مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1165|ئىنكاس: 4

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ( تەرجىمە فېليەتۇن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99189
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2013-11-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 07:32:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قانداقسىگە باشلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىشقا ئايلىنىپ قالدى؟


                                         بى شى چىڭ


يىقىندائۆزىنى «ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرئاساسىي قاتلام كادىرى» دەپ ئاتىۋالغان بىرەيلەن توردا مۇنداق دەپتۇ:«كۆپچىلىك بىزنى خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلماي رەھبەرلەرئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ دەپ تىللايدۇ، بۇئەمەلىيەت.بىزنىڭ بارلىقىمىز،ئۆسىشىمىزدىن تارتىپ مائاشىمىزغىچە ھەممىسى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلارنىڭ قولىدا تۇرسا،بىزئۇلارئۇچۇن خىزمەت قىلماي تۇرالامدۇق؟پۇقرالارنى رەنجىتىپ قويساق،ئۇلارئەڭ بولسا بىزنى بىر نەچچە ئېغىز تىللىيالايدۇ خالاس.يۇقرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى رەنجىتىپ قويساقچۇ؟ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئىسىتقبالىمىز يوق بولىدۇ »
بۇنىڭداھەقىقىي ئەھۋال سۆزلەنگەن. بەزىلەر ئۇنىڭدا دىيىلگەن سۆزلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرى دىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قاپتۇ.مىنىڭچە بۇ موھىممۇ؟ ئەڭ موھىمى شۇكى، ئۇ بىرھەقىقەتنى  ئېچىپ بەردى ،بىزئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىشىمىز كېرەك؟
قائىدىگەئاساسلانغاندا ،كادىرلارمەيلى <<يۇقىرىنىڭ گىپىنى>> ئاڭلىسۇن ۋەياكى <<تۆۋەننىڭكىنى ئاڭلىسۇن» ماھىيەتتە ھەممىسى << ساختا>>.گەرچە ھوقۇقدارلارنىڭ ھەممىسى ئىغىزىدا ئۆزلىرىنى خەلق مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى دەۋالسىمۇ ،ئۇنداقتا كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسۇن ئەڭ ئاخىرىدا خەلق مەنپەتىدىن پايدىلىنىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىدۇ.بىراق قائىدىدىكى «ساختىلىق »ئەمەلىيەتتە راستىنلا راستقا ئايلىنىپ قالغاندا ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى ياخشى باھالايدۇ؟
بەزى ئەمەلدارلار «يۇقىرىنىڭ سۆزىنى »بەكرەك ئاڭلايدۇ.بۇمۇتوغرا،ھەرھالدا،ھۆكۇمەت تۈزۈلمىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندە بىرىنچى قول مەسئۇل بولۇش تۇزۇمى قوللىنىلىدۇ.مەلۇم تۈرھەققىدە پىلان بولغاندا ئەگەر تۆۋەندىكىلەر ئەستايىدىل ئىجرا قىلماي،ئەكىسچەھەممىسى ئۆزئالدىغا ئىش قىلىسا بۇنىڭدىن چاتاق چىقمامدۇ؟ شۇڭا خەلق سايلىمىدىن ئۈمىد كۇتكەن ھەربىر ئەمەلدار ھەرگىزمۇ قالايمىقان سۆزلىمەيدۇ ،بىراق بۇ تۆۋەندىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى خەلق مەنپەئەتى بىلەن كارى يوق يۈرىۋىرىدۇ دېگەندىن دېرەك بىرەمدۇ يوق؟،ھەتتاھىلىقى ئەدەپسىز بالا لىن جىياشىن ئىيتقاندەك «پۇقرادىگەن ئۇسۇرۇق>> قا ھېساپمۇ؟ .
ئەلۋەتتەئۇنداق ئەمەس ،ئۇلاربىريۈرۈش مەنتىقە چەكلىمىسگە باغلىنىپ قالغان.مەسىلەن، بىرشەھەردە ئاساسىي قاتلامدىكى بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلار باشقارما،ئىدارەباشلىقلىرى ئۈچۈن جاۋاپكار بولىدۇ،ئىدارە،باشقارما باشلىقلىرى مۇئاۋىن شەھەرباشلىقى،شەھەرباشلىقى ئۈچۈن جاۋاپكار بولىدۇ.شەھەر باشلىقلىرى خەلق ۋەكىللىرى ئۈچۈن جاۋاپكار بولىدۇ.خەلق ۋەكىللىرى شەھەرباشلىقىدىن  رازى بولمىسا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ھوقۇقىدىن قالدۇرۋىتەلەيدۇ،شەھەرباشلىقلىرى ھوقۇق ئۆتەش مەزگىلىدە ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئورگانلار (خەلق قۇرۇلتىيى ،سىياسىي كېڭەش) قاتارلىقلارنىڭ چەكلىشى ۋە نازارىتىگەئۇچرايدۇ. خەلق ۋەكىللىرى بىۋاستە سايلىغۇچىلار ئۈچۈن جاۋاپكار بولىدۇ ،شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى يۇقىرى-تۆۋەندە ھاكىمىيەت ۋە ھوقۇق ئۆزئارا ئۆتىشىپ تۇرىدۇ.ئاممامەلۇم ئورۇننىڭ خىزمىتىدىن نارازى بولسا،خەلق ۋەكىللەرقۇرۇلتىيى ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى مەمۇرىي ئەمەلدارغا بىسىم ئىشلىتىدۇ،مەمۇرىي باشلىق ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن دەرھال قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلاردىن مەسئۇلىيەت سۇرۇشتە قىلىدۇ.نەتىجىدە،ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئاممىنى قوغدايدۇ،ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمەلدارلار «يۇقىرىنىڭكىنى ئاڭلاش» ۋە«ئاممىنىڭ گىپىنى ئاڭلىشى»نىڭ نېمە پەرقى بولسۇن؟
بىراق رىئاللىق نىمىشقابۇنداق ئەمەس.ھوقۇق ئايلانمىسىدا زادى قەيەردىن مەسىلە چىقتى؟ ئەستايىدىل ئويلاپ باقىدىغان بولساق،بۇ تۆۋەندىكى بىرنەچچە نوقتىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ.بىرىنچىدىن:ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئورگانلارنىڭ نازارەتچىلىك كۈچى ئاجىز،خەلق رايىنى تۈزۈلمە قاتلىمىغا كىرگۇزۇش تەس.خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ،پىكىرىنى ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈشتىكى ئەڭ موھىم ۋاستە.ئەگەر بۇ تۈزۈم پەقەت يېغىن ئېچىپ قول كۆتۈرۈش،سايلام ئېلىپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىشقا ئامالسىزقالىدۇ.مالىيەخام چوت ھىساۋاتىمۇ بارغانسىرى ئېگىز-پەس بولۇپ قالىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدائەمەلدارلارنىڭ سىزنىڭ ئىرادىڭىز بويىچە ئىش كۆرۈشتىن ،بولۇپمۇ سىز ۋەكىللىكىڭىزدىكى ئاممىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىشتىن سۆزئىچىش مۆمكىنمۇ؟ ئىككىنچىدىن: بىرىنچى قول باشلىقنىڭ ھوقۇقى ھەددىدىن زىيادە يوغىناپ كەتكەن.كادىرلارئىشلىرى تۈزۈمى شەكىلۋازلىققا ئايلىنىپ قالغان.كادىرلارنى ۋەزىپىگە قويۇش ،ئېلىۋىتىش ئىشلرى مەخپى ئىلىپ بىرىلىدۇ، دىمۇكراتىك تەكشۇرۇشنىڭ تەپسىلىي پىرىنسىپى بولسمۇ ،بىراق سەھنەئارقىسىدا سىياسىينىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغانلارمۇ بىلىدىغان ئالاھىدە تەرتىپ بار. ئۇ بولسىمۇ ،پەقەت ئۈستەل ئالدىدا يۇقىرىدىكى بىرىنچى قول باشلىق سىزنى <<ياقتۇرسىلا>> سىزنىڭ ئۆسىشىڭىز ئادەتتىكى گەپ،چۈنكى ئۇ سىزنىڭ خىزمەتنى قانداق ئىشلەيدىغىنىڭىز،خەلقنىڭ سىزدىن رازى بولۇش بولماسلىقى قاتارلىقلار بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ،پەقەت سىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىڭىزغىلا قارايدۇ.ئۈچىنچىدىن:خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە.ئۇ ئەگەرئۆزىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىق ئالدىدىكى«تەكلىپنىڭ  شان-شەرىپىنى »ھىس قىلالىسا سايلىغۇچىلارنىڭ نىېمە دىيشىدىن قەتئىينەزەر ، ئىككىلەنمەستىنلا كەينىگەئۆرۈلۈپلا <<رەھبەرئۈچۈن خىزمەت قىلىش»تەرىپىگەئۆتۇپ ،خىلمۇ -خىل ئاماللاربىلەن رەھبەرلەرگە «ئاۋارىچىلىق ،مەسئۇلىيەت،پاش قىلىش >> قاتارلىقلارنى تىپىپ بەرمەيدۇ،بولۇپمۇ ئارتۇقچە ئىشلارنى تېرىپ بەرمەيدۇ.
مەن نۇرغۇن ئەمەلدارلارنىڭ يەنىلائەستايىدىل ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن.ئەمەلدارلار ۋەزىپىگە ئولتۇرسىلا خەلققە بەخت يارىتىشىنى ئويلايدۇ.بىراق بۇخىل بۇزۇلۇش نەتىجسىدە نۇرغۇن ئادەملەر تېخمۇ ياخشى <<ئەتىسى>> ئۈچۈن،چەكلىك زېھنى كۈچىنى سەرپ قىلىپ رەھبەرلەرنىڭ چەكسىز ئويىنى پەرەز قىلىپ ،باشلىق <<ئاق>>دىسە،ئۇ <<قارا>> دىيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ،باشلىقنىڭ گېپىنى يېرىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ،بارلىق ئىشلار «پەقەت يۇقىرى دەرىجىلىك  رەھبەرلەرگە ئەگىشىش ئارقىلىق بولىدۇ». يەنىلا مۇشۇنداق كېتىۋىرىدىغان بولسا،بىر توپ <<چېرىك ئەمەلدارلار مەدەنىيتى >> شەكىللىنىپ ،ھەممەجايدا باربولغان خەۋپلىك ئايلانما «يۇشۇرۇن قائىدە» شەكىللىنىپ قالىدۇ،بۇخىل بىيۇرۇكرات توپ مەنىۋىيتى ئەڭ ناچار بىر كوللىكتىپ بولۇپ شەكىللىنىپ،ھەرقايسى ئۆزى ئەمەستەك ھالەتتە ئېچ پۇشۇقى ۋە ئاچچىققاتولۇپ ياشايدۇ.ھوقۇ ق بۇخىل بۇزۇلغان ئوبىكتىپ ئەھۋاللارغا سىياسىي ئىسلاھاتتا نوقتىلىق ئوق ئىتىش ز ۆرۇر.
رەھبەرلەرئۇچۇن خىزمەت قىلىش كېرەكمۇ ياكى،خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش كېرەكمۇ؟ ھامىلىتچە قىيىن مەسىلىگە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزلىگىدىن جاۋاپپ بېرەلىشى ناتايىن .ئۇئەمىلىي قائىدە-تۈزۈم ۋە پايدىلىق  پىشاڭلارنىڭ قوزغىتىشغا موھتاج.
خەۋەردە دېيىلىشچە،چىڭدۇ مۇلەن بازىرى پارتىكوم سېكرىتارى بىۋاستە سايلانغاندىن كىيىن كادىرلارنىڭ روھى قىيا پىتى ئالاھىدە ياخشىلانغان.چۈنكى خەلق سايلىغان كادىرلا ئاندىن خەلققە ھەقىيقى مەسئۇل بولالايدۇ.مانا بۇ نۆۋەتتىكى سىياسى ئىسلاھات ئۈزۈل-كىسىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان پىكىر يولى ئەمەسمۇ؟

