سەن كىم؟ قايسى ماكاندا ۋە قايسى زاماندا ياشايسەن،بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ ئىدى.ئىزدەيتىم، ئىزدەيتىم،پەسىللەردىن سېنى سورايتىم.قېرشقاندەك سېنى زىنھار تاپالمايتىم،قەلبىم چىدىغۇسىز ئازاپلارغا تولاتتى.
ھاياتىمنىڭ بەشىنجى پەسىلدە كىملەردۇر قەلىب دەرىزەمنى چېكشىتى.ئەپسۇس،ئۇ يەنىلا سەن ئەمەس ئىدىڭ.شۇڭا سەن بۇ دۇنيادا،مۇشۇ رىئال ھايات قويىندا مەۋجۇت ئەمەستەك تۇيۇلاتتى.ھالبۇكى،يۈرىكىمنىڭ رامكىسغا مۇقەددەس ئوبرازىڭ سىزىلغان بولۇپ،ئۇ مېنى ئارامىمدا قويماي داۋاملىق سېنى ئىزدەشىكە ئۈندەيتى ،مەن ئازاپ ئىلكىدە پۇچۇلىناتتىم.ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۆجىزە يۈز بەردى.سەن كۆز ئالدىمدا مېنىڭ تەسەۋۋۇرىمدىكدىنمۇ نۇرانە قىياپەت بىلەن پەيدا بولدۇڭ.سېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭ ماڭا چەكسز خۇشاللىقلارنى بەخىش ئەتتى.شۇغىنسى،سەن مېنىڭ سۆيگۈم ئالدىدا تېڭرقاپ قالدىڭ.مەن سۆيگۈ بابىدا مسالى بىر سەرسان تىلەمچى ئىدىم،سېنىڭ ماڭا سۆيگۈ بېرىشڭنى تىلەيتىم،سەن بولساڭ بۇ تىلەمچىنىڭ دەرۋازاڭدىن كىرۋىلشغا يول قويمايتىڭ.ئەسەبىي سۆيگۈ ئادەمنى غەلتە ،سەۋدايىدەك قىلىپ قويىدىكەن.مەن قىزلىق ئار-نۇمۇسنىمۇ قايرىپ قويۇپ بارلىق جۈرئىتىم بىلەن بۇ دەرۋازنى توختىماي چىكەتتىم.سەن دەرۋازاڭنى مەندىن قاچۇرۇپلا تاقىۋالماق بولاتتىڭ.ئەي يىگىت،مېنى ئارقامغا ياندۇرىمەن دەپ ئارتۇقچەئاۋارە بولما.
سېنى ئۇچراتقان ئاشۇ كۈنىدىن ئىتبارەن ئۆزۈم ئۆزۈم ئەمەس بولۇپ قالدىم.مەن ئۆزۈمنى خۇددى رىۋايەتتىكى ھۆر-پەرىلەردەك سېزىپ يوللرىڭنى كېزەتتىم.
مېنىڭ ھاياتىم،ھۆرمەت،باراۋەرلىك،ئەركىنلىك،غايە،ئىتقاد،ھەممە-ھەممسى مېنىڭ ئاشۇ يالقۇنلۇق مۇھەببىتىمگە سىڭىپ كەتكەنىدى،سەن قەلىبمدىكى بىردىنىبر،شاھىنشاھ ئوبراز ئىدىڭ.سېنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆلۈم ھساپلايمەن،چۈنكى سېنىڭ ئىشقىڭدا ئەقلىمنى يوقىتىپ،راسىتنلا بىر سەۋدايىغا ياكى بىر تىلەمچىگە ئايلىنىپ قالغانىدىم.ھەر كۈنى مۇبارەك ھۇجراڭغا سۆيگۈ تىلەپ بارىمەن،سەن ماڭا ئىللىق تەبەسسۇم ئاتا قىلساڭمۇ قەلىب دەرۋازاڭ ھېلىھەم مەھكەم تاقالغان.قەلىبىڭدە باشىقا بىر دۇنيا،ئۇ بولسمۇ دات باسقان ئەقىلدىن پۈتكەن غايە دۇنياسى،بارلىقىڭ ئاشۇ غايە ئۈچۈن ئاتالغان.سەن ئاڭابولغان چەكسز تەلپۈنۈش تۈپەيلى مېنىڭ ساڭا بولغان چىن ئىتقادىمنى چۈشىنش ئىقىتداردىن مەھرۇم بولغان. مەن سېنى-سۆيگۈ ئالدىدا ھىچنەرسنى سەزمەس بولۇپ قالغان بىر يىگتنى ئۇنتۇش،قەلبمدىن سىقىپ چىقىرش ئۈچۈن ئۆزۈم بىلەن شەپقەتسىزلەرچە ئېلىشمەن،ساڭا بولغان سۆيگۈم سېنڭدىن ئايرىلشنى ئىزدەۋاتقان يەنە بىر ئۆزۈم ئۈستىدىن ھامان غالىپ كېلىدۇ،ھسىياتىم داۋاملىق ئەقلىمنى شەيتاندەك ئىزىقتۇرۇپتۇرىدۇ،مەن سېنى قەلىب كۆزۈم،روھىي كومپاسلرىم ئارقىلىق ئىزدىگەنىدىم،بىراق سەن مېنىڭ ھىسياتىمنىڭ شاھىغا ئايلىنىپ ھەر ۋاقىت مېنىڭ تۇيغۇلىرىمنى قاتتىق كونىترول قىلۋالغانىدىڭ.مەن ساڭا ئۆمۈر بويى غايىبانە تەلپۈنۈپ ئاشىق بىقارار بولغىنم ئۈچۈن ساڭا تەشنا،ساڭا زارا ئىدىم.