققىلى ئۇنىمىدى.
ئاخىرى ئۇنى ئۇيگە ئاپىرىش ئۈچۈن ئۆزۇم بارمىسام بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم. مەجبۇرى دېگۈدەك ماشىنىغا چىقىرىپ ئۇنى ئۆزۈم بىرگە ئېلىپ ماڭدىم.
بىز غۇلجىغا چۈشكەندە يېرىم كىچە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بۇ ۋاقىتتا ئۆيگە ھەرگىز بارمايدىغانلىقىنى، ياتاقتا يېتىپ تاڭ ئاتقاندا ئاندىن بارىدىغانلىقىنى ئېتىپ چىڭ تۇرىۋالدى. ئامالسىز ماقول بولدۇم، ئىككى ياتاق ئاچسام، بايامقى قېچىپ كېتىش دېگەن سۆزى كاللامغا كىرېۋىلىپ، شۇڭا بىر ياتاق ئاچتىم. بىلدىمكى، ئىمان شۇنداق گۈزەل ئىكەنكى ئەگەر بىراۋدا ھەقىقى ئىمان بولسا، گۈزەللەر ئالدىدا تۇرسىمۇ مەھلىيا بولۇپ ئىمانىنى يوقتىپ قويمايدىكەن. ماھىيەتتە ئۇ جەمئىيەتتىكى قىزلارغا ئوخشاش تار كىيىم-كيچەك كىيىدىغان ۋە باشتاق يۈرىدىغان بىر قىز ئىدى. مىنىڭ كۆڭلۈمگە ھېچقانداق غەيرى خىيال كەلمىدى. ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇنكى،ھيرىپ ھارغىنلىقتا بىر ئۇخلىغان پىتى سەھەردە تۇرۇپتىمەن.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇنى ئۇرۇپ يۈرمەسلىكىنى تاپلىغاچ ئاپىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۆيۈمنى بىر كۆرىۋېتىپ قايتىپ كەلدىم. قىلغان ساۋاپلىق ئىشىمغا خۇرسەن بولدۇم، ئەمما بەزىدە ئۇنىڭ بىر قىتىم تېلىفۇن قىلىپ، ئاكا سىزگە رەھمەت دەپ قويىشىنى ئۈمۈتمۇ قىلدىم. ئەمما ئۇ بىر قىتىممۇ تېلىفۇن قىلىپ رەھمەت ئېتىپ باقمىدى.
كىين بىر ئاي ئەتراپىدا ئۆتكەندە تېلىفۇن قىلىپ، ئاكا پۇل سېلىپ بەرسىڭىز جىددى لازىم بوپ قالغانىدى دېدى، ماقول بولۇپ سېلىپ بەردىم. ئەمما شۇنىڭدىن كىين يەنە رەھمەت يوق. تېلىفۇنمۇ يوق. يەنە بىر ئاي ئۆتكەندە تېلىفۇن قىلىپتۇ، بۇ قىتىممۇ ئوخشاش، ۋاي ئاكا پۇل سېلىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ، ھەممە ئىشىم پۇلغا قاراشلىق بوپ قالدى دېدى. مۇھىم ئىشى بولسا قېلىۋالسۇن، پۇل دېگەننى تاپقىلى بولىدۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ سېلىپ بەردىم. نەتىجە ئوخشاش رەھمىتىمۇ بولمىدى. تولىمۇ كۆڭلۈمگە كەلدى.
شۇنىڭدىن كىين مىنى چوڭ بېلىپ، ياخشى دەپ ئىزلەۋاتامدۇ؟ ياكى بانكا ھېساۋاتىغا ئوخشىتىپ قالدىمۇ؟ ئويلايدىغان بوپ قالدىم. ئەمدى تېلىفۇن قىلسا پۇل سېلىپ بەرمەسلىك قارارىغا كەلدىم. تېلىفۇن قىلمىدى. لېكىن ئۆزى كەپتۇ. ئۆيدى قېچىپ چىقتىم، ئۈرۈمچىدە كۇرستا تۇرك تىلى ئۆگىنىمەن دەيدۇ. جىق نەسىھەت قىلدىم. بۇ يەردە تۇنۇش ياكى تۇققانلىرىڭىز بولمىسا قانداق ئوقۇيسىز؟ ئەڭ ياخشىسى كېتىڭ. ياكى ئورىنىپ چىرايلىق يۈرۈڭ. دىندا ئوقۇتىدىغان قىزلار بار ئەكىرىپ قوياي دېسەم ئۇنىمىدى...."
دوستۇم مۇشۇ سۆزلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ بولۇپ، ماڭا سەن ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ باققىن دېدى. ماقول بولدۇم.
ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشتۇق، كۇرۇشتۇق ئەمەس، كۆردۇم دېسەممۇ بولىدۇ.... ئۇ بوي تۇرىقى ۋىجىك، ئاق پىشماق 16 ياشقا كىرگەن چىرايلىق بىر قىز ئىدى. ئەمما مەن ھەيران قالدىم. ئىچكىرىدىن ئاران تەستە قايتىپ كېلىپ يەنە يامانلىق قىلىپ يۈرەمدىغاندۇ؟ بۇ قىز كىچىكىدىن يامانمۇ؟ يېشى شۈنچە كىچىك تۇرۇپ، غۇلجىدىن، ئۈرۈمچىگە نېمە ئۈچۈن قىچىپ كېلىدۇ؟! ھەرخىل چىگىش خىياللار...
مەن ئۇنىڭغا ئاتىلار سۆزى، ۋە ھەدىس، ئايەتدىن تەسىرلىك قۇرلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتىم. ئۇنىڭغا قارغانسىرى يۈرۈگۈم ئاچچىق بولاتتى. ئۇ گىپىمنى ئىلىك ئالىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئاخىرى ئۇنىڭغا سىز پەقەت بىر ھەپتە چىرايلىق ئورىنىپ، دىندا ئوقۇپ بېقىڭ. قىزلارنىڭ قېشىغا ئەكىرىپ قوياي. بىر ھەپتىدىن كىين سىزگە دىندا ئوقۇش يارمىسا ياكى ئورنىشنى ياقتۇرمىسىڭىز، ئاندىن ياتاقتا يىتىپ كۇرىستا ئوقۇڭ دېدىم.
ئۇ مۇتلەق ئۇنىمىدى. شۇنچە تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلسام ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى قولىدىكى بىر پارچە گىزىتتىن بېشىنى كۆتۈرمەسلىك بولدى. گەپ قىلىشتىن توختىدىم. گەپ كار قىلمايتتى. دوستۇمغا قاراپ ئامال يوق دېگەندەك ئىشارەت قىلدىم. ئۇ بۈگۈن بىزنىڭكىدە قونۇپ قېلىڭ، ئۆيدە ھەدەم بار، ئەتىنىڭ ئىشىنى ئەتە دېيىشەيلى دېدى. ئۇ يەنىلا قوشۇلمىدى. دوستۇم يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇنداق بولسا ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، بۇ پۇلنى ئىشلىتەرسىز دەپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
بىز قايتتۇق، ئەمما ئۇ ياتاق، ياكى تورخانىدا يىتىپ قالماقچى ئىدى. يولدا كېتىۋېتىپ يۈرەك ئىچىشتى، قاراپ تۇرۇپ بىر قىزنىڭ زالالەت يولدا مېڭىشىنى توسۇيالمىدوق. كېتىپ بارىمىز. ئەممە ۋىجدان ئازابى بىزنى چىرمايتتى. بىر ئاز ماڭغاندىن كىين كەينىمىزگە قايتىپ ئۇنى ئىزدىدوق. لېكىن تاپالمىدوق. بىر ھازا سۈكۈت ئىلكىدە يۈردۇق.
ھەي ئۈرۈمچى سىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ نېمە دېگەن قالتىس-ھە. سەن ئۈچۈن ئائىلىدىن ئايرىلغان، سەن ئۈچۈن ئۆيىدىن قىچىپ چىققان... ئۇ شۇ تاپتا نەدە نېمىلەرنى قىلىۋاتقاندۇ؟ يۈرۈگى پۈچلانغانمىدۇ؟ كىملەر بوزەك قىلىۋاتقاندۇ؟ يا رەببىم، ئۆزئۈڭ ئىگە بولغايسەن!
ئويلاپ قالدىم، بەزى ئىشلارنى بىلگەندىن بىلمىگەن ياخشىمۇ نېمە؟ ھىدايەتنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قىتىم قايتا تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم.
ھازىرغا قەدەر ھەرخىل چىگىش خىياللار....تاپقان تەقدىردىمۇ نېمە قىلالايمىز؟

2013-12-30-كۈنى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-10 05:21 PM  


يىغلىغان كىشى، كۈلۈشنىمۇ بىلىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97985
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2013-9-19
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 02:54:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راس بولغان ئىشلارمۇ يا . ئاشۇنداق قىزلارغا توغرا ياشاشنى كۆرسرىتىپ بىرەلمەي ھىكايە سۆزلىگەننىڭ پايدىسى يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105658
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 99
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2014-4-4
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 02:59:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wogzal يوللىغان ۋاقتى  2014-4-10 02:54 PM
بۇ راس بولغان ئىشلارمۇ يا . ئاشۇنداق قىزلارغا توغرا ياش ...

ئەلۋەتتە راست بولغان ئىش. مەن ئۆز ۆۈزم بىلەن كۆردىم ھەم ئۇنىڭغا نۇرغۇن نەسىھەتنى قىلىپمۇ باقدىم.  راست بولغانلىقى ئۈچۈن يازمىغا قىلچە يالغان ئارلاشمىسۇن دەپ يالغانلاردىن دىيالوگ قېتىپ دەبدەبىلىك ئەسەر قىلىشقا رايىم بارمىدى. ھازىرمۇ ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمەن، ئۇ قىزنىڭ ئاپىسى ئۈرۈمچىگە نەچچە قىتىم بېرىپتۇ. پايدىسى بولماپتۇ. ئادەمگە نەسىھەت كار قىلمىسا، ھېسداشلىق قىلغاننىڭ پايدىسى بولمايدىكەن. شۇ كۈنى ئۇ باشقا ياققا ماڭدى. بىز باشقا ياققا. لېكىن، قاراپ تۇرۇپ توسالمىدوق. نەسىھەت قىلدوق. لېكىن ئۇرۇشنىڭ ئورنى يوقتە. يا رەببىم قىز-ئاياللىرىمىزغا ئۆزۈڭ ئىمان، شەرمى-ھايا ئاتا قىلغايسەن...

يىغلىغان كىشى، كۈلۈشنىمۇ بىلىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103400
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2348
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 03:01:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رازى بولسۇن بۇ قىسسەنى جىق ئوقۇپ مەن .
شۇندادىمۇ يەنە بى قېتىم ئوقۋەتتىم.
راس بولغان ئىش بۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 03:06:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا بەك تەسىرلىك ئىكەن ....
ئۇنداق بالىلارنىڭ خاتا يولغا كىرىپ قېلىشى بەلكىم ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن  كېلىپ چىقىشى مومكىن،،،،
ياخشى تىما يوللاپسىز ،،،،ھارماڭ،،

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99964
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2013-11-23
ئاخىرقى: 2014-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 03:16:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏‏اللە ئىنساپ بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 03:17:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏راستلا ئائىلە تەربىيىسىدە مەسىلە بار ئىكەن،بىر قېتىم قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ياخشىراق قارىمامدۇ دەيمەن،ئاشۇنداق قىزلارغا ئىنساپ ،ھىدايەت تىلەيمەن،شۇلارنىڭ قەلبىگە ئىمان ئۇرۇقى چېچىلغان بولسىدى،ئۇنداق يولدىن تەبىئي قايتىپ كېلەتتى،(لوبىنى دىگەن سۆزنى خوجايىنى دىگەن سۆزگە ئالماشتۇرۋەتكەيسىز)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 476 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 03:18:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيۋى ئەھمىيتى زور ياخشى ئەسەركەن!

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 03:21:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تۈرك تىلى ئۆگۈنىمەن دىگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا بىرەر شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن بولساڭلار تىل ئۆگۈنۈش جەريانىدا بەلكىم كاللىسىدا ئازراق بولسىمۇ تەپەككۇر پەيدا بولسا ئادەم بولۇش ھەم ھاياتلىق توغرىلىقمۇ ئويلىنىپ قالار بولغىيتتى،لىكىن شارائىت يار بەرمەپتۇ ئەمەسمۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   masrura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-10 03:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 476 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 03:21:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TAXNAI2 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-10 03:06 PM
راسلا بەك تەسىرلىك ئىكەن ....
ئۇنداق بالىلارنىڭ خاتا يول ...

مەسلىگە بىر خىل نوقتىنەزەر بىلەن يەكۈن چىقارماڭ؟ دەۋاتمامدۇ باشقىلار ئالداپ ئىچكىرى ئۆلكىگە ئاپىرىپ يامان ئىش قىلغۇزۇپتۇ دەپ....... كىچىكىدىن ياخشى ئەخلاقلىق چوڭ بولغان ئەمدىلا 7،8 ياشقا كىرىپ قالغان بىر قىزنى باشقىلار ئالداپ موشۇنداق خاتا يولغا كىرگۈزۈپ قويسىمۇ ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيسىدىن كۆرىمىزمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش