يۈرچى بۇ
مۇتەللىپ سامساق
(مۇھتىرەم ئۇستاز،يىتۈك سازەندە پەرھات تاھىر ئاكا مۇزىكا كېچىلىكىگە بېغىشلايمەن)
ئەلمىساقتىن ئەلگە مەشھۇر تىلدا داستان يۇرچى بۇ،
«ياۋچى» نىڭ ئەۋلاتلىرى مېھنەتتە قۇرغان يۈرچى بۇ.
ئاجرىماس يىلتىزغا ئوخشاش ئۆم ئۈتۈپ خەلقى ھامان ،
ئەگدۈرۈپ مۈشكۈلنى باش بوستان ياراتقان يۈرچى بۇ .
تۇپرىقى ئالتۇن گۇياكى، مىسلى جەننەت باغلىرى ،
خۇددى كەۋسەر سۇلىرى،شەربەت ياراتقان يۇرچى بۇ.
كۆكسى -قارنى كەڭ ،غۇرۇرلۇق،مىھرىبان،مېھمان سۈيەر،
قانچە سەيياھ كەلسە يۇرتقا قەلبى گۈلخان يۇرچى بۇ.
ئەل سۆيەر،سەنئەت سۈيەرلەر چىقتى بۇ يۇرتتىن تالاي ،
كۈي بىلەن يۇرت ئەھلىنى ھەيرەتتە قويغان يۈرچى بۇ.
جۆر بۇلۇپ ئەلنىڭ مۇڭىغا مۆتىۋەر تاھىر ساتاھ ( 1)،
ساز-مۇقامنى ياڭرىتىپ ئەلگە تاراتقان يۈرچى بۇ .
شاد ئېتىپ ئۇستازسېۋە (2) چاقچاق بىلەن ئەل كۆڭلىنى،
گەپچى لاچىن(3) بارچىنى قوشاققا قاتقان يۈرچى بۇ .
بوۋىلار كەلمەسكە كەتتى،نامى ئەمما ئۆچمىدى،
روھ-ئۇزۇق ئېپ ئىزىدىن ۋارىسلار چىققان يۈرچى بۇ.
چالسا تەمبۇر-ساتانى بۇلبۇلنى مەسخۇش ئەيلىگەن
سازچى پەرھات ئاكىنى ئاپرىدە قىلغان يۇرچى بۇ .
يازغانغا پۈتمەس -تۈگۈمەس ئانا يۇرت خىسلەتلىرى ،
جان ۋەتەن ئىشقىدا كۆيگەن ئەۋلاتنى تۇغقان يۈرچى بۇ.
ئىزاھات :
(1)، (2) ، (3) ،كەلپىن ناھىيىسىنىڭ يۈرچى يېزىسىدا ئۆتكەنمەشۇر شەخسىيلەر.
ئاپتۇر : ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن.
2014 -يىل 3 –ئاپرىل ئاقسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-8 11:31 AM