مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2331|ئىنكاس: 24

دېلو [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 10:13:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                (  دېلو  )   ۋاھىمىلىك
بىر كۈنى يېقىن دوستلىرىمدىن  ئەلقەم  ، ئەخمەت،  ئەكرەم  قاتارلىقلار ماشىندا كېتۋېتىپ ،ماشىنا تاغقا سوقۇلۇپ ھەممىسى بىراقلا جان ئۈزۈشتى ،  بۇلارنىڭ نامازلىرىنى بىر كۈندە چۈشۈرۈشتى، لېىكىن بۇلار باشقا - باشقا مەھەلىدىن بولغاچقا ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مەھەلىسىدىكى قەبرىستانلىققا قويۇلدى،  مەن بۇ يېقىن جانجىگەر دوستلىرىم بىلەن ئىنتايىن ياخشى ئۈتەتتىم ، شۇ كۈنى ئەگەر ماشىندا مەنمۇ بولغان بولسام  بەلكىم مەنمۇ تەڭ شۇ دوستلىرىم بىلەن كەتكەن بۇلاتتىم، بەلكىم ئاللا ئىگەم مىنىڭ رىزقىمنى ئۇلاردىن كەڭرەك ياراتقان بولسا كېرەك دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن،  
ساقچى تەرەپمۇ بۇ ۋەقەگە ماشىننىڭ سۆرىتى بەك تېز، ھەم ياخشى تورمۇزلانمىغان دىگەن يەكۈننى چىقاردى ، ئۇلار ئەلقەمنىڭ ئۈيىدىن قايتىپ كىلۋېتىپ مۇشۇ ۋەقەگە يولۇقۇپ قازا قىلىشتى،  ئەلقەمنىڭ دادىسى-ئانىسى ئۆتكەن يىلى ئارقا ئارقىدىن ئەجەل يىتىپ  تۈگەپ كەتكەن ئىدى ،  ئەلقەمنىڭ بولسا پەقەت بىرلا ئاكىىسى بار ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى خېلى ياخشى بۇلۇپ يەر زىمىنلىرى خېلى كۆپ ئىدى،  لېكىن ئۇنىڭ ئاكىسى ئۇچىغا چىققان لۈكچەك بولۇپ خوتۇن بالىسنىمۇ قوغلىۋەتكەن ئىدى،  كۈندە كەيىپ ساپا قىمار سورىنىدىن كەلمەيلا يۈرەتتى ،  ئەلقەمنىڭ دادىسى تۈگەپ كىتىدىغان ۋاقتىدىلا  ئوغۇللىرىغا مال مۈلۈكلەرنى يەر زىمىنلارنى ئادىل بۈلۈپ بەرگەن بۇلۇپ ھازىرقى ئۆينى ئەلقەمگە ، باشقا يەردىكى يىڭى سالغان ئۈيىنى چوڭ ئوغلىغا قالدۇرغان ئىدى.

مانا بۇ دوسلىرىمنىڭ ۋاپاتىغا  ئىككى يىل بولاي دەپ قاپتۇ ، بىر كۈنى يول قۇرۇلىشىغا  ئەلقەمنىڭ مەھەلىسىدىكى قەبرىستانلىق خەرىتىگە چۈشۈپ قالدى،  مەن بۇرۇندىن قەبرىنى ئاچسا گۇنا بۇلدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم ، لېكىن تۈزۈم چوقۇم تۈزۈم بۇلدۇ ئەمەسمۇ ، شۇنداق قىلىپ بارلىق قەبرىلەرنىڭ ئىگىلىرىگە  ئۇختۇرۇش قىلىندى ،  لېكىن ئەلقەمنىڭ ئۈيىدىن ھېچكىمنىڭ كەلگىنىنى  كۆرمۈدۈم ، ئاكىسى كەلمىسە كىم كىلدۇ دەيسىز،  ئاكىسى نەلەردە  كەيىپ ساپا قىلىپ يۈرگەندۇ ،
شۇنداق قىلىپ ئەلقەمنىڭ قەبرىسىنى ئاچىدىغان ھېچكىم كەلمىدى،  ۋاقىت قىستاپ قالدى ، ئاخىرى بولماي ئۆزەم ئېچىپ باشقا قەبرىستانلىققا  يۆتكەپ قويۇش نىيتىگە كەلدىم،   چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلنىپ ئەلقەمنىڭ قەبرىسىگە باردىم ئۆزەم بىلدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ بىسمىللە  دەپ قەبرىنىڭ ئاغزىنى ئاچتىم ، يۈرۈكۈمنى بىر خىل ئەنسىزلىك قاپلاپ تۇراتتى ، قەبرىنىڭ  ئاغزىنى ئېچىپ  ئىچىگە كىرىشكە قورقۇنۇچتا شۈركىنىپ كەتتىم،  ئاللا ئۆزەڭ بار دەپ شۇنداقلا كىرىشىمگە ، قەبرىنىڭ ئىچى قۇپقۇرۇق  ئىكەن .


داۋامى جىددى يېزىلۋاتىدۇ،  دوستلاردىن ئۆزۈر سورايمەن ئىملا خاتالىقىدىن خالى بولالمىغان بولسام دوستلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن..

داۋامى بار....




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84162
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 869
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 946 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 10:42:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى بۈگۈن يازامسىز.

ئالدى بىلەن اللە رازىلىقىنى كۆزلە. شۇندىلا ئىشىڭنىڭ بەركىتى راھىتى نەتىجىسى بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2255
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3065 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 10:59:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىپەن ئۇغرىسى دەپ تۆھمەتكە قالمىغانسىز ئەمدى؟...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6745
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 11:11:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك ئەلقەمنىڭ مېيىتى ئاللىبۇرۇنلا يۆتكىۋېتىلگەن ياكى ئەسلىدىنلا ئۆلمىگەن شۇنداقمۇ؟ ياخشى رازۋىدكا ھىكايىسىدەك تۇرىدۇ

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 11:50:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى
قەبرىنىڭ ئىچىگە كىرىشىمگە ئىچى قوپقۇرۇق ئىكەن ، ياق بۇ بۇ    بۇ  نىم ئىش  .....
تۆت ئەتراپىمغا ئەنسىز  قاراشقا باشلىدىم ، ئەلقەمنىڭ مىيىتى يوق  ئىدى، ھېچقانداق  نەرسە يوق ئىدى ،  ئاھ خۇدا  بۇ زادى نىم ئىش ئەلقەم نەگە كەتتى دەپ كۆپ خىياللاردا قورقۇنۇش بېسىشقا باشلىدى ،  كااللامغا يەنە بىر خىيال كەلدى ، ياكى مەن خاتا كىرىپ قالدىممۇ قۇرۇق قەبرىنى ئېچىپ قويغاندىمەنمۇ ، بۇ راسلا ئەلقەمنىڭ قەبرىسىمۇ ئەمەسمۇ ، مەن تېزدىن قەبرىدىن چىقىپ قاراپ بېقىش نىيتىدە سىرتقا چىقتىم خۇددى كەينىمدىن كىلىپ بىرسى مىنى سۆرەپ قەبرە ئىچىگە ئەپكىرىپ كىتىدىغاندەكلا كىيىملىرىمنى توپا قىلىپ تۆپىگە قاراپ ئېسىلدىم ، ئاخىرى سىرتقا چىقۋالدىم.
شۇنچىلىك ھېرىپ كەتتىمكىن ، خۇددى گۆردىن چىقتىڭمۇ دىگەندەكلا  كىيىم-كىچەكلىرىم ئۈستى -بېشىم تۇپا بولۇپ كېتىپتۇ،  قەبرىنىڭ ئۈستىدىكى گۈمبەزگە مەرھۇم ئەلقەمجان دەپ يېزىلغان ئىدى .
بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ، نەچچە كۈندىن مەن مۇشۇ يەردىلا تۇرسام ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن ياكى ھېچكىم كەلمىگەن تۇرسا نىم ئۈچۈن ئەلقەم يۇقاپ كىتىدۇ  دەپ ئۆزەمگە سۇئال قويۇشقا باشلىدىم،  چوقۇم بۇ ئىشنى ئېنىقلاش كىرەك ئىدى ،  
ئىشنى قەيەردىن باشلاش كېرەك  ،  ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەن كۆرۈشۈش كېرەك دەپ ئۇلارنىڭ ئۈيىگە ئاتلاندىم،
ئۇلارنىڭ ئۈيىگە بارغىنىمدا دەرۋاسى ئىچىدىن ئىتۋېتىلگەن ئىكەن، دەرۋازىنى ئۇردۇم بىر ھازادىن كېيىن چاچلىرى چۇۋۇلغان ، كىچىچە  ئۇخلىماي  ئىشلىگەن ئادمدەك قاپاقلىرى ئىشىپ كەتكەن ئاكىسى كىلىپ دەرۋازىنى ئاچتى .
ھە تېشلىقمۇ  مىنى تۇنۇدىڭمۇ يە ئاكا مەن ئەلقەمنىڭ ئاغىنىسى ،
ھە بىلدىم   بىرە ئىشىڭ بار ئىدىما ؟
مەن قەبرە كۆچۈرۈشنىڭ ئىشىنى ھەم  ئەلقەمنىڭ مىيىتىنىڭ يوق  ئىكەنلىكىنى قىسقىچە بايان قىلدىم،  
ھە شۇنداقمۇ نەچچە كۈن ئاۋال كەنىتنىڭ شۇنداق دەپ ئۇختۇرۇش قىلغان ئىدى ئىسىمدىن چىقىپ كىتىپتۇ ، مىنىڭ خەۋىرىم يوق ئىكەن يۇقاپ كىتىشىدىن دەپ گەپنى ئۈزۈۋەتتى ، باشقا ئىشىڭ بولمىسا خوش دەپ دەرۋازىنى يېپۋەتتى.
ھېچقانداق بىر جاۋاپقا ئېرىشەلمەي نائىلاج كىتىپ قالدىم،  بىزنىڭ ئۆينىڭ ئارلىقى بىلەن ئەلقەمنىڭ ئۈيىنىڭ ئارلىقى خېلى بولغاچقا بىر ماشىنغا ئالمىشىپ باراتتى ،  ئۆيگە قايتىپ كىلىپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە قاتتىق ئويلاندىم،
نىم ئۈچۈن  دىگەن سۇئاللار كاللامنى چىرمىۋالدى ،  تۇيۇقسىز كاللامغا ئەلقەم بىلەن تەڭ ۋەقەگە ئۇچرىغان ئەخمەت ، ئەكرەم ھەم يادىمغا كەلدى ، ئەجىبا ئۇلارمۇ يۇقاپ كەتكەنمىدۇ ،  
بۇ ئىشنى ئېنىقلاش ئۈچۈن چوڭ بىر تەۋەككۈلچىلىك قىلىش كېرەك ئىدى .
ئەتىسى ئاخىرى بىر نىيەتكە كەلدىم ، ئۇلارنىڭمۇ قەبرىسىنى ئېچىپ بارمۇ يوقمۇ  تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاتلاندىم، كۈندۈزى ھەركەت قىلسام كىشىلەر ئەلۋەتتە گۇمانلىنىپ قالىدۇ ، كىچىسى ھەركەت قىلىش نىيتىدە تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ بىر ئاخشامدا ئىككى قەبرىنى  تەكشۈرۈپ بۇلۇشنى ئۆزەمگە ۋەزىپە قىلدىم.
شام ۋاقتىدىن كېيىن ماڭاي دەپ تۇرىشىمغا تۇيۇقسىز تېلفۇنىم جىرىڭلاپ قالدى،
تېلفۇن ئەلقەمنىڭ ئاكىسىدىن كەلگەن ئىدى ،
ۋەي مەن ئەلقەمنىڭ ئاكىسى ...
ھە تېشلىقمۇ  ئاكا مەنمۇ سىنى ئىزدەي دەپ تۇرغان ،  ئەلقەمنىڭ مىيىتى يوقاپ كەتتى ، مەن ئەكرەم بىلەن ئەخمەتنىڭ قەبرىسىنى تەكشۈرەپ باقايمىكى دەيمەن ، بۇ ئىش سەل غەيرى تۇرىدۇ ؟
ھە قاچان تەكشۈرەي دەيسەن  ؟؟؟
ھازىر ماڭايمىكىن دىگەنتىم ..
ھە مەن تېخى سىنى بىرە يىپ ئۇچى تاپقانمىدۇ  دەپ تېلفۇن قىلغانتىم،

ھە ياق تېخى ،،،،

ھە ئۇنداقتا ئىشىڭنى قىلىۋەرگىن ئۇكا ،، دىت دىت دىت ....

شۇنداق دەپلا تېلفۇننى قويىۋەتتى ، مەنمۇ ئۇنىڭ بۇنداق لۈكچەك مىجەزىنى بىلگەچكە ئانچە ئېغىر ئالمىدىم، ھەم ئۆز يولىمغا راۋان بولدۇم.

ئۈمرۈمدە تۇنجى قېتىم  كىچىسى قەبرىستانغا كىلىشىم ئىدى ، شۇنچىلىك جىمجىتلق ھۆكۈم سۈرەتتى.
15 كۈنلۈك تولۇن ئاي دىگەندەك ئايدىڭ كېچە ئىدى ، ئەكرەمنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ بىسمىللە  دەپ قەبرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىچىگە چۈشتىم ، ئېلۋالغان گۈرجەك بىلەن قەبرىنى ئېچىشقا باشلىدىم، تۇيۇقسىز بىر قارا كۆلەڭگە ئارقامدىن يېقىنلاپ كىلۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدىم.         

داۋامى بار..


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80924
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4653
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 983 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 12:42:42 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى قاچان ئىلان قىلىنارئەمدن

ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق ، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12545
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8897
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 986 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 10:28:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي بۇرادەر شۇنداق ياخشى كېتىۋىتىپ تۈگەپ كەلدىغۇ

يالغۇز

HALKIM UQUN   JENM   PIDA

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 716
يازما سانى: 1229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11483
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 11:11:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى قاچان يېزلا ئەمدى

خەلقم ئۇچۇن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105547
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2014-4-1
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 01:24:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ئوبدان چىقىپتۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 03:13:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى خىلى ياخشى چىقىدىغان ئوخشايدۇ،تىزراق يوللىسىڭز بولاتتى ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش