گۈلۈمگە مەكتۈپ ( 3-پارچە)
چوغلۇق
سالام، گۈلۈم! بۈگۈن سەھەردەئىشكتىن چىقىپلا قورۇ ئىچىدىكى ئاپئاق چىچەكلەر بىلەن پۈرگەنگەن بىر تۈپ ئۆرۈك دەرىخىنى كۆردۈم. بېشىمنى كۆتىرىۋىدىم، پاھ ،پاھ ... نىمانچە سۈزۈك ئاسمان بۇ؟ كۆزۈمنى يۇمىۋىدىم، كۆز ئالدىمدا ئۆرۈك، ئالما، شاپتۇل چىچەكلىرىنىڭ خۇش ھىدىغا تولغان بىر باغ زاھىر بولدى: باغ ئىچىدە ئەپچىلگىنە چىگىۋالغان ياغلىقى ئارىسدىن بىر جۈپ توم ئۈرۈمە چېچى چىقىپ تۇرغان، بۇغداي ئۆڭ، ئىللىق چىراي بىر قىز بىلەن قىرقىم چاچ، ئاق سۈزۈك كەلگەن ئوماققىنە بىر قىز باغ ئىچىدىكى ئېتىز قىرىدا بىر - بىرىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشكەن ئىدى. قوللىرىدىكى ئەدەبىيات كونسپىكى ئىگىلىرىنىڭ بىر قارىشا تەشنا بولغاندەك بويۇن قىسىشىپ قېلىشقانىدى. ئۇلارنىڭ باش ئۈستىدە زەڭگەر، تىنىق ئاسمان خۇددى يامغۇردىن كىيىن ئىنىچكىلىك بىلەن سۈرتۈلگەن ئەينەكتەك سۈپسۈزۈك ئىدى.
شۇنداق، گۈلۈم. ئۇلار سەن ۋە مەن. ئۇ باغ سېنىڭ ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىغا جايلاشقان كىچىككىنە بىر باغ. تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر بىلەن قورشالغان بۇ بېغىڭدا ھەر خىل كۆكتاتلار تېرىلغان، باغ بىلەن ھويلىنىڭ ئارىسىغا جايلاشتۇرۇلغان ئېغىلدا كۆزلىرىدىن مۇلايىملىق يېغىپ تۇرىدىغان قوي - قوزىلار، جام كۆزلۈك كۆچتۈڭگۈر كالا -موزايلار بار. بىز دائىم دەرس يادلاشنى باھانە قىلىپ بېغىڭغا بىر كىرىۋالساق كۈننى كەچ قىلاتتۇق . دەرسنىمۇ يادلايتتۇق، ئەمما ئۇزۇنغا بارمايتتى، كۆپىنچە ھاللاردا ئىككىمىز ئەنە شۇنداق يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشۈپ كېتەتتۇق. نەدىن كېلىدىغان تۈگىمەس پاراڭلار بولغىيتتى ھە ؟ ئېسىڭدىدۇ ؟ مەن ئۇ چاغلاردا بالىلار تەرىپىدىن ياۋايى دىگەن لەقەمگە ئېرىشكەنىدىم، چۈنكى ئىچ مىجەز ھەم خىجىلچان بولغاچقىمىكىن، كۆپ گەپ قىلمايتتىم. ئەمما سېنىڭ ئالدىدىڭدا بولسا ئاغزىمدىن سۆزلەر خۇددى قاپاقتىن سۇ تۆكۈلگەن توختىماي چىقىپ تۇراتتى. بەزىدە قىزىقارلىق پاراڭلرىڭدىن كۈلۈپ يەردە دومىلاپ كېتەتتىم، سەن ئۆزۈڭنى تۇتىۋېلىشقا شۇنچە تىرىشساڭمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ماڭا قوشۇلۇپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتەتتىڭ، كۈلكىلىرىمىز باغدىكى دەرەخلەرگە قونىۋېلىپ، چۇڭىلدىشىپ سايراۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاۋازىغا قوشۇلۇپ شاماللارغا ئەگىشىپ كۆك تامان لەيلەپ كېتەتتى.
قارا، گۈلۈم ، ئۈرۈكلەر چېچەكلىدى، مايسىلار كۆكىرىشكە باشلىدى، دەرەخلەر بىخ سۈرۈشكە تەمشەلدى، يۇمران چوكانتاللار باھارنىڭ مەيىن شامىلىدا لەرزان ئۇسسۇلىنى باشلىدى. ئەسلى سەن ياقتۇرىدىغان باھار پەسلى مۇشۇنچە گۈزەل ئىكەن ھە؟ ئېسىڭدىمۇ ؟ بىر قېتىملىق ئەدەبىيات دەرسىدە مۇئەللىم بىزدىن قايسى پەسىلنى ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىمىزنى سورىدى، سىنىپىمىزدىكى يېرىمدىن كۆپرەك بالىلار باھار پەسلىنى تاللىدى. سەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدىڭ، بەزىلەر ياز پەسلى دىيشىتى، چۈنكى ئۇلار يامغۇرنى ياخشى كۆرىشىدىكەن، يەنە بەزىلەر قىش پەسلى دىيشىتى، چۈنكى ئۇلار قارغا شەيدا ئىكەن. مەن كۈز پەسلىنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى دەرەخلەردىكى ئالتۇندەك سارغايغان يۇپۇرماقلار ۋە يۇپۇرماقنىڭ ھىدلىرىنى دىماققا يەتكۈزگۈچى كۈز شامىلى مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. دەل ئاشۇ باغدا مەن مېنىڭ ئېغىزىمدىن مۇشۇ جاۋابنى ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلۇغ –كىچىك تىنىپ تۇرۇپ: ‹‹ بۇ ئايرىلىش ئالدىدىكى گۈزەللىك، سارغايغان يۇپۇرماق كۈز شامىلى تەرىپىدىن دەرەخ قوينىدىن يۇلۇپ ئېلىنىپ، يەرگە تاشلىنىپ خازان بولىدۇ، دەرەخ بولسا قارشلىق قىلىشقا ئامالسىز ھالدا قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ›››› ... دىگەن ئىدىڭ. شۇ چاغدا چېھرىڭگە سايە تاشلاپ تۇرغان قايغۇ بۇلۇتلىرى، كۆزلىرىڭدە لىغىرلاپ تۇرغان ياش ئۈنچىلىرى يۈرىكىمگە ئۇيۇلۇپ قالغان ئىكەن ئەسلى.
بىلەمسەن، گۈلۈم؟ بىر كۈنلەردە سەنمۇ خۇددى شۇ سارغايغان يۇپۇرماقتەك بارماقلىرىم ئاراشلىرىدىن لەيلەپ چۈشۈپ كەتكىنىڭدە، كۈز پەسلىدىن نەپرەتلىنىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما مەن يەنىلا كۈز پەسلىنى ياقتۇرىمەن، سارغايغان يۇپۇرماقلار ئۇچۇشۇپ يۈرگەن دەرەخلىك يوللاردا سېنىڭ سۆزلىرىڭنى يادلىغاچ ئاستا، ئاستا يۈرىمەن. يۈرىكىمنىڭ ئېچىشىپ ئاغرىشىدىن لەززەت تاپىمەن. ئادەم بەزىدە خىلمۇ - خىل زىدىيەتلەرنىڭ بېرىكمىسى بولسا كېرەك. قوشۇلامسەن، گۈلۈم؟
بۇ ئەسەر قەلەمخان چوغلۇقنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە يوللاندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sarvinazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-10 11:50 AM
|