مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4525|ئىنكاس: 20

تىتانىكقا 3Dنەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97221
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2013-8-24
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 01:56:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەينى چاغدا ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتىغا قانغۇدەك تويىۋالىغان تىتانىك فىلمىنىڭ 14يىلدىن كېيىن قايتىدىن  دۇنيا كىنو ئېكىرانىغا چىقىشىدا زادى قانداق چىن مۇددائا بار؟
     بۇ سۇئال شۇنداقلا مېنىڭمۇ فىلمنى قايتا كۆرۈشۈمگە سەۋەب بولدى.  كۆرگەندىن كېيىن مەن   تىتانىكنىڭ ئاددىغىنا بىر  مۇھەببەت داستانى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم . ھەتتا بۇ
فىلمنى مەدىيەھلەشكە تېگىشلىك  ئۇلۇغ مۇھەببەت ھېكايسى دېگەندىن كۆرە بىر بۇزۇقچىلىق   دېگەن قاراشقا كەلدىم. ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ  ھازىرقى شەخسى تۇيغۇم ؛باشقىلارغا ۋە ئۆتمۈشۈمگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.  14 يىلنىڭ ئالدىدا  بۇ فىلىمنى كۆرگەن چېغىمدا دۇنياغا تۇتقان پوزىتىسيەم  جەكنىڭكىگە ئوخشاپ قالاتتى.   بۈگۈنكى كۈندە بولسا  كالنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنمەكتىمەن. كال دېگەن كالا ئەمەس، روس توي قىلماقچى بولغان يېگىتنىڭ ئىسمى.

       شۇڭا بۇ يەردە پەقەت ئۆزۈم بىلەن  ھازىرقى ھېس تۇيغۇلۇرۇم بويىچە پىكىر قىلماقچىمەن. جەيمس كامېروننىڭ ھەقىقى دېمەكچى بولغىنىغا توغرا كېلىپ قېلىش مۈمكىنچىلىكىمۇ زور…
       بۇ  فىلىم ئەمەلىيەتتە شۇنداق كۆپلىگەن سىموۋوللۇق  پارچىلاردىن تەشكىل قىلىنغان تەتۈر تەسۋىرلىك  پۈتۈن ئەسەر. ھېس قىلىشمچە  تەتۈر تەسۋىرىنىڭ ئۇستىلىقى جەھەتتە كلىنت ئىستۋۇدنىڭ "كەچۈرگىسىز"دىن ئېىشپ كەتكەنكەن. ھەتتا فىلىمنىڭ 3دى قىلىپ ئېكرانغا چىقىشىنىڭمۇ  ئەمەلى ئۈنۈمىگە قارىغاندا سىموۋوللۇق مەنسى تېخىمۇ زور.  جەيمىس كامېرون بۇ ئارقىلىق دېمەكچىكى《14يىلنىڭ ئالدىدا بۇ فىلىمنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئېنىق كۆرەلمىگەن بولساڭلار ، بۇ قېتىم 3دى قىلىپ بېرەي، كۆزەينەك تاقاپ تۇرۇپ روشەن كۆرۈۋېلىڭلار !!》.
بىز  تىتانىكنى سانائەت ئىنقىلاۋى ئېلىپ كەلگەن دۇنيانىڭ غايەت زور پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا  سىموۋول قىلالايمىز. تىتانىك دېگەن بۇ سۆز يۇنانچىدىكى تىتان سۆزىدىن ياسالغان .يۇنان ئەپسانىلىرىدا تىتانلار ئىلاھلارنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى سۈپىتىدە  تەسۋىرلىنىدۇ.  قاراپ باقساق،  سانائەت ئىنقىلاۋى ئېلىپ كەلگەن  تەرەققىيات ئېقىمى  دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر  ئەنئەنىلىرىنىڭ بېشىغا   كەلگەن ئاپەت ئىكەن. بۇ ئاپەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان  ئەنئەنىلەر ئەخلاق، تۇرمۇش ئادىتى، ئشىلەپچىقىرىش ۋاستىسى قاتارلىقلار…  تەرەققى قىلىش دېگەن سۆز ياخشىلىنىش دېگەندىن دېرەك بەرمەيدىغىنىغا ئىشىنىۋاتىمىز. قالاق دەپ قارىغان ئەنئەنىلەرنى يوقاتقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ شۇنچە گۈزەل ۋە توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. (ھېس قىلغانلار  بار). يۇنان ئەپسانىلىرىدا دۇنيانى  ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغان، ھەققانىيەتنىڭ دۈشمەنلىرى    بولغان تىتانلارنىڭ نامى  ، سانائەت تەرەققىياتىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولغان بۇ گىگانت پاراخوت  بىلەن بىرلىشىپ تىتانىكدىن ئىبارەت  گۇمراھلىق ماشىنىسى سۈپىتىدە نامايەندە بولىدۇ. تىتانىك دېگەن ئىسمنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ  ئۆزىمۇ شۇ چاغدىكى غەرىب ئەللىرىدىكى  كىشىلەرنىڭ ئىتقاد ۋەيرانچىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.  شۇڭا تىتانىك ناملىق پاراخوت  سانائەت ئىنقىلاۋى بارلىققا كەلتۈرگەن گۇمراھلىققا يول ئالغان  غايەت زور پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە بۇ تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرگەن ياكى ئەگىشىپ كەلگەن  ئىدىئولوگىيە  ۋەيرانچىلىقىغا سىموۋوللۇق قىلىنغان دەپ قارايمەن.   تىتانىك  ئەنگىلىيەدىن ئامېرىكىغا ، يەنە ئەنئەنىدىن تەرەققىياتقا  قاراپ يول ئالغان. لېكىن گۇمراھلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

    بۇ  گۇمراھلىق تەرەققىيات  پاراخوتىنىڭ ئاساسلىق يولوچىلىرى ئەنئەنىۋى ئىتقادنى  تەرك ئېتىپ 《ئەركىنلىك》قوغلىغۇچى ئاياللار  ، جاھان كەزدى سەنئەت خۇمار ئەرلەر، بايلار ، تەرەققىيات ماشىنىسىنىڭ زاپچاسلىرىغا ئايلانغان ئىشچىلار ، ماشىنىنى كونتىرول قىلغۇچىلار ۋە قوغدىغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان.  روس بولسا ئاشۇ  خىل ئەركىنلىككە ئىنتىلىدىغان   ئاياللارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ئۇ شۇ چاغدىكى غەيرى ئېقىم سەنئەتكارى بولغان پىكاسسونىڭ رەسىملىرىگە قىزىقىدۇ. كىشىلەرگە فرۇئىد تەلىماتى بويىچە باھا بېرىدۇ.  فرۇئىد ئىدىيەسى  ۋە ئۇنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان پىكاسسو ئۇسلۇبى بولسا تەپەككۈردىكى  ئىپتىدائى يالىڭاچلىققا قايتىشدۇر. شۇڭا روس بىلەن جەك  ياكى شۇ خىل ئىدىيەگە ئىگىلەرنى ئىدىيەسى ئېچىلغانلار دېگەندىن كۆرە چېكىنگۈچىلەر دېگىنىمىز توغرا. ئىنسانلار مەدەنىيەتىنىڭ ياۋايىلىق، يالىڭاچلىق بىلەن كۆرەش قىلىپ پەيدا بولۇپ ۋە مۈكەممەللىشىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.  لېكىن فرۇئىدىزىم، ئاياللار ئىدىيە ئازاتلىقى دېگەندەك شۇ چاغلاردا يېڭىلىق تۇيۇلغان ئۇقۇملار  بۈگۈن كىشىلەرنىڭ بىزارلىقىغا ، قايتىدىن تەرك ئېتىشىگە  ئۇچىراۋاتىدۇ.  جىنسى ئەركىنلىك ، ۋاپاسىزلىق ، زىناخورلۇقلار پەقەت مۇھەببەتنىڭ نامى بىلەنلا مەدىيەھلىنىشى كېرەكمۇ؟  خوتۇنى ئۆز  ئېرىدىن ياكى توي قىلماقچى بولغان يېگىتىدىن  كېلىشكەن، گەپكە يامان بىرەر ياش يېگىتكە ئاشىق بولۇپ ئېرىنى تاشلاپ كېتىشى ئەركىنلىك بولامدۇ؟؟؟؟ شۇڭا  كامېرونغا ئوخشاش مۇتەپپەككۈرنىڭ بۇ خىل ھېسىياتنى  قايتا - قايتا مەدىيەھلەپ ئولتۇرۇشىغا ئىشەنمەيمەن.   ئەكسىچە بولسا ئۇ بىزگە  بۇ خىل ئىدىيەلەرنىڭ گۇمراھلىقنىڭ ئالامەتلىرى ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇن ئىپادىلەپ بېرىۋاتىدۇ.  پاراخوتتىكى كۈزەتچىلەرنىڭ مۇز تاغنى كۆرمەي قېلىشىغا روس بىلەن جەكنىڭ قىزغىن مۇناسىۋىتى سەۋەب بولىدىغۇ؟! كۈزەتچى ئۇلارغا  قارايمەن دىمەي 5 سىكۇنت بالدۇر كۆرگەن بولسىلا  ئاپەتتىن  ساقلىنىپ قالاتتىغۇ؟!   كامېرون ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر خاتالىق دەپ قارىمىسا يەنە نىمىشقا چوقۇم مۇشۇنداق بىر ۋەقەلىكنى قوشۇپ ،  ئۇلارنى بۇ ئاپەتكە سەۋەبچى قىلىپ قويىدۇ؟؟؟  جەك بولسا ھېمىڭۋايغا ئوخشاش بىر جاھانكەزدى گۈل يۈرەك. ھەممىمىزنىڭ جەكقا ئوخشاش ياشاپ باققۇمىز كەلگەن ۋاقىتلار بولغان. لېكىن كۆردۇق ھەم شۇنداقلا بىلىمىزكى  جەكنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش تۇرمۇشنىڭ ئۆمىرى بەك قىسقا.  
   فىلىمدە   روس بولسا ئەڭ چوڭ قىلتاقچى.

《ئايال كىشىنىڭ قىلتىقى 40ئېشەككە يۈك بولىدۇ 》دېگەندەك ئۇنىڭ ياكى ئاياللارنىڭ  قىلتىقى كۆپ جەھەتتە تەبىئىتىگە يېقىن.كامېرون بۇ يەردە يەنە  ئاياللاردىكى بۇ  خىل تەبىئەت  فرۇئىدىزىم ياكى  ئاياللار  ئازاتلىقى دېگەندەك ئىدىيەلەر بىلەن ئۇچراشقاندا  بالائى ئاپەت ياكى زامان ئاخىرىنى پەيدا قىلىدۇ دېگەندەك مەنىلەرنى يوشۇرۇن بايان قىلىۋاتىدۇ.

       روس بولسا كال بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن.  ھېلىقى بىرلياتنى تۇنجى كۆرگەندىكى ھېسىياتى يادىمىزدا بولسا كېرەك. ئۇ شۇ يەردە ئۆزىنى كالغا تاپشۇرغان ئىدى.
     پاراخوتنىڭ سەيلىسىدە جەك بىلەن كۆزى ئۇچىرىشىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا روسنىڭ كۆڭلىدە زادى نىمە ئويلىغانلىقى ئۆزىگە ئايان. ھەجەپ كېلىشكەن شۇمكەن دەپ ئويلاپ يۈرىكى سالمىغان بولسا  80يىلدىن كېيىن بۇ كۆرۈنۈش يادىغا كەلمىگەن بولاتتى.   شۇڭا ئۇ سۇغا سەكرەيدىغان ئورۇننى نەچچە كۈن كۈزىتىپ  پىلانلاپ دەل ۋاقىتدا تاللىغان. جەك ئۇنى قۇتۇلدۇرۋالغان چاغدا،  كال ۋە پاراخوت ساقچىلىرى ئۇلارنى خاتا چۈشەنگەندە روس نىمە ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدۇ؟ ئۇ كالغا مەن سەندىن ۋە سېنىڭ تۇرمۇشىڭدىن زېرىكىپ ئۆلىۋالماقچى بولغاندا  بۇ يېگىت مېنى قۇتۇلدۇرۋالدى دېسىلا بولمامتى؟! كال ئالىجاناپلىق قىلىپ ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشى مۈمكىنتى.لېكىن بۇ بىر پىلانلانغان يالغانچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن  ھەم ئۇمۇ  ھازىرچە كالدىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوق بولغاچقا بۇ يەردە يالغان گەپ قىلىدۇ. جەك ھەيران قالسىمۇ ئامالسىز  ئۇنىڭ يالغانچىلىقىغا شېرىك بولىدۇ. بەلكىم روسنىڭ مەقسىتىنى سېزىپ بولغان بولۇشىى مۈمكىن. ..روسنىڭ قىستىشى بىلەن كال جەكنى زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىدۇ. روس بۇ چاغدا ھېلىقى ۋاڭ كەمپىر ھاممىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇنى ئېسىل كىيىندىرىدۇ.
        ئىككى بۇزۇق  بولسا  بىچارە كالنىڭ  كۆز ئالدىدىلا  ئۇنىڭ   ئەنگىلىيە بەگلىرىگە خاس ئالىجاناپلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مەينەت مەقسەتلىرى ئۈچۈن يوشۇرۇن قول سېلىشقا باشلايدۇ. جەكنى بىر يۈزسىر  قىمارۋاز دەپ تىللىمىساقمۇ لېكىن بۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلغان  بىر ئىسلزادە ساھىپخاننىڭ بولغۇسى خوتۇنىغا يامان نىيەتتە بولۇۋاتقان نومۇسسىز خىيانچىلىكىنى  ھەر قانداق مۇھەببەت دېگەن گەپ بىلەنمۇ ئاقلاپ يۇيالمايمىز. بۇ ھەر قاچان ، ھەر قانداق يەردە ئەركەكلىككە ياتمايدۇ.
   ئۇ ھەم ئوغرىغۇ؟! خەقنىڭ چاپىنى ۋە شىلەپىسىنى ئوغىرلاپ كېىتىپ مەن بۇلارنى ئارىيەتكە ئالغان،  كېيىن قايتۇرۇپ بەرمەكچىتىم دەپ قويۇدىغان يەرلىرى بار تېخى..   ‫جەكنىڭ كەسىپچانلىقى، روسنىڭ پاكلىقىدىن كېيىن  ئۇلارنىڭ قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي سەۋەبىدىن پاراخوت مۇز تاققا ئۈسسىيدۇ. ‬ فىلىمنىڭ بۇ يەردىكى پاتپاراقچىلىقىدا ھازىرقى دۇنيا تەرەققىياتىدا  داۋالغۇش يۈز بەرگەن چاغدىكى  سىنىپى كۆرەشلەر،  دۇنيا ھالاكەتكە يۈز تۇتۇۋاتقاندا توختاپ قالمىغان دۇنيا كۆڭۈل ئېچشى ساھەسى ، يېغلاۋاتقان ئاياللىرىغا قۇرئان ئوقۇپ بېرىۋاتقان  خاتىرجەم مۇسۇلمان، دېموكراتىيە ۋە ئاياللارنى  بىرىنچى دەستەك قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان دۇنيا ساقچىسى دېگەندەك ئۇقۇملار تەسۋىرلىنىدۇ. مۇشۇ  يەردە  كامېروننىڭ  بۇ مەزمۇنلارنى ناھايتتى ئەتراپلىق ئويلىشىپ كىرگۈزگەنلىكىنى بايقايمىز. نۇرغۇن بايلار ۋە ساقچىلارمۇ قۇتقۇزۇش كېمىسىگە چىقىدۇ. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرىغىمۇ نۇرغۇن بالىلار ۋە ئاياللار چىقسىمۇ بولاتتى…  بولغۇلۇق بولۇپ پاراخوت چۆكۈشكە باشلىغاندا كال كېمىگە چىقىشتىن ۋاز كېچىپ روسنى ئىزدەپ كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا پەلتۇسىنى كەيدۈرىدۇ.