سەن ئۆز غايەڭ يولىدا مېنىڭ توسالغۇ ،ھەتتا يۈك بولۇپ قېلىشىمدىن قورقۇپ ھامان مېنى قەسرىڭدىن قوغلايتىڭ،قانلرىم قۇتراپ,غالجىرلىقىم تۇتقانسىرى ساڭا ئۆز ۋۇجۇدۇمدىكى بىر ئىبلىس ماڭا چىرمىشۋالغان،مەن قۇتۇلۇشنى شۇنچە ئويلساممۇ قۇتۇلۇشقا ئاجىزلىق قىلۋاتقان بىر ئىبلىس قاتارىدا دەھشەت ئۆچ بولۇپ كىتەتتىم،بىراق بۇلار يەنىلا سېنى سۆيۈش تۇيغۇمنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۇرۇپ باراتتى،مەن چەكسىز سۆيۈنۈش ئىلكدە سېنىڭ ئىشقىڭ ئۈچۈن غالىپلارچە قەدەم تاشلايتىم. بۇ دۇنيا تولمۇ گۈزەل.ئۇنىڭدا يۇلتۇزكەبى ئادەملەر خۇددى قۇياش بىلەن ئاي،ئاسمان بىلەن زىمىن ۋەباشقا ئانا تەبىئەت قويندىكى بارلىق نەرسلەرنىڭ بىرنىمۇ جۈپسز،تاق ياراتمىغىندەك جۈپ-جۈپى بىلەن بەخت دېڭزغا چۆمۈلۈپ ياتىدۇ.ھالبۇكى،ئۇلار بىزگە دۇشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارشىدۇ.ئۇ كىشلەرلا ئەمەس،ھەتتا پاك ئانا تەبىئەت،بارلىق تاشقى دۇنيانىڭ ھەممسى بىر بىلەن ئەتەي قېرشۋاتقاندەك بىزگە،بىزنىڭ سۆيگۈمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ،شۇنىڭغا ھەيرانمەن،مەن نېمە دەپ داۋاملىق باشقلارنىڭ دىققەت مەركىزى بولۇپلا ياشايدىغاندىمەن؟مەن توسقۇنلۇقلارنى بۆسۈپ تاشلاش ئۈچۈن غالجرلىشمەن.ئەپسۇس،سەن پەقەت غايەڭ ئۈچۈنلا غالجرلاشقان ماشنا ئادەمسەن.مەن مۇھەببەت ئالىمىدە سېنى شۇنچە مۇقەددەس بىلسەم،سەن مېنى ئاشۇ ئەرزىمەس غايەڭ ئالدىدا خەسچلىك كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايسەن،ئېيتقىنا،چىن-مۇھەببەت نىمشقا كشى ئۈچۈن مەڭگۈ تەلپۈنىدىغان بۈيۈك غايە بولالمغۇدەك؟!سېنىڭ سۆيگۈ قامۇسڭغا نېملەرنىڭ يېزىلغانلقى ماڭا ئايدىڭ ئەمەس.قامۇسىڭنى ماڭابەر!ماڭا قۇرۇق باھانە كۆرسىتمەن دەپ دەپ ئارتۇقچە ئاۋارە بولما.سەم مېنىڭ جىسممنىڭ ھۆكۈمرانى،سەن مېنىڭ روھىمنىڭ ھۆكۈمرانى،بۇ دۇنيا ھىچنەرسە سېنىڭ قەلىبمدىكى ئورنۇڭنى باسالمايدۇ. مېنىڭ بارلىق كەچىمشىم،مېنىڭ بارلىق ئۆتمۈشۈم سېنى .ئىزدەش يولۇمدىكى شاھىدۇر.كۆز ياشلرىمنى بارماقلرىڭ بىلەن ئاستاغىنە سۈرتۋەت،قەلىب دەرۋازاڭنى مەن ئۈچۈن كەڭ ئېچۋەت!
تەنھالقىم دادىل قەدەملەر بىلەن تەنھالقىڭغا قوشۇلۇپ كەتسۇن،مۇھەببەت قامۇسڭنى ماڭا سوۋغاقىل.سۆيگۈ ئالىمىڭدە مەلىكەڭ بولۇپ سۆيۈش ھەم سۆيۈلۈشمگە ئىجازەت قىل.ئاخىرقى تىنقلرىمنى ئاستا پۇرۋال.كۆزلىرىمنى كۆزلىرىڭگە سۈرتۋال.مېنىڭ رەزىللىك،پەسكەشلىك،شەرمەندىلىك بىلەن ئۆتكەن شۇ ئۆتمۈشلرىمنى ،مېنىڭ بارلىق ئەسلىملرىمنى دوزىقىڭدا بىر يولدا كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۋەت!جەننىتىڭدىن جەنىنتىڭىگە ئورۇن بەر!
يىگىتىم،سېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭ مېنىڭ ئۆلۈمۈم.قەلىب دەرۋازاڭنى مەن ئۈچۈن ئاستىغنە ئىچۋەت.سۆيگۈ شەربىتىڭدە يۈرىكىمدىكى ئازاپ جاراھەتلرنى يۇيۇپ پاكلىۋىتەي.مېنىڭ چەكسز ئىنتىلىشلرىم سېنىڭ روھىڭغا قوشۇلۇپ،سېنىڭ غايەڭ شەكىلدە يېڭى ھايات باشلىسۇن .
قېنى كەل سۆيگۈقامۇسىڭنى ماڭا بەر!
مەنبە:‹‹ئۆز قەلىمىمدىن››