ئۆپكە سىلىنى داۋالايدىغان خەلق ئىچىدىكى تاللانغان رېتسېپلار<1>
1. تۇخۇم سېرىقىدىن ماي چىقىرىپ، ماينى سىل(تۇبېركۇليۇز)كېسەللىكىگەگىرىپتار بولغان بىمارغا كۈنىگە2-3قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 5تامچىدىن، يېرىم پىيالە پىشقان سۈتكە تېمىتىپ ئىچسە، سىل كېسەللىكىگە بەك ياخشى ئۈنۇم بېرىدۇ. تۇخۇم سېرىقى مېيى رەۋغىنى بەيزە شەكلىدە چىقىرىلغان بولسا(قوي مېيى 1.5كىلوگىرام، تۇخۇم سېرىقى 20دانە، كۈنجۈت، سىيادان، قىزىل قىچا، قەلەمپۇرنىڭ ھەر بىرىدىن 111گىرىمنى ئېلىپ ئۇلاردىن قائىدە بويىچە رەۋغىنى بەيزە ياسىلىدۇ)، بۇ مايدىن ھەر كۈنى چاي قوشۇقىدا 3-4قېتىم ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا،يەنە تۇخۇم سېرىقىنى پىشۇرۇپ، ئۇنى سۈتكە چىلانغان گۈڭگۈرت بىلەن بىرگە بەرسىمۇ ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ.
2. سامساقتىن 25گىرام، ئۆرۈكتىن 50گىرام، شېكەردىن 100گىرام، تۇزدىن 10گىرام، ئاچچىقسۇدىن 250مىللىلىتىر ئېلىپ، سامساقنىڭ پوستىنى چىقىرىپ، ئۇنى تۇزغا بىر سوتكا چىلاپ قويىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆرۈكنى ئوبدان يانجىپ، ھەممە خۇرۇچلار ئاچچىقسۇغا چىلىنىپ 15كۈن تۇرغۇزۇلىدۇ. 15كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مەزكۇر دورىنى كۈنىگە 2ۋاخ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىغا ئوبدان شىپا بولىدۇ.
3. 500گىرام ئاق چامغۇر ئۇرقىنى چالا قورۇپ تالقان قىلىپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن مەزكۇر تالقاننى بىر كىلوگىرىم گۈلقەنتكە تەكشى ئارلاشتۇرۇپ، بىر ئاي ئاپتاپقا سالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭدىن كۈنىگە 3قېتىم، ھەر قېتىمدا 10گىرامدىن يېسە سىلغا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. چامغۇر مۇرابباسى تەييارلاپ، ئۇنىڭدىن ھەركۈنى 3قېتىم، ھەرقېتىمدا 20گىرام ئەتراپىدا يېسىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. تۇخۇم سېرىقى ھالۋىسىنى يەپ بەرسىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. سامساقنىڭ شىرنىسىنى ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ كۈنىگە 4قېتىمدىن ئۇزۇن مۇددەت يەپ بەرسىمۇ ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. بەس كىلوگىرام ئاق چامغۇرنى ئۇششاق توغراپ،ئېزىلگۈچە قاينىتىپ خېمىر ھالىتىگە كەلگەندە ئۇنىڭغا 250مىللىلىتىر كۈنجۈت يېغى ئارلاشتۇرۇپ، كۈنىگە 4ۋاق يېسە، ئۆپكە سىلىنى داۋالاشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
(تېز ئۈنۈملۈك تاللانغان رېتسېپلار)
دىگەن كىتابتىن ئىلىندى.
ئاپتۇرى ؛مۇھەممەت پالتا
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-8 05:00 PM