ھورۇن بىلەن پىخسىق باينىڭ سۆھبىتى
( ھەزىل شىئىرلار)
ھۇرۇننىڭ سۇئالى:
كىچە-كۈندۈز ئىشلەيلا،ھارمايدىغان پىخسىق باي،
ئوخلىسىمۇ پۇل –مالنى چۈشەيدىغان پىخسىق باي،
ئايلاپ-يىللاپ يارتا گۆش يىمەيدىغان پىخسىق باي
يىگىنىنى بىرھەپتە كۆشەيدىغان پىخسىق باي،
ئاغزىدىكى گەپنىمۇ تىجەيدىغان پىخسىق باي.
تۇرۇپ شۇنچە پۇللىرى،ئېتىزدىن كىرمەيدىلا،
ئۇچىلىرى بەتبەشرە يا تۈزۈك كەيمەيدىلا،
ياكى تويۇپ باققۇدەك ئاش-تائام يىمەيدىلا،
بىزدەكلەرنى كۆرگەندە ھال نىچۈك دىمەيدىلا.
قىلنى قىرىق بىرقېتىم يارىدىغان پىخسىق باي.
يول يۈرگەندە ئىڭىشىپ،باش كۈتەرمەي ماڭىلا،
ئۇچراپ قالسا يىپ،تۈگمە ئۇيالماستىن ئالىلا،
قىلىنغان شۇسالامنى ئىلىك ئالماي ماڭىلا،
تاس قالىلا سالامغا ياكى باجمۇ ئالىلا،
ھېچكىشىنى كۆزىگە ئىلمايدىغان پىخسىق باي.
يۈتۈپ كەتسە بىرداچەن ئاھ ئۇرۇپ يىغلايدىلا،
كاتتىكى بۇغداينىمۇ بىرمۇ-بىرتاسقايدىلا،
تېپىلمىسا مەزلۇمغا ھەركۈنى قاقشايدىلا،
ئەركىلىسە بالىلىرى قاپاقنى ئاچمايدىلا،
ھەسەلنڭمۇ قىلىنى ئىلغايدىغان پىخسىق باي.
پىخسىق باينىڭ جاۋابى:
قۇرسىقى ئاچ ئاپتاپتا ئوخلايدىغان ئەي ھورۇن،
كۈندۈزمۇ ؟تاڭ ئاتتىمۇ ئۇقمايدىغان ئەي ھۇرۇن،
پىتلاپ كەتكەن ئۇۋاڭدىن چىقمايدىغان ئەي ھۇرۇن،
ھېچبىرئىشنىڭ پىشىنى تۇتمايدىغان ئەي ھۇرۇن،
ئاچ قالغانغا چىدىماي كىشنەيدىغان ئەي ھۇرۇن.
مىنىڭ بىلەن قالغۇچە يېتىشىڭنى ياتساڭچۇ،
ياتقان ئاۋۇ يىرىڭگە قېنى قاراپ باقساڭچۇ،
قارىغىلى بولمايدۇ ئىت ياتقۇزۇپ باقساڭچۇ،
ئۇچاق قاسماق مەينەتكەن،سۇغاموللاق ئاتساڭچۇ،
تاقىر،قاسماق بېشىنى تاتلايدىغان ئەي ھۇرۇن.
ئۆزۈڭ ئىشلەپ تاپمايسەن بەكلا ئامراق تەييارغا،
چىرايىڭمۇ ئوخشايدۇ گۇيا كەمەك ھەييارغا،
ئىزدەپ-سوراپ تاپىسەن زىياپەتنى ھەرجايدا،
تۇرسامۇشۇ تۇرقىڭ،گۇيا ئوخشار جەددالغا،
چىكىسىدىن تامچە تەر ئاقمايدىغان ئەي ھۇرۇن.
بىساتىم بار شۇنچە كۆپ ئۇنى بۇزۇپ –چاچمايمەن،
كۈندە ئىشلەپ ھارمايمەن،ساڭا ئوخشاش ياتمايمەن،
پەتىلەرگە ئالدىراپ،ئىزدەپ بۇراپ تاپمايمەن،
ئىش-ئەمگەككە بارئىپىم سەندەك نېرى قاچمايمەن،
ئۆرۈلسىمۇ تاغۇ-تاش قاچمايدىغان ئەي ھۇرۇن.
ھۇرۇننىڭ جاۋابى:
مەن بىلىمەن شۇنچە كۆپ،مال-دۇنيا ئۇلاقلىرى،
ۋەلىكىن خارۇ-زاردۇر قاراكۆز قۇمچاقلىرى،
مەن تۇغۇلسام بارئىكەن شۇئەسكى تۇماقلىرى،
دانلاپ كىرگەن توخۇغا تەيياركەن چۇماقلىرى،
ئۆزى تويسا كۆزلىرى تويمايدىغان پىخسىق باي.
زىيان بولسا بارمايلا قىچقىرىلغان پەتىگە،
بولسا پايدا بارىلا قويمايدىلا ئەتىگە،
سازلىرىنى تەڭشەيلاھىيلە-مىكىر پەدىگە،
ئايلاندىلا ئاۋامنىڭ كۆزلىرىنىڭ سەتىگە.
باي-غۇجامنىڭ شەنىنى بۇلغايدىغان پىخسىق باي.
شەيتان دەرس بەرگەنمۇ ئىشلەيدۇ كاللىلىرى،
پىشايۋانلىق بولمىدى شۇئەسكى چەللىلىرى،
مەزلۇملىرى بەك خاراپ،بولغاچقا جاھىللىرى،
ھەريۇرىتتابارئىكەن شۇسۈپەت،سايىللىرى،
چىقىم بولسا بۇيۇننى تولغايدىغان پىخسىق باي.
ئاڭلىسام بىرىپتىلا ئۆينىمۇ ئىجارىگە،
قالسىلىمۇ مەسخرە،كۈلكىگە كىنايىگە،
بارماق پۈكۈپ يۈرۈپلا كۈن پۈتەرھېساۋىگە،
بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى سىلىدەك بىچارىگە،
قۇرساق ئاچسا چۆپلۈكتە ئوتلايدىغان پىخسىق باي.
باينىڭ جاۋابى:
ۋاي پىتنىخور ئالجىما بۇيۇرىتتا مەن ياشاي،
ئىجارىنىڭ پۈتۈشكە قالدى پەقەت نەچچە ئاي،
نەكىرەك بۇلۇر ماڭا كاتتا ئۆي،ئايۋان-ساراي،
ماڭا ئوخشاش بەرىبىرمەيلى مەن نەدەياتاي،
پۇل تېپىشنىڭ ئىپىنى تاپمايدىغان ئەي ھۇرۇن.
مىنى زاڭلىق قىلغۇچە پۇل تاپساڭ بولماسمىدى،
زارلىمايتىڭ ئاچلىقتىن قۇرسىقىىڭ تويماسمىدى،
ياكى بۇنداق قىلىشقا مەزلۇمىڭ قويماسمىدى،
ھورۇن خەقنىڭ يەنە ھالى نىچۈك بولماقچىدى،
ئوخلاپ يېتىپ كۆزىنى ئاچمايدىغان ئەي ھۇرۇن.
پۇل مېلىم تۇرىۋىرەر خەجلىمەيمەن كۆڭلۈم توق،
ئەڭ يامىنى بىلىۋالال ئېچىنىشلىق، قولدايوق،
مەنسىتمەيدۇھەركىشى سەندەكلەرگە قىلىپ دوق،
ئاخىرىغاچىقمايدۇ قىلغان ئىشىڭ قېلىپ چوق،
زامان نەدە سەن نەدە باقمايدىغان ئەي ھۇرۇن.
توغرىسىنى بىلىۋال باي ئاڭاڭنى كۈنلىمە،
نىمە كەلسەئاغزىڭغا ئاق دەمدەردەك ئۈنلىمە،
خۇدابەرگەن بايلىقنى بۇزغىنى دەل دۆت نىمە،
ئوخلاپ يېتىپ چۈشۈڭدە پولو،گىردە جۆيلىمە،
خۇدابەرگەن ئۆمۇرنى چىتلايدىغان ئەي ھۇرۇن.
ئاپتۇرى: كىرىمجان ياسىن(زەپەر)