|
|
|
|
گۈلۈمگە مەكتۈپ ( 2-پارچە)
چوغلۇق
گۈلۈم، ئەمەلىيەتتە سېنىڭ ھاياتىمغا ئەسرا بولغان ۋاقتىڭ مېنىڭ سېنىڭ مەۋجۈتلۇقىڭنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتلىرىمدىنمۇ ئالتە يىل بۇرۇن باشلانغان ئىكەن. ھېلىمۇ ئېسىڭدىمۇ ؟ نويابىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى دادىسىنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتقىنىچە ھەم ھەيرانلىق ھەم قورۇنۇش ئىلكىدە يىگىرمە نەچچە جۈپ كۆزلەرگە باققىنىچە ئىشك تۈۋىدە تۇرغان جىملىيىپ تۇرغان كىچىك قىزچاق؟ شۇ تاپتا سېنىڭدىن سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ: ‹‹ مېنى تۇنجى كۆرگىنىڭدە قانداق ھېسىياتتا بولغان ئىدىڭ؟›› ... بىلىمەن، شۇ تاپ چوقۇم مېنىڭ بۇنداق بالىلارچە سوئالنى سورىغىنىمدىن كۈلىۋاتىسەن. ئۇ چاغلاردا بىز ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن ‹‹ ھېسىيات›› دىسە، ‹‹ ئۇ نىمە؟›› دەيدىغان كىچىك قۇشقاچلار تۇرساق، بۇ سوئالىمغا زېھنى ئۆتكۈرلۈكتە مەكتەپتە بىر سانىلىدىغان سەنمۇ جاۋاپ بېرەلمەي قالارىدىڭ ھەقىچان.
ئەمدى ئويلىسام سېنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكەن ئالتە يىل ۋاقىتنى دوستلۇق مېھرىڭسىز بىھۇدە ئۆتكۈزىۋېتىپتىمەن. شۇ ئالتە يىل ۋاقىتىنى قايتا قولغا كەلتۈرەلىسەم ئىدىم. سېنىڭ قولۇڭنى مەھكەم تۇتىۋېلىپ بىر قەدەممۇ ئايرىلماس ئىدىم. ھېچ بولمىغاندا، تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سېنىڭدىن ئايرىلىپ يىراقلارغا ئۇچۇشنى ئەمەس، بەلكى سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاشۇ كىچىككىنە ناھىيىمىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىدە يەنە ئۈچ يىل بىر سىنىپتا، بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ سېنىڭ ھېچقانداق يات نىيەت ئارىلاشمىغان مېھىرلىك كۆيۈنۈشلىرىڭ، ئاپتاپتەك ئىللىق كۈلكىلىرىڭدىن قانغۇچە ھوزۇر ئېلىشنى تاللىغان بولار ئىدىم. بەلكىم كېيىن ئوخشاش ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ سەن بىلەن يەنە ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل چاغلار بولغان ياشلىق باھارىمىزنى بىرگە ئۆتكۈزەر ئىدۇق. بۇنداق بولغاندا بەلكىم كېيىنكى ئىشلارمۇ يۈز بەرمىگەن بولغىيتتى ھە؟
بىلىمەن، بۇنداق دىسەم، ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا تۇرمۇش يولى بولىدۇ، مەن ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولالمايمەن، مەنلا ئەمەس، ھەتتا سېنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچۇرغان قەدىردان ئاتا-ئاناڭمۇ ھامان بىر كۈنى سېنى يالغۇز قويۇپ كېتىدۇ، سەۋىر قىل ›› دەيسەن. ئەمما نىمىشقىكىن بەزىدە خىيال كەپتىرىمنىڭ قاناتلرىنى بۇغۇشلاشقا ئامالسىز قالىمەن.
ئاڭلاۋاتامسەن؟ يۈرىكىم ساڭا خىتاب قىلىۋاتىدۇ: گۈلۈم، نەدىسەن؟ مېنى سېغىنغانسەنمۇ؟ چۈشلىرىمگىمۇ كىرمەس بولدۇڭ، ھېچ بولمىسا شاماللاردىن ھىدلىرىڭنى ئەۋەتسەڭچۇ، گۈلۈم!
بۇ ئەسەر قەلەمخان چوغلۇقنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە ئەۋەتىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sarvinazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-9 06:13 PM
|
|
|
|
|
|