       روس قۇتقۇزۇش كېمىسىگە چىقىدۇ. كېمىگە پەسگە چۈشۈپ كېىتىۋاتقاندا روس ئۇلارغا قاراپ نىمىلەرنى خىيال قىلىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن كېمىدىن ئۆزىنى ئېتىپ يەنە پاراخوتقا چىقىۋالىدۇ؟ بۇ ئۇنىڭ جەككە قىيالماسلىقىمۇ؟ جەك جاھان كۆرگەن چاققان يېگىت بولغاندىن كېيىن چوقۇم بىر ئاماللارنى قىلىپ ھاياتىنى ساقلاپ قالالايدىغانلقىنى بىلىدۇ.  كالنىڭمۇ  بىر ئامال قىلىپ قۇتقۇزۇش كېمىسىگە چىقالايدىغانلقىنمۇ ئويلاپ يېتىدۇ.  ئۇ پەلتونى كەيگەن چاغدىلا قولىنى يانچۇققا سېلىپ بىرلياتنىڭ بارلىقىنى سەزگەن. كېمە پاراخوتتىن تۆۋەنگە چۈشۈۋاتقاندا ئۇنىڭ كاللىسدا پەقەت قانداق قىلغاندا بۇ بىرلياتقا يالغۇز ئىگە بولالايمەن، قانداق قىلغاندا كال مېنى ئىزدەپ كېلىپ بۇ بىرلياتنى سورىمايدۇ، قانداق قىلغاندا ماۋۇ ۋاقىتلىق سەتەڭدىن قۇتۇلىمەن دېگەن خىياللار كېچىدۇ.. ئۇ ئاخىرىدا  ھاياتىنى يەنە  بىر قېتىم  دوغا تىكىش ئارقىلىق   بىرلياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن جەكنى تاللاشنى   قارار قىلىپ پاراخوتقا قايتا چىقىدۇ.    جەك بولسا ئۇنى مەن ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدى دەپ ئويلاپ  ئۇنى ئەخمەققە چىقىرىپ  ئۇنىڭغا بارلىق كۈچى بىلەن ياردەم قىلىدۇ.  ئېسىمىزدە بولسا جەك بىلەن روس قاچقان يەرلەردە، شۇنچىۋالا سۇلاردا روس نىمە ئۈچۈن ئاشۇ ئېغىر پەلتونى سالمايدۇ؟  سۇنىڭ ئىچىدە پەلتو ئۇنىڭغا پەقەت بىر ئېغىر يۈك خالاس،  سۇنىڭ سىرىتىدا  بولسىمۇ يەنىلا ئېغىر يۈك ھەم ئۇنى تېخىمۇ توڭدۇرىدۇ. روس يەنە  نىمىشقا  پەلتونى سېلىۋەتمەيدۇ؟  چۈنكى پەلتونىڭ  يانچۇقدا بىرليات بار  !!!!!!! ھى ھى ھى….
        روسنىڭ مۇشۇنداق مۇغەمبەرلىكىنى بىزگە سەزدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن كامېرونكام پەلتونى سالغۇزمىغان. مانا بۇ تەتۈر تەسۋىرلەردىكى خاتالىق ئارقىلىق قالدۇرۇلغان يىپ ئۇچى بولىدۇ. روس قۇتقۇزۇش كېيىمىنىمۇ پەلتونىڭ ئۈستىگە كېيىدۇ.  ئۇلار مۇزدەك دېڭىز سۈيىگە چۈشىدۇ. بىر جان تالىشىۋاتقان ئادەم روس سۇغا بېسىۋالغاندا جەك كېلىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۋېتىدۇ. ئۆلتۈۋەتتى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنى پەقەت ئىتتىرۋەتسىمۇ مەيلىتى، لېكىن بۇ پارچە ئارقىلىق   جەكنىڭ  ۋەھشىلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.ئەمدى ئەڭ ئالامەت يېرىگە كېلىمىز: ئۇلارغا بىر ياغاچ پارچىسى ئۇچرايدۇ. تەڭ چىقسا ئەپلەشمىگەچكە جەك  ئوغۇلۋالچىلىق قىلىپ روسنى ياغاچقا چىقىرىپ قويىدۇ. تورلاردىكى بۇ ياغاچ توغرىسىدىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولدۇكى بۇ ياغاچ پارچىسىغا ئىككى ئادەم بىمالال پاتىدىكەن ۋە بۇنچىلىك چوڭ ياغاچ ئىككى ئادەمنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈپ سۇغا چۆكۈپ كەتمەيدىكەن.

   ئەمدى يەنە سوراق سورايمىز: روس نىمە ئۈچۈن  ياغاچقا چىقىپلا ئۆزىنى تاشلاپ يېتىۋالىدۇ؟  نىمىشقا بىر قېتىم بولسىمۇ  جەكدىن ياغاچقا چىقىپ بېقىشىنى سورىمايدۇ؟ ھىچ بولمىغاندا ئۇچىسىدىكى قۇتقۇزۇش كېيىمىنى بولسىمۇ ئۇنىڭغا سېلىپ بەرمەيدۇ؟  چۈنكى ئۇ مەقسىدىگە شۇنداق ئوڭۇشلۇق يېقىنلاشقان ئىدى. بۇ پىلاندا جەك ئۆلۈشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا  روسنىڭ كېيىنكى رەسىملىرىدە  كۆرگىنىمىزدەك ئۇ يەنە نۇرغۇن يېڭى نەرسىلەرنى سىنىيالايدۇ…..  
    جەك ئۆلدى. روس قۇتۇلدى. كال ئۇنى ئىزدەپ كەلگەندە مۈكۈنۈۋالدى.  بىرليات بىلەن ئامېرىكىغا قەدەم باستى. ‫خۇددى ياۋرۇپادىن ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنگەن ئەركىنلىك ئىلاھىدەك. مانا بۇ نىمە ئۈچۈن ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ ئايال بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.

بىز ئۈچۈن ئەڭ  مۇھىم نەرسە ئەركىنلىك ئەمەس لېكىن ھەققانىيەت. ‬بۇ قېرى جادۇگەر كىشىلەرگە كېرەك بولغان بۇ گۆھەرنى  ئىچىدە خۇددى سمىگودەك 《بۇ مېنىڭكى! بۇ مېنىڭكى! مېنىڭ باغرىم!ئۆلۈپ كەتسەممۇ سېنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن》دەپ  تۇرۇپ دېڭىزغا تاشلىۋىتىدۇ.

مەنبە:ئاقبۈركۇت تورى





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sim@sim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-10 02:00 PM  


رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2642
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 03:19:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر قىتىم ئۇقۇپ باقسام بولغۇدەك ، تېمىنى چۇشىنەلمىدىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-10 03:20 PM  


ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6723
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7028 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 03:21:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەكچىمۇ ئىككىسىنىڭ ناشايان ئىشى كېمىنى دومىلا باسقۇزدى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sanjay + 108 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93058
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 763
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 03:51:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كىنونى كۆرۈمەن دەپ ئۆزەمگە بىر مۇنچە بىئارامچىلىق تىپىۋالدىم دىسە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 727
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 424 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 03:59:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 727
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 424 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 04:03:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازما مەنبەسى گۈللۈك تورى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4739
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 411 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 04:33:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilbar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-10 03:21 PM
دىمەكچىمۇ ئىككىسىنىڭ ناشايان ئىشى كېمىنى دومىلا باسقۇ ...

ھې ھې ھې

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

اللا، ئۇ  دۇنيا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49384
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6308
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 2264 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 04:43:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۈر  ئۇسۇلىڭىز  ئۆزگىچە  ئىكەن.يەنە  بىر  ئۇقۇپ  باقاي  جۇمۇ؟!...

دىل ئۆيۈڭنى يۇرۇتۇپ ئۆتسۇن،   بەخىت بىرىپ بەختىڭگە كۈلكەم.   چىن سۆيگۈگە قېنىپ ياشايسەن،    ھاياتىڭغا رەڭ بىرەر كۆكلەم!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97221
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2013-8-24
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 04:47:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilbar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-10 03:21 PM
دىمەكچىمۇ ئىككىسىنىڭ ناشايان ئىشى كېمىنى دومىلا باسقۇ ...

دىمەكچى بۇ كىنودا تەسۋىرلەنگىنى بىز ئويلىغاندەك رومانتىك مۇھەببەت ئەمەس. فىلىمدىكى ئىككىلىسى بۇزۇقلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97221
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2013-8-24
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 04:47:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilbar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-10 03:21 PM
دىمەكچىمۇ ئىككىسىنىڭ ناشايان ئىشى كېمىنى دومىلا باسقۇ ...

دىمەكچى بۇ كىنودا تەسۋىرلەنگىنى بىز ئويلىغاندەك رومانتىك مۇھەببەت ئەمەس. فىلىمدىكى ئىككىلىسى بۇزۇقلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش