نەسىھەت
ئاپتۇرى: كىرىمجان ياسىن (زەپەر)
ئەسلىڭنى بىل ئۇيالما، تانما،
تاغدەك يۈلەك ئاتا-ئاناڭ ئۇ.
تۇرقى جۇل-جۇل كۆرۈمسىز دىمە،
سەن ئۈچۈنلا بولغان ساراڭ ئۇ.
تىترەيدىكەن قۇلىنى دىمە،
باشىڭ سىلاپ تالغان بىلەك ئۇ.
تولا سۆزلەپ ھارمىدى دىمە،
ساڭا تىلەر ئوتلۇق تىلەك ئۇ.
خىرەلەشتى كۆزىنى دىمە،
سىنىڭ ئۈچۈن كۆيگەن چىراق ئۇ.
قورۇق باستى يۈزىنى دىمە،
ئاڭا ھايات بەرگەن زىناق ئۇ.
پۈكۈلدى ھەم قەددىنى دىمە،
سېنىڭدىنمۇ مەزمۇت سىياق ئۇ.
سىنىڭ يىغا ئاۋازلىرىڭدىن،
پاڭقۇش بولۇپ كەتكەن قۇلاق ئۇ.
تۇيۇقلار
يالتىرايسەن جۇلالىق شەبنەم،
سەن مەۋجۇتسەن سەھەر پەيتىدە.
يۇقىلىسەن ئۇزاق ئۆتمەستىن،
چىدىماستىن قۇياش تەپتىگە.
ئېيتساڭچۇ نە ئۈچۈن شەبنەم،
تەڭرى سىنى ئاجىز ياراتقان.
يۇقالمىساڭ ئىدى مەڭگۈگە،
تۇرساڭ ئىدىڭ يالتىراپ ھامان.
كەتكىن بولدى يىراققا جانان،
ئاسماندىكى ئاينى يارتۇتاي.
ساڭا باققان كۆزلىرىم بىلەن،
ئىشتىياقىم بىلەن ھەم باقاي.
يۇلتۇزلارمۇ جىمىرلاپ كۆكتە،
گۆگۈملاردا بولسۇن ھەم سىرداش.
مىنىڭ بىلەن پىچىرلىسىۇن تەڭ،
مىنىڭ بىلەن تۆكسۈن بىللە ياش.
يىگانە دەرەخ
مۇڭلىنىدۇ، بىرجۈپ مەجنۇنتال،
مەيۈسلىنىپ قەددى پۈكۈلۈپ.
باش لىڭشىتار سۇسقىنا ئىڭراپ،
جۇدالىقتىن ئېغىر خۇرسىنىپ.
شاھىد بولغان بىرچاغلاردا ئۇ،
بىر جۈپ يۈرەك مۇھەببىتىگە.
قالقان بولغان گەۋدىسى بىلەن،
قىز-يىگىتنىڭ سۈيۈشلىرىگە.
يىگانىلا قالغاندا ئەمدى،
چالماس بولدى ئالقىشلاپ چاۋاك.
قالدى پەقەت ئاياغ ئىزلىرى،
پىچىرلاشقا قالدى بىركاۋاك.
پەرىشان ئۇ ئەسلەمدىكىن يا؟..
ھارارەتلىك جۈپ كۆلەڭگۈنى.
ئىڭراشلىرى نىدامىكىن يا؟...
قاغامدىكىن سۆيگۈ دىگەننى..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-8 10:21 PM