مارس ئۈستىدە چىراق نۇرىغا ئوخشاش يورۇقلۇق بايقالدى
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 8-ئاپرېل
ناسا مەركىزى ج پ ل باشقۇرىدىغان «ھەۋەسكار» ناملىق مارسنى تەكچۈرۈش ماشىنىسى 2014-يىلى 3-ئاپرېل كۈنى تارتقان بىر پارچە رەسىمدىكى تاغ باغرىدا خۇددى بىر چىراق نۇرىغا ئوخشايدىغان جاي بايقالغان بولۇپ، بۇ رەسىم پۈتۈن دۇنيادىكى «ئۇچار تەخسە» ھەۋەسكارلىرىنى باشقىچە روھلاندۇرىۋەتتى.
بەزىلەر بۇ يورۇق نۇقتىنى كامېرادىكى بىر كىچىك نۇر سېزىش ئېلېمېنتىنىڭ ئىشلىمەس بولۇپ قالغانلىقىدىن پەيدا بولغان، دەپ قارىسىمۇ، «ئۇچار تەخسە» ھەۋەسكارلىرى بۇ ھادىسە ھەققىدە باشقىچە پاراڭلارنى باشلاپ كەتتى. «ئۇچار تەخسىنى بايقاش كۈندىلىك خەۋىرى» (UFO Sightings Daily) تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سكوت ۋارىڭ مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ ئەھۋال مارسنىڭ يەر ئاستىدا ئەقىللىق ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش چىراق ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن.»
بۇ رەسىمنى تارتقاندا «ھەۋەسكار» دىكى ئوڭ-تەرەپ ۋە سول-تەرەپتىكى ئىككى كامېرا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئوڭ-تەرەپتىكى كامەرا بىر كۈن ئالدىدا تارتقان رەسىمدىمۇ ئاشۇنداق يورۇق جاي بايقالغان. ئەمما سول-تەرەپتىكى كامېرادا تارتىلغان رەسىمدە بۇنداق يورۇق جاي يوق ئىكەن.
بۇ رەسىم ھەققىدە ناسا تېخى رەسمىي خەۋەر تارقاتمىغان بولۇپ ج پ ل دە ئىشلەيدىغان ئىككى مۇتەخەسسىسنىڭ دېيىشىچە، بۇ يورۇق جاي كائىنات نۇرى سوققان (cosmic ray hit) جاي بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى ۋە رەسىملەر:
[1] Bright Blips on Mars Pictures Spark a Buzz Among UFO Fans
<
http://www.nbcnews.com/science/s ... ufo-fans-n74261>
[2] UFO Sightings Daily
http://www.ufosightingsdaily.com/