ناچاروپنىڭ ئىشلىرى
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
、
ياخشىلارنى كۆرگەندە،غۇچۇرلايدۇ چىشلىرى،
تىنىم تاپماي غەيۋەتنى قىلۇر يازۇ-قىشلىرى،
قاۋاشلىرى گۇياكى ئەسمەتخاننىڭ ئىتلىرى،
نەزەر سالساق كارامەت،ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
بىر كىم ئەگەر شان قۇچسا قاچار شۇئان ئۇيقۇسى،
غاجاش، تىللاش بىردىن-بىر ئۇنىڭ تاپقان گۇمپىسى،
ئۆتەر شوڭا غەشلىكتە ھەركۈن،ھەر بىر سوتكىسى،
كۈندە جېدەل-ئاداۋەت،ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
ئىناقلىقتىن سۆزلەيدۇ،خەقلەر بىلەن ئەپ ئەمەس،
تىلى تاتلىق يۇمشاقتۇر ئەمما دىلى ساپ ئەمەس،
ئادىمىلىك ئەخلاققا قىلىقلىرى باب ئەمەس،
ھەسەت-پىتنە،مالامەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
تاپسا ئۈچ-تۆت ئادەمنى بولار ناتىق مەمەدان،
گىپى زەھەر،يۈرىكى خۇددى قارا سىيادان،
سۇخەنچىلىك كەسپىدە ئىزا تارتماي باقار جان،
شۇنچە نۇمۇس ئاھانەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
قاغاپ ئالغا كەتكەننى دەرت قوشىدۇ دەردىگە،
زىيان تارتسا بىراۋلار چۈمەر شاتلىق پەيزىگە،
كۆڭلى تارتىپ يۈگرەيدۇ،ئەسلى ئامراق غەلۋىگە،
ھېچ بولمايدۇ خىجالەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
دايىم پىتنە توقۇيدۇ كىرىۋېلىپ بۇلۇڭغا،
كەتمىنىدە ھەسەتنىڭ ھاڭ كولايدۇ يولۇڭغا،
ياتالمايدۇ تولغۇنۇپ ئامەت قونسا قولۇڭغا،
ئەسكىلىكتىن ئىبارەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
تەلەتىدىن مۇز ياغار،ئېغىزىدىن نىجاسەت،
بولۇپ قالدى خۇمارى غەيۋەت ئاتلىق ھاماقەت،
ئۆزۈمنىڭلا راست دەيدۇ،ئەيىپلىسە جامائەت،
پەسكەشلىكتىن بىشارەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
تىللاپ يۈرەر يات تۈگۈل ئۆز جەمەتى-گىنىنى،
ئەتراپتىكى قوشنىدىن خوپ كۆرمەيدۇ بىرىنى،
ۋايساپ نورغۇن كىشىدىن چىشلەپ يۈرەر لىۋىنى،
دايىم غەيۋەت-شىكايەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
ئۆز ئەجرىدە بېرەرسى قىلسا ئىجات-ئىختىرا،
تەقدىرلەنسە مۇئەللىم،سازچى،دېھقان،سېستىرا،
ئاڭا زەھەر ياغدۇرۇپ تەڭلەر پىچاق-ئۇستىرا،
ئىناقلىققا خىيانەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
ئۆز ئۈيىدە-يېنىدا تۇرسا پاتمان سەتچىلىك،
بۇ ھالەتتە نە ھاجەت ،خەقتىن ئىزلەپ كەمچىلىك،
تېخى دەيدۇ گېدىيىپ:« قېنى قايسىڭ مەنچىلىك؟››
شىپاسى يوق جاراھەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
خالىي ئەمەس ھېچقاچان جېدەل-نىزا،غەلۋىدىن،
كۇسۇرلايدۇ ھېمىشە بىراۋلارنىڭ كەينىدىن،
گۇمان قىلىپ ئاۋارە،ياخشى-يامان ھەممىدىن،
ئەمىنلىككە شۇم ئاپەت،ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
ئەل-جامائەت ئېيىپلاپ دەۋەرگەندە؛« پېتىمسىز››،
«تۈزەلدىم››دەپ غە كۈلۈپ كىتىشلىرى تېتىقسىز،
تۇغما مېجاز نەدىمۇ ئۆزگەرگەن بار مۇنچە تېز؟
يەنە دىسەك شۇ ھالەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
كولىغىچە بىھۇدە ئۆزگىلەرنىڭ ھۇلىنى،
ئوقەت قىلسا بولمامدۇ،ئىشقا سېلىپ قۇلىنى،
تۈزەتمىسە ئەگەردە ماڭغان ئەگرى يۇلىنى،
ئۆز-ئۈزىگە پالاكەت،ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
مەنبە: ئۆز قەلىمىم