مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 607|ئىنكاس: 1

سەن قەيەردە؟قەلب ئوغرىسى.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6667
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1935 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 12:38:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەن قەيەردە؟قەلب ئوغرىسى....

180995f2b53fde4aede0770ccef21229.gif

پەرىشان كۆڭلۈمگە تەڭكەش ھاۋامۇ تۇتۇق،ئىزتىراپلىق خىياللار ئىلكىدە يەنە ئۆتمۈش مەنزىلىم ئارا سەپەر قىلماقتىمەن...
قەلبىمدە ھەر خىل زىدىيەتلىك تۇيغۇلار،يۈرۈگۈمنى بولسا ھىجران ئازاۋى چەيلىمەكتە،قەيەلەدىندۇ ياڭراۋاتقان مۇڭلۇق بىر كۈي،ئەزەلدىنلا مۇڭلانغان دىلىمنى تېخىمۇ ئىزىۋەتتى...
  



ئىسىڭدىمۇ؟بىز تۇنجى قېتىم باھاردا ئۇچراشقان ئىدۇق،ئاپئاق چىچەكلەر بىلەن تولغان ھېلىقى چىغىر يول،چىچەك بەرگىلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ چىچەكتىن ياسالغاندەك كۆرىنىدىغان ھېلىقى ئورۇندۇق ھازىرغىچە قارچۇقۇمدا ساقلانغان،بۇلار مۇھابىتىمىزنىڭ باشلىنىشىنىڭ ھەم ئاخىرلىشىشىنىڭ شاھىدى...

1258727ujgddfkn6g.gif







ئىسىڭدىمۇ بىز تۇنجى ئۇچراشقان شۇ كۈنى سەن مىنى ئاشۇ چىغىر يولغا باشلاپ كەلگەن ئىدىڭ،يىنىڭ شامال چىقىۋاتقان بولغاچقا چىچەك بەرگىلىرى تۇزۇپ چاچالىرىمغا قونۋالغان ئىدى،سەن مىنى چىچەك مەلىكەم دىگەن ئىدىڭ.بۇ ۋاقىتتا دۇنيادىكى ياق..ياق...قەلبىڭدىكى بارچە سۈيۈشلەر ماڭا تەۋە ئىدى.







گۈللەر ھوپپىدە ئېچىلغان ياز پەسلىدىمۇ بۇ يەرگە باشلاپ كەلدىڭ،بۇ ۋاقىتلاردا گۈللەردىن چەمبىرەك ياساپ بېشىمغا كىيگۈزۈپ قويدۇڭ...بۇ ۋاقىتتا مىنى  باغرىڭغا بېسىپ تۇرۇپ گۈل مەلىكەم دىدىڭ.بۇ ۋاقىتتا قەلبىڭدىكى بارچە مۇھاببەت ماڭا تەئەللۇق ئىدى.







خازان تۆكۈلگەن كۈز پەسلىمۇ ئالتۇنرەڭ كۈزنىڭ سۆلكىتىدىن ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈن ،يەنە بۇ يەرگە كەلدۇق،سەن يۇپۇرماقلاردىن زۇننار ياساپ بوينۇمغا ئاستىڭ،قوللىرىمنى مىھرىڭ بىلەن سىلاپ تۇرۇپ مۇھابىتىمىز مەڭگۈ خازان بولمايدۇ دەپ قەسەم قىلغان ئىدىڭ،بۇ ۋاقىتتا سىنىڭ يۇپۇرماق مەلىكەڭ بولدۇم.بارچە مىھرىڭ مىنىڭ بولدى.




.قارياغقان شۇ ۋاقىتلاردىمۇ يەنە بۇ چىغىر يولغا باشلاپ كەلدىڭ ،سوغۇق نەشتەردەك سەنجىلىپ يۈزلىرىمنى قىزارتىۋەتكەن بولسىمۇ قەلبىمدە مىڭ قۇياشنىڭ تەپتى بار ئىدى،چۈنكى شۇ ئىللىق ئالقانلىرىڭ بىلەن كىچىكىنىە قوللىرىمنى مەھكەم تۇتىۋالغان ئىدىڭ،مەن بىلەن چېقىشىپ دەرەخلەرنى ئېرغىتىپ ئۈستى بېشىمنى قار بىلەن پۇركۈۋەتتىڭ،مەن يالغاندىن ئومچەيدىم،مەن مىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ...بەك ئۇماق بولۇپ كەتتىڭ قار مەلىكەم،سەن مىنىڭ گۈزەل قار مەلىكەم،دىدىڭ بۇ ۋاقىتتا سەن مىنىڭ گۈزەللىكىمەە ئەسىر ئىدىڭ...




مانا،يەنە باھار كەلدى،لىكىن سەن كەلمىدىڭ،ئەمدى مىسكىن قەدەملىرىم بىلەن شۇ چىغىر يولدا تەنھا كىتىۋاتىمەن،بۇرۇن ئالەمچە گۈزەللىك ھىسلىرى ئاتا قىلغان بۇ چىچەكلىك چىغىر يول ئەمدى مۇزدەك سوغۇق بىلىنمەكتە...
قەلبىم تىترىمەكتە...
يۈرىگىم مۇزلىماقتا...
تۇيغۇلىرىم ئۇنسىز نىدا قىلماقتا...
سەن قەيەردە؟قەلىپ ئوغرىسى..





.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-12 01:00 PM  


1258727ujgddfkn6g.gif
1258727ujgddfkn6g.gif
كىيىشىمىز ئەرەپچە،ئوينىشىمىز غەرىپچە،يىيىشىمىز...چە،بىز ئۇيغۇرما،گۈمان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 02:01:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرنا قىز ئىلھامىڭىز دەھشەت كەپتىغۇ    بۇ نەسىرلىرىڭىنى ئوقۇغان ئادەمنى شۇنداق تاتلىق خىياللار قاينىمىغا شۇڭغۇتۋىتىدىكەن دىسە

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش