چىرىكلىك ۋە ئوغۇرلۇق كىسىلى
لى يى مېن
‹‹ مۇزې .گىڭجۇ ›› تەزكىرىسىدە خاتىرلىنىشچە:بىر قىتىم مۇزې لوياڭلق ئەپەندىمدىن سوراپتۇ ‹‹ مۇنداق بىر ئادەم بار ،ئۇنىڭ چارۋىلىرى ناھايىتى كۆپ،گۆشنى يەپمۇ تۈگىتىپ بۇلالمايدۇ، بىراق باشقىلارنىڭ قۇتۇرماچ ئىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە يەنىلا باشقىلارنىڭ قوتۇرمىچىنى ئوغۇرلىۋالىدۇ. قېنى دەپ بېقىڭ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ نەرسىلىرى ئۇنىڭ ئىھتىيا جىنى قاندۇرالمامدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ئوغۇرلۇق كىسىلى بارمۇ؟ ››. لوياڭلىق ئەپەندىم كىسىپلا ‹‹ ئوغۇرلۇق كىسىلى بار ›› دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. مۇزې يەنە‹‹ چۇ دۆلتىنىڭ زىمىنى ناھايىتى كەڭرى، ئېچىپمۇ ئېچىپ، نەرسىلىرىنى ئشلىتىپمۇ ئىشلىتىپ تۈگىتىپ بۇلالمايدۇ .بىراق ئۇ سۇڭ ،جىڭ دۆلتىنىڭ بوش زىمىنلىرىنى كۆرۈپلا بىسىىۋالدى. بۇنىڭ ھېلىقى قۇتۇرماچ ئوغۇرلايدىغان ئادەم بىلەن نىمىسى ئوخشىمايدۇ؟›› دەپ سوراپتۇ. لوياڭلق ئەپەندىم ‹‹ ئوخشىمايدىغان ھېچ يىرى يوق ،ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوغۇرلۇق كىسىلى بار ››دەپتۇ.
ئوغۇرلۇق ئادىتى ئەسلىدە ‹‹ئوغۇرلۇق كىسىلى ›› دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ ئىنىقكى پىسخىكىلىق مەسىلە بۇلۇپ كىشىلەرنىڭ خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك قىلمىشىنى پىسخىكىلىق كىسەل نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا بۇ راستىنلا يېڭى ئۇسلۇپ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. پارىخۇرلارنىڭ چىرىكلىشىش سەۋەبى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر نۇرغۇن تەھلىللەرنى ئىلىپ بارغان.بەزىلەر‹‹ بۇنىڭ سەۋەبى تۈزۈمدە.نازارەتچىلىك ،چەكلەش مىخانىزىمى مۇكەممەل ئەمەس ›› دىسە،يەنە بەزىلەر ‹‹ ئەمەلدارلارنىڭ ئەخلاق ئېڭى تۆۋەنلەپ كەتتى›› دەيدۇ.يەنە بەزىلەر‹‹ سىياسى جەھەتتىن دىمۇكراتىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش روھى كەمچىل ،كىشىلىك ھوقۇققا توغرا مۇئامىلە قىلالمىغانلىقتىن ›› دىيىشىدۇ.بۇ تەھلىللەرنىڭ ھەممىسىسى توغرا.بىراق ئۆزگىچە بىرخىل تەرىپىمۇ بار،يەنى مەن يەنە بىر نوقتىنى قۇشۇپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم؛ئۇ بولسىمۇ چىرىكلىشىشنىڭ سەۋەبى ئەمەلدارلاردا بىرخىل پىسخىكىلىق كىسەل-ئوغۇرلۇق كىسىلى بار.
بۇ ‹‹ مۇزې.گېڭجۇ›› تەزكىرىسىنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلھامى.
ھازىر بەزى ئەمەلدارلار راستىنلا بىر خىيانەت قىلسا نەچچە يۈز مىڭ ھەتتا نەچچە يۈز مىليون يۈەنگە خىيانەت قىىلىپ بۇنچىۋالا جىق پۇلنى نىمە قىلىدىكىنە؟خەجلەپ بولالامدىغاندۇ؟ ئائىلەمنى ئىلىپ ئىيىتسام،مەن ۋە ئايالىم مائاشلىقلارنىڭ قاتلىمىغا كىرىمىز.مىنىڭ ئايلىق كىرىمىم2مىڭ يۈەن ،ئايالىمنىڭ بولسا بىرمىڭ يۈەن.ئىككىمىزنىڭ قوشقاندا بىرئايدا 3 مىڭ يۈەن بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى شەھەر ئاھالىسى ھىسابلىنىمىز.يىمەك-ئىچمەك،كىيىم-كىچەك،تۇرالغۇ،قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردىن ھىچقانداق غىمىمىز يوق. بالىلىرىمىزنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشقىمۇ يىتىدۇ.پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ ماددى تۇرمۇشى جەھەتتىن ئىلىپ ئىيىتقاندا يىمەك-ئىچمەك،كىيىم –كىچەك تۇرالغۇ،قاتناش دىگەندىن باشىقا نەرسە ئەمەس(خالاس)،ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭكىدىن يۇقىرى،ئالاھىدەنازۇ-نىمەتلەرنى يەيدۇ. داڭلىق ماركىدىكى كىيىم-كىچەكلەر كىيدۇ، داچىلاردا ئولتۇرىدۇ. چاشۇما،خانتاجىلارنى ھەيدەيدۇ.شۇنداق قىلىپمۇ نەچچە مىڭ يۈەن ھەتتامىليون پۇلنىمۇ تۈگىتىپ بولالماي تۇرۇپ يەنەشۇنداق كۆپ خىيانەت قىلىپ پارەئىلىشى،ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بولماستىن،خۇددى ھىلىقى قوتۇرماچ ئوغرىسىغا ئوخشاش پۈتۈنلەي بىرخىل پىسخكىلىق ھالىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈندۇر.
خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئاللىقاچان «پۇلدىن ئايرىلالمايدىغان» ھالەتكەكىرىپ بولدى، خۇددى زەھەر چەككۈچىلەر «زەھەرگە خۇماربولۇپ قالغاندەك» بىركۈن چەكمىسە بۇرنىدىن سۇ ئىقىپ،كۆزلىرى ياشاڭغۇراپ،پۈتۈن بەدىننى خۇددى قۇرت-قوڭغۇزلار چىقىۋالغاندەك بەكلا ئازاپلىنىپ كىتدۇ. خىيانەتچىلەرمۇ شۇنداق، خىيانەت قىلىپ تۇرمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ. بۇ پىسخىك كىسەللىك بولماي نىمە؟ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتتى ئاددى-ساددا،مەسىلەن جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھەرلىك كومىتىتنڭ سابىق سىكىرىتارى ۋاڭ چۈن كونا كىيىملەرنى كىيەتتى،ئەبجەق ۋىلىسپىت مىنەتتى، يىيىشىگە تەييار چۆپ يەيىتتى. تۇرمۇش سەۋىيەسى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭكىگىمۇ يەتمەيىتتى. بىراق نەچچە مىليون خىيانەت قىلدى.ئەگەر پۇلدىن مەرىنى ئۈزەلمىگۈدەك دەرىجىدە مەپتۇن بولۇپ قالمىغان بولسا، شۇنچىۋالاچوڭ «مەھسۇلات» قائىرىشەلەمدۇ؟
بۇنداق پارىخورئەمەلدارلارنىڭ بۇ كىسلى ناھايىتى ئىغىرلىشپ كەتتى، 120گەتىلفۇن قىلىپ جىددى قۇتقۇزۇش ئىلىپ بىرىش كىرەك.
چىرىكلىك بىرخىل پىسخكىلىق كىسەللىك.بۇنى يەنە تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.بىرىنچىدىن،چىرىكلىك بىرخىل مەقسەتلىك كىسەل بولۇش. بىرئادەم روھى كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا ئۇنىڭ روھى ھالىتى ئىنىقكى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن ئەكىسچە بولىدۇ. ئەمەلدارلارنىڭمۇ ئەمەلدارلىق ئۆلچىمى بولىدۇ. سىز ئازراق بولسىمۇ خىيانەت قىلىشىنى ئويلىسىڭىز ئەمەلدارلىق ئۆلچىمىنىڭ ئەكىسچە ئىش قىلىسىز بۇنىڭدا ئەلۋەتتە كىسلى بار دەپ ئىيتىشقابولىدۇ.
ئىككىنچىدىن،بىز خىيانەتچىلەرنى تۇتۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن بىلەلەيمىز.ئەگەر تۇتۇلمىسا ئۇ مەڭگۈ خىيانەت قىلىۋىرىدۇ.چۈنكى ئۇلارخىيانەت قىلىش ئۈچۈنلا خىيانەت قىلىدۇ.قانداقتۇر ھاجىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس. بۇ تېپك پىسخىكىلىق كىسەللىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.خەجلەي دىسە پۇلى كەممۇ؟ كەم ئەمەس.بىراق ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا يەنىلا ئالتۇن يالتىلغان جازا تاختىيىنى چىڭ تۇتۇۋالغان،بۇجان تۇمشۇققاكىلىپ قالماق دەپ ئاتىلىدۇ.
قارىغانداچىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئەمەلدارلارغا قانۇن-تۈزۈم تەربىيسى، ئەخلاق تەربىيسى ئىلىپ بارغاندىن باشقا يەنە ئۇلارغا پىسخىكىلىق ساغلاملىق تەربىيسى ئىلىپ بىرىش زۆرۈردەك قىلىدۇ.
بۇئەسەر ‹‹ تاللانغان فېليەتۇنلار›› (杂文选刊) ژۇرنىلىنڭ 2007-يىللىق 12-سانىنىڭ ئالدىنقى يىرىم ئايلىق (上半月) سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى:ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت511 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-9 08:05 PM