2008-يىل12-ئاينىڭ 12-كۇنىدىكى «ئالتۇن قوي تورى »دىن <<فىليەتۇنلاردىن تاللانما>> (杂文选刊)نىڭ 2009-يىل2-ئاي (上半月) غابېسىلغان سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى:ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 08:33:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزېدۇڭ دەۋرىدە ھەممە ئادەم خەلىق ئۈچۈن ، ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپتىكەن ، ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋەتكەندىن كىيىن كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى . خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش -باشلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئۆزگىرىپ قالدى .

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 08:41:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ، خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش  بۇ بىر ياخشى ئىش .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3765
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 09:20:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىمىز ھۆكىمىتىنىڭ مەسئۇلىيتى،رولى،تۈپ پىرىنسىپى،خىزمەت پوزىتسىيسى،ھەممىسىىنىڭ ئالدىدا ‹‹خەلق ئۈچۈن››ياكى ‹‹خەلىققە››دەيدىغان ئۇلۇغ سۆز بار!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95793
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 09:50:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خىزمەت بەك داغدۇغۇلۇق ئېلىپ بېرىلۋاتىدۇ

ئويلار ئىلكىدە يۈرىمەن جىمجىت ،
تەقدىر ئۈستىدە خىياللار سۈرۈپ .
ئارزۇلاپ كۈتكۈنۈم كېلەرمۇ بىر كۈن ،
دۇنياغا قارايمەن ئۈمۈدلۈك بېقىپ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش