  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلۈكى، كىملىكى دوپپا  
 (5-ماي خەلقئارالىق ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىغا بېغىشلاپ)  
 
 
  
 
ئاپتورى: قاراخان 
 
قىرلىساممۇ، پارلىساممۇ‹‹ تار›› كەلمىگەن دوپپامنى، 
ئالدىمغا مەن قويۇپ تۇرۇپ تالاي ئىشنى ئويلايمەن. 
دوپپا چىققان گۈل زېمىندىن ئالغان تۇرسا توپامنى، 
ئۆزگىلەرگە ئوخشىماققا نىچۈن مايمۇن دورايمەن. 
 
ئىككى يۈزدىن ئاشىدىكەن دوپپا- تۇماق تۈرلىرى، بۇ بېشىمنىڭ ئەزىزىلىگى ئايان ئۇندىن بىلگەنگە. 
بادام دوپپا، چىمەن دوپپا، گىلەم دوپپا ھۈنىرى، 
ياراپ كەتتى باش، ئاياغقا قارىغان دوست-دۈشمەنگە. 
 
بىر چاغلاردا ئۇزۇن قالپاق دوپپىدىن باش تالىشىپ، 
يۇقتۇرغاندى بېشىمىزغا ساقايماس نەس تېزىنى. 
بۈگۈن دوپپا خەلقىمىزگە خۇددى تاجدەك يارىشىپ، 
مەمنۇن قىلدى روھىمىزنىڭ خىيالچان قىش- يېزىنى. 
 
ئالتۇن يىڭنە، زەر يىپىڭدىن، ئۆرنىكىڭدىن ئۆرگىلەي، 
مېھنىتىڭنى نەقىش قىلغىن خەلقىم دوپپا-تەلپەككە. 
بەزمە مەشرەپ ھازىمىزدا بولما ھەرگىز سەن‹‹ ئۆگەي››، 
بەزمە نىمە كىيىپ چىقاي سېنى خاس ئىش- ئەمگەككە. 
 
ئاتا-ئانا، ئۇستازىمغا، بالامغىمۇ كىيدۈرەي، 
دوپپا ئۆزلۈك، دوپپا كىملىك، دوپپا مىراس ئەڭگۈشتەر. 
ئۇنى تاشلاپ خار ئەيلىگەن قېرىنداشقا ھەسسىنەي، 
قەدىرلىگىن ئۇيغۇر ئۇنى بولساڭمۇ شاھ- قەلەندەر! 
 
2014-يىلى 8-ئاپېرىل  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-8 10:33 PM   
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |