غىرىپ ئاشىق
چەكتىم قەلبىڭ پەنجىرىنى،يىلىنىپ،يىنىپ نەچچە رەت،
ئاچمىدىڭ قىيا بىقىپ يار،تۈنۈدۈم جۇت-يامغۇردا زەپ.
يولۇڭغا تەلمۇرۇپ زارقىپ،چىرايىم سارغىيىپ سۇلدى،
باقمىدىڭ ھالىمغا بىر رەت،ئىچىمگە مۇڭ-ئەلەم تولدى.
كۆزۈمدىن تۆكۈلۈپ قان-ياش،دەريا-دەريا قىيان بولدى،
ئاشىق بولغان گۇناھىمغا،جاھان تار، جاننى يار ئالدى.
تاشتىن يۈرەك پۈتكەنمىدىڭ،ئىرىمىدىڭ ،بولدۇم خاراپ،
كۆيدۈم كۈن-تۈن پىراقىڭدا،سەۋىرلەر تاشتى ھەم قايناپ.
چەكتىم ئىغىر جەۋىر-جاپا،يۈرەكنى يارمىغىم قالدى،
يەتمەك ئۈچۈن ۋىسالىڭغا،ئەزىز تەندە مادار تالدى.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-8 11:39 PM