مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 715|ئىنكاس: 6

گۈلۈمگە مەكتۈپ ( 1-پارچە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 11:53:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

24.gif

گۈلۈمگە مەكتۈپ ( 1-پارچە)

25.gif

چوغلۇق

ok (32).gif


گۈلۈم، تاشلىنىپ قالغىنىغا ئۇزۇن بولغان قەلىمىمنى بۈگۈن قايتا قولۇمغا ئالدىم، سەن ئۈچۈن. نىمىشقا دەمسەن؟ ساڭا بولغان سېغىنىشلىرىم يۈرىكىمگە پاتمىغان چېغى، يۈرىكىم توختىماستىن: ‹‹ قەلەمنى قولۇڭغا ئال، سېغىنىشلىرىڭنى قەغەز بېتىگە تۆك›› دەپ نىدا قىلماقتا.


شۇ تاپ سېنىڭ تۇرقۇڭنى قىياس قىلىۋاتىمەن: قۇيۇق، قاپقارا ئىككى تال ئۆرۈم چېچىڭنى دائىم ئالدىڭغا چۈشىرىۋالاتتىڭ، بىر جۈپ قوشىما قېشىڭ، ھەر قارىسام يا ئوقىنى ئەسلىتىدىغان قۇيۇق ئۇزۇن كىرپىكلرىڭ قورشاۋىدىكى بىر جۈپ قوي كۆزۈڭ، قاڭشارلىق بۇرنۇڭ، نىپىز لەۋلىرىڭ بۇغداي ئۆڭ يۈزۈڭدە شۇنچىلىك تەبىئىي ھەم يېقىشلىق رەۋىشتە ئۆز ئورنىنى تېپىشقانىدى. شۇ تاپ ئۇستا رەسسام بولسامكەن دەيمەن. سېنىڭ سىياقىڭنى ئۆز قولۇم بىلەن بىردىن بىردىن سىزىپ چىقسام بەلكىم سۈرىتىڭگە قاراپ تۇرۇپمۇ سىمايىڭنى ئەسلىمەي ياش تۆكۈپ ئولتۇرماس ئىدىم؟


بىرسى مېنىڭدىن سورىدى:ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولسا، قايسى ۋاقىتقا قايتىشنى تاللايسىز؟››...

ئەگەر راستىنلا ۋاقىتىنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئىدى، مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمغا قايتقان بولار ئىدىم. قانداق ئەركىن، غەمسىز، خوشال چاغلار ئىدى ھە...


بۇلۇق ئۆسكەن تېرەكلەر بىلەن ئورالغان ئاسفالىت يوللار، يۇمشاق توپىلىق مەيدانلار، مەيداننى چۆرىدەپ ئورنىتىلغان ئاددىي ياغاچ ئۇرۇندۇقلار، ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ دەرس يادلىغان ئاۋازلىرى سىڭگەن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تاختاي پوللۇق بىر قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى، دەرىزىدىن لەيلەپ كىرىپ دىماقلارغا ئۇرىلىدىغان چېچەك ھىدلىرى، ئاغزىمىزغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدىغان كۆپكۆپ غورىلار ، قاچانلا قارىسا نەپىسىنى باسالماي ئوغۇرلىقچە غورىلار ئۈزىۋالغان كەپسىز ئوغۇللارنى قوغلاپ يۈرىدىغان ئاقساق باغۋەن، باغچىلاردىكى نەقىشلىك شىپاڭلارنى ئەسلىتىدىغان ئىككى قەۋەتلىك يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى، ئىككىنچى قەۋەتتىكى رىشاتكىلارغا يۆلىنىۋېلىپ، پەستىكى گۈل چىراي قىزلارغا ئسقارتىدىغان شوخ ئوغۇللار، ئۇيالغىنىدىن چېھرى قىزىل گۈلدەك رەڭ ئالدىغان ھايالىق قىزلار، چىرايىدىن توپا تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ، جۈپ كۆزلىرىدىن ئۆتكۈر نۇرلار چېچىلىپ تۇرىدىغان، بور توزانلىرى ئارا كېزىپ يۈرۈپ، قەلب خانىمىزگە يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىپ، ئۆزى كۆيۈپ ئۆزگىگە نۇر بېرىدىغان ئاددىي-ساددا قەدىردان ئۇستازلار... خويمۇ سېغىندىمشۇ چاغلارنى.

ok (2).gif

ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەر قەلەمخان چوغلۇقنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە يوللاندى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarvinazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-9 11:58 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 01:26:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھبۇبتىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن مەكتۇپ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 02:33:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2014-4-9 01:26 PM
مەھبۇبتىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن مەكتۇپ...

ئۈزۈلمەيدۇ، يەنە داۋاملىق يېزىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6716
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1078 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 04:18:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى قۇرلار ئىكەن بۇ

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 05:11:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
iptihar2014 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-9 04:18 PM
بەك ياخشى قۇرلار ئىكەن بۇ

رەھمەت

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6759
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7025 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 10:19:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى دوستلۇق راستلا بەك قىممەتلىك...ئەسلىمىلەرنىڭ داۋامىغا تەشنامىز

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 03:06:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇۋىتىپ كۆزلىرىمگە ياش ئەگىدى،ئاشۇ غەمسىز ،غۇبارسىز،گۈزەل چاغلارنى ئەجەپمۇ سېغىندىم......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش