ھىدايەت ئەڭ چوڭ نېمەت
ھىدايەتنىڭ مەنىسى «توغرا يولدا مېڭىش» دېمەكتۇر. ئىسلام دىنىدا ھىدايەت:ئىمان، ئىسلام، ياخشى ئەمەللەرنىقىلىش ۋە قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ئىش قىلىشتىن ئىبارەت. ھىدايەتنىڭ ئەكسى ئازغۇنلۇق. ئازغۇنلۇق- خالىغانچە كەيپ- ساپا بىلەن ياشاش، ھالال- ھارامنى ئىلغىماسلىق ۋە دىندىكى مۇقەددەس كۆرسەتمىلەرنىقەدىرلىمەسلىكتۇر. ھىدايەتنى بەرگۈچى پەقەت ئاللاھ. ئىنساننىڭ ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەت ئۇنىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھىدايەتنى ئىزدىشى، ئەقىل بىلەن ئۇنىڭغا ئىنتىلىشى ۋە قەلبى بىلەن ئۇنىڭغا ئىگە بولۇشىدىن ئىبارەت. ئىلاھىي ھىدايەت مۆمىنلەر ئۈچۈن بىر تۇلپارغا ئوخشايدۇكى، مۆمىنلەر توغرا يولدا مېڭىپ، ئەرشنىڭ كامالەتلىرىگە يۈكسىلىدۇ. ھىدايەت پەقەت بەندىنىڭ ئۇنى ئارزۇ قىلىپ تىلىشى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ تىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ بەندىنى ئۆزىگە تارتىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. ھىدايەتنىڭ تېگىدە خاتىرجەملىك، ھەق ۋە ھېكمەتلەر بولغان بولسا، زالالەتنىڭ تېگىدە ئاۋارىچىلىق، ئۆزىنى ئالداش ۋە ئازغۇنلۇقلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ھىدايەت نىجاتلىق ۋە سائادەتنىڭ بەلگىسىبولغان بولسا، زالالەت كۆڭۈلنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ۋە رەنجىتىدىغان ئازاب ھەم ئىنساننىڭ ھاياتىنى بەخىتسىزلىككە ئۇچرىتىدىغان بىر بەخىتسىزلىك ئۇرۇغى. ھىدايەتنىڭ ئەڭ تولۇق مەنىسى ئىمان ۋە ئىسلام بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ مۇكەممەل مېۋىسى ياخشى ئىش ۋە تەقۋادارلىق. ئۇنىڭ نەتىجىسى بولسا، ئەڭ ئالى جەننەت. ھىدايەتنىڭ مەنبىيى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارغا كەلگەن ۋەھىيدىن ئىبارەت. ئاخىرقى پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتىلىشى بىلەن بۇ ھىدايەت مەنبىيى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە قۇرئان كىرىمگە مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يول ئىزدەش ئازغۇنلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان قانداقلا سەۋىيىدە ۋە قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، ئۇ ئىزدەيدىغان بىردىن-بىر چوڭ ياردەم شەكسىز«ھىدايەت». ھىدايەتنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. قۇرئان كەرىمدىكى«ئاللاھ سېنى بۇيرىغاندەك توغرا يولدا بولغىن»(ھۇد سۈرىسى، 112-ئايەت)دېگەن ئايەت ھىدايەتنىڭ ئەڭ كەڭ ساھەلىرىنى ئىخچام بىر شەكىلدە ئىپادىلىمەكتە. مەسلەن: ئىدىيە ۋە قانائەت تېپىش مەسىلىسىدە ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش ھىدايەت بولسا، تەبىئەتكە، تاسادىپىلىققا ۋە سەۋەبلەرگە ئېتىقاد قىلىپ ئىشىنىش ئەڭ يامان زالالەتتۇر. ئىمان ۋە ئىبادەتتە خالىس ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش ئوچۇق بىر ھىدايەت بولسا، بۇتلارغا ۋە باشقا نەرسىلەرگە چوقۇنۇش ئوچۇقتىن-ئوچۇق بىر ئازغۇنلۇق. ئىسلامدا ھارام ۋە باتىل دېيىلگەن ئىشلارنى تاشلاپ، ھالال ۋە ھەق دېيىلگەن ئىشلارنى ئورۇنلاش ھىدايەت بولغىنىغا ئوخشاش، ھارامنى ھالالغا ئوخشاش قوللىنىش پەرز، ۋاجىپ ۋە سۈننەتلەرنى ئەھمىيەتسىز كۆرۈپ تاشلاش ئازغۇنلۇق. مۇسۇلماننىڭ كامىل ھىدايىتى ئۇنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىشىدا نامايان بولىدۇ. توغرا، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە باشلايدۇ ۋە خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە نېسىپ قىلمايدۇ، چۈنكى ھىدايەت سورالماستىن بېرىلمەيدۇ. ھىدايەت پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ قولىدا. قۇرئان كەرىم ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرنى ھىدايەتكە باشلىشى پەقەت (ئۇلارنىڭ) سەۋەب ۋە ۋاسىتە بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم ئەڭ ساغلام ھىدايەت يولى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ توغرا بىر ھىدايەتنىڭيېتەكچىسى. مۇنداق بولغان ئىكەن، قۇرئان كىرىمنىڭ يولىدا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن كىشى تولۇق ۋە ھەقىقىي ھىدايەتنى تاپقان بولىدۇ. شەيتانلارنىڭ بىر قىسىم ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشلىرى ۋە ئۇلارنى دۇزاخقا دۇچار قىلىشلىرى، ئۇلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن بولىدۇ. شەيتانلارنىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇپ كېتىشلىرى ئۇلارنى ئەمەلىيەتتە مەسخىرە قىلغانلىقى ۋە ئۇلاردىن ئۆچ ئالغانلىقىدۇر. چۈنكى ئازغان كىشىلەر ھەمىشە ئۆز ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىپ، شەيتانلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەنلىكلىرى ۋە مۇنداق ئېزىش يولىنى«توغرا يول» دەپ قانائەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا ئازغۇنلۇق ھىدايەت ئورنىدا كۆرۈنىدۇ. قۇرئان كىرىمنىڭ مۇنۇ ئايىتى بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلىماقتا: «كىمكى مېھرىبان ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشتىن (يەنى قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى ئىگە قىلىمىز-دە، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، شەيتان ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ. ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ» (سۈرە زۇخرۇف 36- ئايەت). ***** ھىدايەت ئىككى قىسىم بولىدۇ: 1.«يول كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش ھىدايىتى». 2.«مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىش ۋە مۇيەسسەر قىلىش ھىدايىتى». بىرىنچى تۈرى يەنى «يېتەكلەش ھىدايىتى» بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان ئالىملارنىڭ ۋەزىپىسى، ئىنسانلار بۇ ھىدايەتكە ئۇچرىغاندا خالىسا توغرا يولغا ماڭىدۇ، خالىسا خاتا يولغا ماڭىدۇ.جانابى ئاللاھ:«ئەمما سەمۇد قەۋمى بولسا ئۇلارنى بىز ھىدايەتكە باشلىساق ئازغۇنلۇقنى ئەۋزەل كۆرۈپ كۇفرىنى تاللىدى»(سۈرە فۇسسىلەت،17-ئايەت). ئەمما«مۇۋەپپەقىيەت بېرىش ھىدايىتى» بولسا بۇنىڭغا مۇيەسسەر بولغان كىشى چوقۇم توغرا يولغا ئېرىشىدۇ، چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپاتى، بۇنى ئاللاھ تائالا ياخشى بەندىلىرىگە بېرىدىغان قولايلىق يارىتىپ بېرىش ۋە مۇۋەپپەقىەت ئاتا قىلىش دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ئازدۇرۇشنىمۇ ناچار كىشىلەرگە قارىتا ئازغۇنلۇققا ئاسانلاشتۇرۇش دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا:«خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ» (سۈرە فاتىر8-ئايەت) دەيدۇ. دېمەك، بۇنىڭدا بەندىنىڭ ھېچ رولى بولمايدۇ، پەقەتلا توغرا يولغا ماڭغاندىن كېيىن قىلغان ئەمەللىرىنى تاللاپ قىلىدۇ ۋە يولىدىن چەتنىمەي ماڭىدۇ. دېمەك مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالا خالىغىنىنى قىلىدۇ، خالىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە باشلايدۇ، خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىشى كېرەك:«ئاللاھ تائالا ھېچكىمگە زەررىچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ» (سۈرە نىسا40-ئايەت) يەنە: «كىمنى ئاللاھ ھىدايەتكە باشلىسا ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنى ئازدۇرسا ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر» (سۈرە ئەئراف 187-ئايەت). يەنە:«ئاللاھ كىمنى ئازدۇرسا ئۇنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى يوقتۇر» (سۈرە ئەئراف 168-ئايەت). لېكىن ئاللاھ تائالا ئىنسانلاردىن پەقەتلا ئىنسانلار ئۆزى تاللاپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلغان ئىشلىرىغا قارىتا ھېساب ئالىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا پايدا-زىياننى ئايرىيدىغان ئەقىل-ئىدراك ۋە ئىرادە ئاتا قىلغان:«سىلەردىن توغرا يولغا مېڭىشنى خالىغانلارغا..» (سۈرە تەكۋىر، 28- ئايەت). كۆپ ئايەتلەردە ئىنساننىڭ تاللاش ئىختىيارى تەكىتلەنگەن، مۇكاپات ۋە جازا، ساۋاب ۋە گۇناھ ئاشۇ تاللاش ئىختىيارىغا قاراپ بولىدۇ. دېمەك، بىزنىڭ تاللاش ئىختىيارىمىز بار. شۇنىڭغا قارىتا ھېساب بېرىمىز، بۇنى ھەر بىر ئاقىل ئۆزى ھېس قىلىدۇ. ھەر ئادەم گۇناھنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدۇ، ساۋابلىق ئىتائەت خاراكتېرلىك ئىشنىمۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدۇ:«كىمكى خالىسا ئىمان ئېيتسۇن، خالىسا كاپىر بولسۇن» (سۈرە كەھپ، 29-ئايەت). بىزدىن تەلەپ قىلىنغىنى ئەمەل قىلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئەمەل قىلغان، ساھابىلارمۇ ئەمەل قىلغان. بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنىمۇ، قىلىشقا بۇيرۇلغىنىمۇ شۇ ئەمەل قىلىش. ئىخلاس بىلەن قىلغان ئەمەللىرىمىزنىڭ ساۋابىنى ھەرگىزمۇ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ساھابە كىراملارمۇ يۇقىرىقى ئازدۇرۇش ۋە ھىدايەتكە باشلاش توغرىسىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇپ ئەمەل قىلىشنى تاشلاپ قويمىغان، ئاللاھ ھەممىزمنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغاي...
(سابىق ئىسلام ئاۋازى تور بېتى) 2006- 1- 25 مىلادىيە
|