توختىمىغىن يامغۇر ئەبەتكە
توختىمىغىن يامغۇر ئەبەتكە،
پۇرۇۋالاي يارنىڭ ھىدىنى.
تەلمۈرۈشۈپ كۈنلۈك ئاستىدا،
ئاڭلاي يارنىڭ پىچىرلىشىنى.
توختىمىغىن يامغۇر ئەبەتكە،
ئېچىلمىسۇن قاراڭغۇ ئۇپۇق.
مەن ئىسسىتاي جانان قۇلىنى،
داۋاملاشسۇن يەنىلا سوغۇق.
توختىمىغىن يامغۇر ئەبەتكە،
ئاغرىنمايمەن سېنىڭدىن ھەرگىز.
ئوتقا تولغان ئاتەش تەنلىرىم،
قارار مەڭگۈ ئاڭا پەرۋاسىز.
توختىمىغن يامغۇر ئەبەتكە،
ياغقىن بولسا مۆلدۈرۈڭ بىلەن.
سىنىپ بىلەن ئېرىپ جىسمىمىز،
بۇلايلى بىز گوياكى بىر تەن.
ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن (زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-8 05:01 PM