مولداۋادىكى خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان تۈركىي خەلق – گاگائۇزلار 摩尔达维亚的崇拜基督教的突厥语民族 –嘎嘎乌孜人
خوجا نىياز (ئاقسۇمائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنتى) قىسقىچە مەزمۇنى : بۇ ماقالىدە مىللەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن، گاگائۇز مىللىتىنىڭ كىملىگى، تارىخىي كېلىپ چىقىشى ،ئولتۇراقلاشقان جايلىرى، نۇپۇسى،دىنىي ئېتىقادى،قىسقىچەمەدەنىيەت ئەھۋالى ،سىياسىي ئورنى ، تىل–يېزىغى،قاتارلىق مەسىلىلەر يۇرۇتۇپبېرىلىدۇ. ئاچقۇچلۇق سۆز : مولداۋىيە گاگائۇز مىللىتى ھازىرقى ئەھۋلى
گاگائۇزلار قەدىمكى چاغدىكى ئۇيغۇر - ئۇغۇزلارنىڭ نەسلى نەسەبىدىن بۇلۇپ، مىلادى 5 - ئەسرلەردە ئالتايتاغلىرى ئەتراپى، مۇڭغۇليە ئەتراپلىرىدىن غەرپكە سۇرۇلۇپ، ئۇرال ۋە ئېتىل(ۋولگا)ئارقىلىقبىر قىسمى شەرىقى ياۋرۇپاغا، يەنە بىر قىسمى قارا دېڭىز ئەتراپلىرغا كۆچكەن.مىلادى 1000 - يىلاردا «دۇبرۇجا» ○1دېگەن يەرگە ئۇلتۇراقلاشقان. 1224 - يىلى مۇڭغۇللار رۈسلارنى يەڭگەندىن كىيىن، گاگائۇزلار تۇنا دەرياسىدىن ئىككنىچى قېتىم ئۈتۇپ، سىلستىرې ۋە ۋامادېگەن يەرگە جايلاشقان. يەنە بىر قىسم گاگائۇزلار بولسا بالقان يۇلى بىلەنئادالارا، ئانادۇلۇغا يەرلەشكەن. گاگائۇزلار تۇركىي تىلى(ئۇغۇز تىللىرى گۇرۇپىسنىڭئۇغۇز - بۇلغار تارماق گۇرۇپىسى) دا سۆزلىشىدىغان ، خىرستىيان دىنىنڭ پىراۇسلاۋىيە مەزھىپىگە ئىتقاد قىلىدىغان بىر خەلقتۇر .«گاگائۇز»دېگەن بۇ نام ئاتاق ھەققىدە بەزىلەر« گاگائۇز » ئەسلى «ئۇغۇز» دېگەن سۆزنىڭ يەنەبىر خىل ۋارىيانىتى دىسە يەنە بەزىلەر، ئۇ « كۆك ئۇغۇز » دېگەن سۆزدىن كىلىپچىققان. چۈنكى گاگاۋۇز مىللىتىنىڭ چېچى سېرىق، كۇزى كۆك بولغاچقا « كۆك ئۇغۇز » دەپمۇئاتالغان دەيدۇ.
گاگائۇزلار 11 - ئەسىردە بىزانىس دىنچىلىرىنىڭزورى بىلەن خىرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان، 13 - ئەسىردە شىمال ۋە شەرىقتىكىبالقاندا (يۇگۇسلاۋىيە، ئالبانىيە، بۇلغارىيە، رۇمانىيە، گىرىتسىيە ۋە تۈركىيەقاتارلىق جايلاردا) ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 13 - ئەسىردە تۇنجى قېتىم يەنى 1263 - يىلدىن1383 -يىلغچە120 يىل مەۋجۇت بولغان مۇستەقىل گاگائۇز دۆلىتى قۇرغان، ئۇلارنىڭ بايرىقىقىزىل رەڭلىك يەرشارنىڭ ئۈستىگە ئاق رەڭلىك بىر خۇرازنىڭ سۈرتى چۇشۇرۇلگەن بايراقبولغان.دوبرۇجادائوسمان تۈرۈك ئىمپىرىيسى ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردا گاگائۇزلار ئۆزىنىڭ تۈركى مىللەتبولۇشىغا قارىماي، خىرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئوسمان تۈرۈك ئىمپىرىيسى ئىسلام دىنىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈركى مىللەت بولغان گاگائوزلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەن. 1770 - يىلى مولداۋىيەدە تۈنجى قېتىم چېدىر، ئورغاق دېگەن ئىككى يېزىنى قۇرۇپ چىققان. 1768 - يىلىدىن 1774 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۈرك، رۇس ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن «بۇخارىست» كېلىشىمىگە ئاساسەن تاتار مۇسۇلمانلىرى رۇسلار تەرىپىدىن بوجاك ناھىيسىدىن قوغلانغاندىن كېيىن، پىراۋۇسلاۋىيە مەزھىپىدە بولغان گاگائۇزلار رۇسلارنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن تاتارلار ئىلاجىسىز تاشلاپ كەتكەن بېسارابىيىگە (ئوكرائىنانىڭ بۇرۇنقى ئىسمى) 1806- يىلدىن 1812 - يىلىغىچە كۆچۈپ كەلگەن. 18 - ئەسرىنىڭ ئاخىرى، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دوبرۇجادىن بېسارابىيىگە، يەنە ئوكرائىنىيەگە كۆچۈپ بارغان گاگائۇزلارنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. 1818 - يىلىغا كەلگەندە چېدىرلىق گاگائۇزلار«چاتىر»، ئورغانلىق گاگائۇزلار بولسا «ئاۋدارما» دېگەن يېزىلارنى قۇرۇپ چىققان.گاگائۇزلارنىڭ بىر بۆلىكى 1990 -، 1910 - يىللىرى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كېلىپ، تورغاي رايونىغا، 1925 - يىللىرى تاشكەنىت تەۋەسىگەجايلىشىپ قالغان. ھازىر گاگائۇزلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مولداۋىيەدىكى گاگائۇز جۇمھۇرىيتى تەۋەسىدە ياشايدۇ.
گاگاۇزلارنىڭ ئومۇمىي نۇپۇسى 1979 - يىلى 193 مىڭ بولغانبولسا، ھازىر250 مىڭ دىن- 300 مىڭغىچە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا ئوكرائىنىيە (قىرىمىدا )،رومانىيەدە، بۇلغارىيە، گېرىتسيە، تۈركىيە، قازاقىستان، ئۆزبىكىستان ۋە رۇسىيە فېدىراتسىيەدىكىقابارداي - بالقار جۇمھۇرىىتى، داغىستان ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتى تەۋەسىدە 300 مىڭدىنكۆپ ساندا ياشايدۇ.○2يەنە1930 - يىلى ئىقتىسادى بۆھراندىن قېچىپ بىر بۆلەك گاگائۇزلار ئەرجاندىن بىرازىلىيەۋە كاناداغا كۆچۈپ يەرلەشكەن.ھازىر مولداۋا جۇمھۇرىيتىدەتۈركى تىلدا گەپلىشىدىغانلار 550 مىڭ كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 350 مىڭى تاتارچە،200 مىڭ كىشى گاگائۇزچە گەپلىشىدۇ. بۇلار «بېسارابىيە گاگا ئۇزلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ،رومانىيەدە 320 مىڭ كىشى تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار دوبرۇجادا ياشايدۇ،بۇنىڭ 20 مىڭى گاگائۇزچە گەپلىشىدۇ. ○3 ئوكرائىنىيەدە 500 مىڭ كىشى تۈركى تىلدا گەپلىشىدىغان بولۇپ،بۇلار ئىسمايىل ۋىلايتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇلاردىن 460 مىڭ كىشى تاتارچە،40 مىڭ كىشى گاگائۇزچە گەپلىشىدۇ. ○4 گاگائۇز ئوكرائىنيەدىكى ئودىسا ،زاپوروجيە ياشايدۇ .بۇلغارىيەدە تۈرك (تۈركىيە تۈركلىرى) ۋە گاگائۇزلاربولۇپ 1 مىليۇن 72 مىڭ كىشى (1984 - يىلى) تۈركى تىلدا گەپلىشىدۇ○5 -2004 يىلىدىكى مەلۇماتقا 1 مىليۇن 200 مىڭ كىشى تۈركى تىلدا گەپلىشىدۇ دىيلگەن ○6 باشقا مەنبەلەردە ھازىر بۇلغارىيەدە 3 مىليۇندىن ئارتۇق تۈركى خەلقلەر ياشايدۇ. بۇ بۇلغارىيە نوپۇسىنىڭ %30 تىنى تەشكىل قىلىدۇ دەپ كۆرسىتلگەن . ○7 گېرىتسىيەدە تۈركىيە تۈركلىرى ۋە گاگائۇزلار تۈرۈكلىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 800 مىڭ كىشى (1984 -يىلى ) تۈركى تىلدا گەپلىشىدۇ ○8.گاگائۇزلار تارىختا شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان مىللەت。 بۇ ھەقتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق تارىخ تەتقىقاتچى ئالىمى گومۇليىۋ «كۆك تۈركلەر» ناملىق ئەسىرىنىڭ «كۆك ئوغۇز» قىسمىدا مەخسۇس توختالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل خانلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كۈرەش تارىخى بايان قىلىپ كۆرستىىلگەن. كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا، گاگائۇزلار تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرەبىر دۆلەت بولۇپ ئۇيۇشالماي سىياسىي ھەم تېرىتورىيە (تۇپراق) جەھەتىتىن بىر قانچەگۇرۇپىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيسى دەۋرىدە مولداۋىيە ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيسى تەۋەلىكىدە بولۇپ كەلگەن. 1912 - يىلى تۈركىيە تەۋەلىكىدىكى مولداۋىيەرۇسىيە تەرىپىدىن بېسىپ ئېلىنغان. 1919 - يىلى رومانىيەگە بۆلۈپ بېرىلگەن، 1940 -يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى رومانىيەدىن ئېلىۋېلىنىپ، 1940 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنىمولداۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1980-يىلىدىكى دۇنيا ۋەزىيتىدىكى ئۆزگىرىش «ھەر مىللەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش،ھەر مىللەت ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆزلىرى تاللاش» ئېقىمى - شۇئارىتۈرۈتكىسىدە مولداۋا جۇمھۇرىيتىدىكى گاگائۇزلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ئۈچۈن ھەركەتلىنىشكە باشلىغان. 1987 - يىلى «گاگائۇز خەلقى ئۇيۇشايلى» ئاتلىق خەلق ھەرىكىتىنى باشلىغان. 1989 - يىلى 5 - ئايدا دەسلەپكى خەلق يىغىنى ئېچىلغان، يىغىندا: گاگائۇزخەلق ھەرىكىتى جەنۇبى مولداۋىيەدىكى كومرات شەھرىنى ئۆزلىرىگە باش مەركىزىي شەھەر- باش كەنىت قىلىپ بەلگىلەش. مولداۋا جۇمھۇرىيتى تۇپراق پۈتۈنلىكى ئىچىدە گاگائۇز ئاپتونۇم سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتىنى قۇرۇش،ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش، مولداۋاغا قاراشلىق بىر رەھبەرلىك (باشقارما)ئورگىنى قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق مەسىللەر ماقۇللانغان. گاگائۇزلار 1990 - يىلى 21- ئاۋغۇست كۈنى چوڭ يىغىنىدا گاگائۇز ئاپتونۇم سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقىنىجەنۇپتىكى گاگائۇزلار ئەڭ كۆپ ياشايدىغان كومىرات شەھرىدە ئېلان قىلغان. بۇ مولداۋائالىي سوۋېت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، 1990 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى گاگائۇز خەلقىئىتتىپاقى يەنە چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈپ گاگائۇز جۇمھۇرىيتىنى قۇرۇش چوڭ سايلىمىنى ئۆتكۈزگەن.بۇ مولداۋا مىللەتچىلىرى ۋە رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ قارشىلىقى ۋە قورشاۋىدا قالغان بولسىمۇ قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىپ، گاگائۇز خەلق قۇرۇلتىيىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان.1990 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كومىرات شەھرىدە يېڭى بىر گاگائۇز ئالىي سوۋېتقۇرۇپ چىقىلغان، سېتىپان توپال مىنىستىر قىلىپ سايلانغان. 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ27 - كۈنى مولداۋىيە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقىنى جاكارلىغان . شۇنىڭدىن كېيىن 1994- يىلى 23 - دېكابىر مولداۋا جۇمھۇرىيتى قارار ماقۇللاپ، گاگائۇز ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتىنىرەسمىي ئېتىراپ قىلغان ھەمدە گاگائۇزىيە - گاگائۇزىستاننىڭ مەخسۇس ھوقۇقى، ھوقۇق دائىرىسى قاتارلىقلار قانۇن قىلىپ چىقىرىلغان. قانۇنغا كۆرە، گاگائۇزلارغا مولداۋا ئاساسىي قانۇنىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىك شەرتى بىلەن تۈرلۈك شەھەرلەردە قانۇنچىقىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن. ئۇنىڭدا : گاگائۇزىيە - گاگائۇزىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ ئالىي رەھبىرى باش مىنىستىرى بولىدۇ. گاگائۇزىيەنىڭ ھەممە باشلىقلىرى رەئىسكە (باش مىنىستىرگە) قاراشلىق بولىدۇ. گاگائۇزىيەنىڭ رەسمى تىلى گاگائۇز تىلى، مولداۋاتىلى، رۇس تىلى بولىدۇ دېيىلگەن. گاگائۇز خەلىقى مەدەنىيەت، بىلىم، ئۇقۇل (ئوقۇتۇش-مائارىپ)، ئىقتىساد (مال-مۈلۈك)، پۇل-مالىيە، ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەرلىك ھۆكۈمەتخىزمەتلىرى، سەھىيە، تەنتەربىيە، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردە مولداۋىيە ئانا قانۇنىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئاساسىدا قانۇن - پەرمان ئېلان قىلغان ○9. گاگائۇزىيەنىڭ يەر كۆلىمى831. 1 كوۋادىرات كىلومېىتر بولۇپ، 2000 - يىلىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا نوپۇسى200 مىڭدىن كۆپ. باش كەنتى - مەركىزىكومرات، قوشنىلىرى شىمالدا ئوكرائىنا، غەرىپتە رومانىيە، جەنۇبىي غەرىبىدە بۇلغارىستانبىلەن چېگىرلىنىدۇ.
ئاساسلىق شەھەرلىرى: كومرات، چادىر، لونگا، ۋۇلكانشىتىدۇر.
تىل يېزىق جەھەتتە:
گاگائۇزلار ئۇزاقتارىخى شارائىتتا، تۈرلىك سەۋەپلەرگە كۆرە ئوسمان تۈركچىسى، ئەرەپچە، پارىسچە سۆزلەرنىئازراق، يۇنان، بۇلغار، رومان، مولداۋا ۋە رۇسلار بىلەن ئارىلىشپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىللىرىدىن كۆپرەك سۆز، ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغان. بۈگۈنكى گاگائۇز تۈركچىسى ئەدەبىي تىلدا كۆپ ساندا سىلاۋيان ئەسلى سۆزلىرى بولماقتا. گاگائۇزلار ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيسى دەۋرىدە ئوسمان تۈركچىسىدىكى ئېلىپبەنى،ئوسمان تۈركچىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن زامان رۇسئېلىپبەسى بىلەن يېىزىلغان كىتاپلارنى ئوقۇغان. ھەرقايسى شارائىتلاردا رۇمچە، بۇلغارچە،رۇسچە ۋە رومانچە ئۆگۈنۈش ۋە بۇ تىللارنىڭ ئېلىپبەلىرىنى قوللۇنۇشقا مەجبۇربولغان . 1918 - يىلىدىن 1932 - يىلىغا قەدەر رۇس ئېلىپبەسىنى، 1932 - يىلىدىن1957 - يىلىغا قەدەر لاتىن ئېلىپبەسىنى قوللانغان. 1957 - يىلىغا قەدەر گاگائۇزلارنىڭئۆز ئالدىغا ئېلىپبەسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، 1957 - يىلىدا مولداۋا سوۋېتسوتىسيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئالي سوۋېتى قارار چىقىرىپ، رۇس ئېلىپبەسىدىكى بىر قانچە ھەرىپلەرنى ئاساسقىلىپ، رۇس گاگائۇز ئېلىپبەسىنى ياراتقان. 1957 - يىلىدىن 1996- يىلىغا قەدەر تەكراررۇس ئېلىپبەسىنى، 1996 - يىلىدىن كېيىن لاتىن ئېلىپبەسىنى قوللۇنۇشقا باشلىغان. گاگائۇز تۈركچىسى مورفولوگىيە، فونتىكا ۋە سېنتاكىس قاتارلىق تەرەپلەردەسىلاۋيان تەسىرىگە ئۇچرىغان. گاگائۇز تۈركلىرىنىڭ ئىككى دىيالىكتى بار، بىرسى مەركىزى دىيالىكتى - كومرات ۋە چادىر دىيالىكتى، يەنە بىرى جەنۇپ - ۋولكانىش دىيالىكتىدۇر.قانۇنلارغا كۆرە «گاگائۇز يېرى» (گاگائۇز ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتى)نىڭ رەسمى تىلى «گاگائۇزچە، رۇسچە، رومانچە» دەپ بەلگىلەنگەن. ھەرھالدا گاگائۇزلار«ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت» نامىدا كېتىۋاتقاچقا، ئانا تىللىرىنى قوللىنىش ئىمكانىيتى تۇغۇلغان.گاگائۇزلار بىرقانچە دۆلەت ياكى رايونلاردا بۆلۈنۈپ ياشىغانلىقى ( بىر دۆلەت بولۇپ ئۇيۇشالمىغانلىقى) ئۈچۈن بىر-بىرىدىن پەرىقلىق ئېلىپبەلەر قوللىنىش زورلىقىدا (بېسىم ىئاستىدا ) قالغان بولسىمۇ گاگائۇزلار ياشىغان دۆلەت ياكى رايون ئېلىپبەسى بويىچە گاگائۇز تۈركچىسىچە كىتاپلار نەشىر قىلغان. بېسارابىيدە گاگائۇزلارنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى مېخائىل چاكىر گاگائۇزلار ھەققىدە نۇرغۇن كىتاپلار يازغان.گاگائۇز ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۇ بۈيۈك رول ئوينىغان. چۈنكى مېخائىل چاكىرئەڭ دەسلەپ 1904 - يىلىدا گاگائۇز تۈركچىسى بىلەن ئىككى گېزىت چىقارغان ۋە بۇتىلنىڭ گاگائۇز ئەدەبى تىل ھالىغا كېلىش ئۈچۈن ئوت ياققان. 1934 - يىلىدا گاگائۇز تۈركچىسى بىلەن «بېسارابىيەلىك گاگائۇزلارنىڭ تارىخى» ئاتلىق كىتاپ چىقارغان،بۇكىتاپ بىر گاگائۇز تەرپىدىن يېزىلغان دەسلەپكى «گاگائۇز تارىخى» دۇر. يەنە مېخائىلچاكىر 1939 - يىلىدا «گاگائۇزچە، رومانچە سۆزلۈك» نى نەشىر قىلدۇرغان ۋە «ئىنجىل»نى ئانا تىلى- گاگائۇزچىغا تەرجىمە قىلىغان. 1957 - يىلىدىن كۈنىمىزگە قەدەر گاگائۇزتۈركچىسى بىلەن 25-30 پارچە ئەدەبى ئەسەر نەشىر قىلدۇرغان○10. ئوقۇتۇش تەربىيە جەھەتتە:
1986 - يىلىدىن بۇرۇن بېسىم ئېغىر بولغاچقا گاگائۇزتىلى ۋە مەەنىيتىنى قوللايدىغانلار ئاز بولغان، گاگائۇزلار رۇسچە ئوقۇل (مەكتەپ)لاردا ئوقۇشقا زورلانغاچقا ئۇلار ئىككى تىللىق بولغان. موسكىۋادا ياشايدىغان مىللەتلەرئىچىدە رۇسچىنى ئىككنچى تىل قىلىپ قوللىنىدىغانلار ئارىسىدا ئەڭ يۈقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانگورۇپ گاگائۇزلار بولۇپ، گاگائۇزلارنىڭ % 74 تى رۇسچە ئوقۇغان.1986 - يىلىدىن باشلاپ يېزىقلىرى (رۇس گاگائۇز ئېلىپبەسى)ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نەشىرىيات ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ، كۈنىگە 15 مىنۇتلۇق رادىئو ئاڭلىتىشباشلانغان. 1991 - يىلى 8- ئاينىڭ 27 - كۈنى مولداۋىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن1994 - يىلى گاگائۇزلار «گاگائۇز يېرى» (جەنۇبى شەرىقي مولداۋىيە) دە مولداۋائاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن مولداۋا تۇپراق پۈتۈنلىكىدە تۇرۇش ئاساسىدا «گاگائۇزىستان»نى قۇرۇپ چىققان. ئوقۇللار(مەكتەپلەر) دە 1996 - يىلىلاردىن باشلاپ لاتىن ئېلىپبەسى قوللىنىشقا باشلاپ گاگائۇزچە گېزىتلاردىن«گاگائۇز ئاۋازى» ۋە «ئانا سۆزى»ناملىق گېزىتلەر چىقىرىلىشقا باشلىغان. يەنە« سابا يىلىتىزى» ئاتلىق ژورنال (دەرگى)چىقىرىلىشقا باشلىغان. گېزىتلەرنىڭ سەرلەۋھەسىگە ئانا سۆزى بىلەن « ئوغۇزلارياشىسىۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. ھازىر مولداۋادىكى گاگائۇزلاردىن تۈرلى ئىلىم ساھەسىبويىچە كۆپلىگەن ئالىملار يېتىشىپ چىققان. كومرات ئۇنۋېرسىتىدا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇكېلىپ ئوقۇيدۇ، گاگائۇز تىلىنى ئۆگۈنىدۇ. باشقۇرۇش جەھەتتە: گاگائۇز يېرى - گاگائۇزسىتاننىڭ ئەڭ يۈقىرى باشقۇرغۇچىرەھبىرى - باش مىنىستىر دەپ ئاتىلىدۇ.گاگائۇزىيە قانۇنىنىڭ 6 - ماددىسىغا كۆرە پۈتۈن گاگائۇزىيە تەۋەسىدىكى يەر ئاستى ۋەيەر ئۈستى بايلىقلىرى - مۈلۈكلىرى گاگائۇزىيىگە تەۋە دەپ كۆرسىتىلگەن. گاگائۇزىيەنىڭ مولداۋا جۇمھۇرىيتى بايرىقى يېنىدا بۆرى بېشى چۈشۈرۈلگەن كۆكبايرىقى لەپىلدەپ تۇرىدۇ.
ئۇلار تارىختىكى كۆك تۈرك ۋە ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ بايرىقىنى ئۆزىنىڭبايرىقى قىلىپ بېكىتكەن. سەۋەبى تارىختا تۈركى قەۋمىلەر بۆرىنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەسسىموۋلى دەپ قاراپ كەلگەن. «ئوغۇزنامە» داستانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمان خاقانىبولغان ئوغۇزخان «كۆك بۆرە بولسۇن بىزگە ئۇران» دېگەن. شۇڭا ھازىر گاگائۇزلار بۆرەبېشى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراقنى تۈرك قەۋمىلەرنىڭ مۇقەددەس سىموۋلى دەپ تونۇيدۇ.
ھېيىت-بايرام ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتە:
گاگائۇزلار 1054- يىلىدىن ئىلگىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقادقىلغان بولسىمۇ كېيىنچە خىرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغان.
خىرىستىيان دىنى قائىدىسى بويىنچە مىيىتنى ئۇزۇتىدۇ، ئەمما يەنىلا ئۇيغۇر ،تاتار قاتارلىق تۈركى خەلقلەرگە ئوخشاش ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان .1990 - يىللاردىن بۇيان ئۇلارباشقا تۈركى خەلىقلەر قاتارىدا تۇرۇش ئۈچۈن ئەسلىگە قايتىپ، ئاتا-بوۋىلىرى ئېتىقادقىلغان ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەر كۆپىيىپ بارماقتا. گەرچە كۆپچىلىكى خىرىستىئاندىنىغا ئېتىقاد قىلسىمۇ لېكىن يەنىلا ھەج-تاۋاپ قىلىش، قۇربانلىق قىلىش ئۇلارنىڭ ئەن-ئەنىۋى ئادتىدۇر.
گاگائۇزلار قارىماققا تىپىك مۇسۇلمانغا ئوخشايدۇ. ئاغزىدىن « ئاللاھ، پەيغەمبەر،جەننەت، جەھەننەم، گۇناھ» دېگەن سۆزلەر چۈشمەيدۇ. ئەمما ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەس، بۇسۆزلەر ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئادەت قالغان ئىكەن. ئۇلار ھەر يىلى ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئادەت بويىچە تۈركقەبىلىلىرىنىڭ مۇقەددەس سىموۋولى بولغان بۆرىنى خاتىرلەپ بۆرە بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ.بۆرە بېشى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراقنى تۈرك قەۋمىلىرىنىڭ مۇقەددەس سىموۋلى دەپ قاراپ،تۈرلۈك شەكىلدىك خاتىرلەش، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.
1994 - يىلى 8 -ئايدا مولداۋىيەدە 1 - قېتىملىق «خەلقئارا گاگائۇز تۈركلىرى مەدەنىيتى» ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىن مەزگىلىدە يەنە « گاگائۇز تىلى بايرىمى» بولغان، «ئۈزۈمچىلىك»بىلەن نام چىقارغان گاگائۇزلار «ئۈزۈم» دېگەن مەيدان ئوتتۇرسىغا گاگائۇزلارنىڭ مەشھۇريازغۇچىسى مېخائىل چاكىرنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان بولۇپ، ھەيكەلنىڭ ئاستىغا چاكىرنىڭ«ئۈمۈتۋار بول، گاگائۇز مەدەنىيتىى تەرەققىي قىلدۇ»، «ۋەتىنىم، ئانا تىلىم -ھاياتىم مېنىڭ » دېگەن سۆزلىرى يېزىلغان. ئۆرۈپ-ئادەتلىرى، ئۆي ياساشلىرى تۈركى خەلقلەرگە ئوخشايدۇ، ئۆي تۇتۇشلىرى،ئۆي بېزەكلىرى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ، ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە كىرگەندەك ھېس قىلىسىز، سۇپۇنىڭ ئۈستىگە تاماق ئۈستىلى قويۇشلىرى، نان، قايماق، قېتىق،قاتلىمىلار بىلەن چاي ئىچىشلىرى خۇددى بىز ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. بېشىغاياغلىق چىگىشلىرى، بويىنىغا مارجان ئېسىشلىرى، تاملىرىغا گېلەم ئېسىشلىرى، رىشىلىيەپەردىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلاردەك ئاتنى بەكياخشى كۆرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى بىلەن گاگائۇز تىلىنىڭئوخشاشلىقى جەھەتتە:
گەرچە ئۇيغۇرلار بىلەن گاگائۇزلارنىڭ ئارىلىقى خېلىلايىراق، ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقتى ناھايتى ئۇزۇن بولسىمۇ لېكىن نەسىلى، نەسەبىدىن قەدىمدەبىر خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى بىلەن گاگائۇز تىلىدا ئوخشاشلىققا ئىگە سۆزلەرخېلى كۆپ. ئۇيغۇرلار تۈركىيە تۈركلىرىگە قارىغاندا گاگائۇز تۈركلىرى بىلەن بىمالالسۆزلىشەلەيدۇ. ئاي، كۈن ۋە دۆلەت ناملىرىنى بىز ئۇيغۇرلاردەك ئاتايدۇ، بەزى سۆزلىرىئۇيغۇرچە سۆز بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. مەسىلەن: بوران، جۇۋاپ، مەخسۇس، كۆز، چەينەك،ئەجەل، ھال (ھالرەڭ)، ھالۋا، دوست، مالاي، مايىل، ناماز، سېمىز (تۈركيە تۈركلىرىبولسا سېمىز سوزىنى ھايۋانلىرىغا ئىشلىتىدۇ)،توي،جانابىڭىز، ئۈزۈك، يىراق، زال،زىندان، زۇلۇم، قارا كۆز، قاراقاش، قىرقى نەزىر، قالاق، شان-شەرەپ، تالانت، قىز، ئېشەك،بۇغداي، سۇ، ئۆلۈش، يىقىلىش، سۇپۇر، يېمەكلىك، بۈيۈك، سىيىر، ئالتۇن، كەتمەكقاتارلىقلار ○11.
ئادەم ئىسىملىرىدا دىلبەر، ئابدۇللا، ئارۇپ، قەمبەر، قاسىم، نەزەر، ئوسمان،سالامەت، سۇلتان، ئايگۈل، ئايدىن، گۈلپاتىمە، زۇمرەت، ھەيدەر قاتارلىق ئىسىملىرىبار بۇ جەھەتتىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاشلىقى بار. گاگائۇزلار ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇدكاشغەرى(قەشقەرى)نى تۈرك مىللىتىدىن چىققان ئالىم ئۇ بىز گاگائۇزلارنىڭمۇ ئالىمى ۋەپەخىرى دەپ قاراپ ناھايتى يۈقىرى ھۆرمەت بىلدۇرىدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى»نى بىزنىڭ قەدىمكى زامان تۈرك تىلىمىزنى ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىن كېيىن ساقلاپ قالغان، تۈركى قەۋىم ۋە ئۇلارنىڭ ھايات شان - شەرىپىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان يېگانە ئەسەر دەپ بەكمۇ قەدىرلەيدۇ. ئۇلار مەھمۇد كاشغەرىگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن مولداۋىيەنىڭ كومرات شەھرىدىكى كومرات ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىر زالىغا «مەھمۇد كاشغەرى» زالى دەپنام بېرىپ، ئۇلۇغ ئۇيغۇر تىلشۇناسى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاسقان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەت يىغلىشلىرىنى شۇ جايدا ئۆتكۈزىدۇ.
ئىقتىساد، تېرىم،چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك جەھەتتە:
كىرىمنىڭ % 40تى دېگۈدەك سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن كېلىدۇ.گاگائۇزلار تېرىم (دېھقانچىلىق) باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، گىلەمچىلىكقاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شوغۇللىنىدۇ. يىلىغا 400 مىڭ توننا ئۈزۈم ئىشلەپ چىقىرىدۇ،12 ئۈزۈم پىششقلاش زاۋۇتى، بىر دانە گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، ئىككى دانە ياغزاۋۇتى، بىر دانە تاماكا(تۈتۈن) زاۋۇتى، ئىككى دانە گېلەم توقۇش فابرىكىسى قاتارلىقلار بار. ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپ چىقىرىشتا دۇنيادا داڭلىق بولغان گاگائۇزلارئۈزۈم يېتىشتۈرۈشتىن باشقا يەنە دانلىق زىرائەت، پۇرچاق ۋە سەۋزە تېرىيدۇ، مېۋە-چىۋەيېتىشتۈرىدۇ.
ئەدەبىيات - سەنئەتجەھەتتە:
ھەرخىل سەھنە ئەسەرلىرى،ناخشىلىرى، چۆچەكلىرى، رىۋايەتلىرى ۋە داڭلىق ھېكايىلىرى بار.
ئىزاھاتلار:
○1« «دوبرۇجا» -دېگەن بۇ جاي قارا دېڭىز ئەتىراپىدىكى ئەكىرەنە ناھىيسىدىن تونا دەرياسىنىڭ تورتۇكا ناھىيسىگىچە بولغان ئارىلىق بىلەن تونا دەرياسىنىڭ قارا دېڭىز قويۇلىدىغان جايلار ئەتىراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. « دوبرۇجا» دېگەن بۇ نام قارا دېڭىز ئەتىراپىداياشىغان ئوغۇز تۈركلىرى بېگىنىڭ نامىدىن كەلگەن. (2) ○7 «تۈركلەر ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇمات» 2001 - يىلى ئەنقەرە تۈركچە نەشىرى،482 - ۋە 506 - بەتكە قاراڭ. ○3○4○5 يېلىماز ئۆز تۇنا (تۈركيە): «دۆلەتلەر ۋە خانىدانلار» 4 - جىلت، ياۋرۇپادۆلەتلىرى قىسىمى، 1991 - يىلى ئەنقەرە تۈركچە نەشىرى 72-،230-،37- بەتلەرگە قاراڭ.
○6 « بۇلغارىستاندا ياشاۋاتقان تۈركلەر»2004 - يىلى تۈركچە تۈر نۇسقىسى.
○8 « يۇنانىستاندا ياشاۋاتقان تۈركلەر»2004 - يىلى تۈركچە تور بېتى ۋە ○2ئىزاھات يۇقىرىقى ئەسەر 26 - بەتكە قاراڭ.
○9 «گاگائۇز جۇمھۇرىيتى» 2003 - يىلىتۈركچە تور بېتىگە قاراڭ.
○10 « گاگائۇز يېرى» 2004 - يىلى تۈركچە تور بېتىگە قاراڭ.
○11 « بۇلاق» ژورنىلى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،ئۇيغۇرچە، 2004 - يىللىق 2 - سان 112 - بەتكە ۋە.ن. ئا. باسكاكوۋ:«تۈركى تىللار »،1986 - يىلى، بېيجىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى، 250-، 251 - بەتلەرگە قاراڭ.
摩尔多瓦的崇拜基督教的突厥语民族 -嘎嘎乌孜人
阿克苏教育学院 胡加尼孜
新疆
2014.4.8
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-9 07:54 PM
|