مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 255|ئىنكاس: 5

ئاچچىق ئىزتىراپلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەپەككۇرسىز ھاي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36113
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5567
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچچىق ئىزتىراپلىرى

ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

مۇدىرمەن
(ساتىرا)
كېچىلىرى ئۆيۈمدە ياتمايدىغان مۇدىرمەن،
                                        باشىلىقلارنىڭ ئۆيىگە قاتنايدىغان مۇدىرمەن.
                                        پايدا بولسا دوزاقتىن قاچمايدىغان مۇدىرمەن،
                                        قاپىقىمنى پۇقراغا ئاچمايدىغان مۇدىرمەن،
                                        مىللەت ئۈچۈن خۇش پۇراق چاچمايدىغان مۇدىرمەن.

قورساقلىرىم ناغىرىدەك قاش-قاپىقىم جايىدا،
ھەق گەپنىمۇ قىلىمەن ئېزىپ كەتسەم گاھىدا،
خانىملارنى كۈتىمەن دائىم ‹ئايرىم خانا›دا،
مەندەك ئاشىق تېپىلماس بۇ ئۇلۇغ يەرشارىدا،
تانسا،ئۇسۇل،دېسكوغا قانمايدىغان مۇدىرمەن.
       
                                        ئۆستى مېنىڭ دەرىجەم يېىڭى چىقتى ئۇقتۇرۇش،
                                        كۈلۈمسىرەپ قارايدۇ ماڭا ئەمدى بۇ تۇرمۇش،
                                        ئوقۇتقۇچى نىمىتى ،ئېسىمدە يوق ئوقۇتۇش،
                                        مەقسىتىم شۇ مائارىپنى قۇرتتەك غاجاپ يوقىتىش،
                                        بۇنداق رەزىل ھەۋەستىن يانمايدىغان مۇدىرمەن.

جەرىمانە قويىمەن پۇقرا تاتلىق كۈلسىمۇ،
ئەيمەنمەستىن ئالدىمدا خۇشال بولۇپ يۈرسىمۇ،
مەندىن رۇخسەت سورىماي شېرىن خيال سۈرسىمۇ،
كېچىلىرى چۈشۈمدە ماڭا قاپاق تۈرسىمۇ،
پىچىرلاشسا باشقىلار بۇينايدىغان مۇدىرمەن.
       
                                تەقسىم قىلىپ خىزمەتنى ئۆزۈم شۇئان قاچىمەن،
                                ماشنا بار ئاستىمدا شەھەرگىلا چاپىمەن،
                                ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى خۇددى سۇدەك چاچىمەن،
                                ئالىي ياتاق ماڭا يار ھۇزۇرلىنىپ ياتىمەن،
                                خانىم-قىزلار ساماندەك، ئوينايدىغان مۇدىرمەن.

گۆشلا يەيمەن ۋە لىكن ئېغىلىمدا قويۇم يوق
نامراتلارنىڭ ئۆيىگە ھەرگىز بارار ئويۇم يوق،
دوكلاتنى يازارغا مېنىڭ بىكار قولۇم يوق،
ياراشمايدۇ غادايسام چۈنكى ئېگىز بويۇم يوق،
يىغىن ئېچىپ ۋاقىراپ قاينايدىغان مۇدىرمەن.
       
                                ھوقۇق دېگەن بىركەلسە چىڭ تۇتىمەن كەتكىچە،
                                ئىشلىتىمەن پۇقرانى قويۇپ بەرمەي كەچكىچە،
                                ھارام بايلىق توپلايمەن ئۆمۈر بويى يەتكىچە،
                                باشلىققا خەت يازىمەن بىر نەچچە يۈز بەتكىچە،
                                كۆزنى بوياش ھۈنىرىم چانمايدىغان مۇدىرمەن.

بۇ ھۇقۇققا مىڭ تەستە جاپا بىلەن ئېرىشتىم،
ئايالىمنى شوتا قىلىپ،مەن ئاجايىپ تىرىشتىم،
غۇرۇرىمنى ئەرزانلا بىر نەچچە رەت سېتىشتىم،
ئىش ئوقەتنىڭ كويىغا ئەمدىلەتتىن كىرىشتىم،
بۇ ئورنۇمنى مىڭ سەرگە ساتمايدىغان مۇدىرمەن.
                       
                                ئۇنۋان كەلسە مەكتەپكە ئۆزۈم قارارقىلىمەن،
                                ھەممسىنى ئالدىمدا تىزىپ قاتار قىلىمەن،
                                ئاخشاملىرى غۇرۇرنى ئەرزان ساتار قىلىمەن،
                                قۇياشنىمۇ ئۆيۈمگە چوقۇم پاتار قىلىمەن،
                                باشقىلارنى سۆھبەتكە قاتمايدىغان مۇدىرمەن.

ھەق-ناھەقنى كۆرمەيدۇ شۇنچە ئۆتكۈر كۆزلىرىم،
پۇقرا ئۈچۈن قانۇندۇر قىلغان ھەربىر سۆزلىرىم،
خاتالىقتىن ھەرگىزمۇ قىزارمايدۇ يۈزلىرىم،
مۇكاپاتقا ئېرىشەر يېقىن-يۇرۇق ئۆزلىرىم،
كوچا-كويغا، مەكتەپكە پاتمايدىغان مۇدىرمەن.

                                نىمە بولسا بولمامدۇ مائارىپىنىڭ تەقدىرى،
                                ماڭا تەسىر قىلمايدۇ ئىسلاھاتنىڭ زەنجىرى،
                                شەخسى مەنپەئەت كويىدا خىيالمىنىڭ كەپتىرى،
                                قانداق تولسا تولمامدۇ تارىخمنىڭ دەپتىرى،
                                ئەل رايىغا تائابەت باقمايدىغان مۇدىرمەن.

يۇقىرىدا ھوقۇقدار، قوللايدىغان ئاكام بار،
قالايمىقان بۇيرۇقنى يوللايدىغان ئاكام بار،
يالماۋۇزدەك يەپ يۇتۇپ تويمايدىغان ئاكام بار،
يانچۇقۇمدا پۇلۇمنى قويمايدىغان ئاكام بار،
ئاكام ئۈچۈن تاشنىمۇ چاينايدىغان مۇدىرمەن.

مەنبە: ‹‹كىروران››،‹‹مايبۇلاق›› ژورناللىرى

ئەيساجان
(ئۆزۈمگە چاقچاق)
       كەلسە دوستى ئۆيىگە،پاقلان سويار ئەيساجان  
چاي ئورنىدا ئالدىغا ئالتۇن قويار ئەيساجان،
ھەتتا ئۈستىبېشىغا ئەنبەر چاچار ئەيساجان،
قايتسا يۈرەك باغرىنى يوللۇق تۇتار ئەيساجان،
ئىسسىق چاينىڭ ئورنىدا ئاچچق يۇتار ئەيساجان.

ئۆزى تىككەن  دوپپىنى كىيەلمەيدۇ  بېشىغا،
تاتلىق ئۇخلاپ ياتىدۇ شەيتان كەلسە قېشىغا،            
ھەۋەسلىنىپ قارايدۇ ئاتقان  ھەر بىر  تېشىغا،              
تـۇتـۇلـىدۇ  زۇۋانى  توپا  چاچسا  ئېشىغا،
بۇ قىسمەتكە تۇساتتىن بولدى دۇچار ئەيساجان.      
           
يېغلاشنى يا بىلمەيدۇ،كۈلمەيدۇ يا قاقاقلاپ،     
نام-نىشانسىزكۈچ ئۇلاپ يۈگۈرەيدۇ پالاقلاپ،  
يازدا ئۇخلاپ،سوغۇقتا تىترەپ كېتەر جالاقلاپ،
چىرمىغاندەك شۇم كېسەل كەتتى ئەجەپ ئورۇقلاپ،
سەمىرىش ئۈچۈن ئامالنى قاچان تاپار ئەيساجان.

گازتۇڭى يوق ئۆيىدە، ساماننىمۇ  قالايدۇ،               
  ئۇماچقىمۇ  تويماستىن  لەۋرىنى  يالايدۇ،                  
  باج-پاراقلار بىر ئۇنى غالجىر ئىتتەك تالايدۇ،
  ئوتتۇز  ياشقا  بارمايلا ساقىلىنى سىلايدۇ،                  
  مىسكىنلىكنى دۇنياغا چېچىپ تۇرار ئەيساجان.            

  ئىپتىدائى ئاڭ بۇگۈن  ھۆكۈمىراندۇ يۈرەكتە،
   كاللاقۇرۇق ۋە لىكىن كۈچ بولسىمۇ بىلەكتە،
   ئۆتۈۋەرسە ھاياتلىق بۇنداق چۈشكۈن رەۋىشتە،
   مىس مېدالمۇ ئالالماس رىقابەت ۋە كۆرەكتە،
   پەن كۆكىدە قۇش كەبى قاچان ئۇچار ئەيساجان.
      
كۆنۈپ كەتتى ئاڭلاشقا قالايمىقان بۇيرۇقنى،
چۈش ئىلكىدە تامشىيدۇ ئەتىكىلا قۇيرۇقنى،
قوبۇل قىلار ھەتتاكى ھاكاۋۇرلۇق،زورلۇقنى،
  شۈكرى ئېيتار خۇداغا ھېس قىلالماي خورلۇقنى،
  قاچانغىچە چۈش كۆرۈپ ئۇخلاپ ياتار ئەيساجان.
         
بۈگۈن مانا نادانىلق تۆۋەن قىلدى يۈزىنى ،
قاغا-قۇزغۇن جېنىدا كۆرمەس قىلدى كۆزىنى،
تىلەمچىمۇ ئەركىلەپ ئۆتمەس قىلدى سۆزىنى،        
سەن كىم؟دېسە بىلەلمەس ھەتتا ئۆزى ئۆزىنى
نېگىرمۇ، يا  سىگانمۇ  ياكى تاتار ئەيساجان.

كۆزۈڭنى ئاچ ئەي مەخلۇق سەنمۇ ئىنسان بالسى،
  شۇڭا ياشا ئادەمدەك بولماي خەقنىڭ كالسى ،      
گۈللەر بىركۈن ئىشەنگىن بۇ ھاياتىلىق ۋادىسى،            
ساقىيىدۇ ھەتتاكى  كۆڭۈللەرنىڭ  يارىسى،
شۇچاغدىلا كېلەچەك سۆيۈپ قويار ئەيساجان.
     
مەنبە: ‹‹قۇمۇل ئەدەبىياتى››نىڭ 2005-يىللىق 2-سان

قىزلىق دىگەن بىر بۈيۈك ۋەتەن

(ئوقۇغۇچۇم خالىسخاننىڭ خاتىرىسىگە)

ئەڭ قەدىمى ئۇيغۇر قىزىنىڭ،
ئەۋرىشكىسى ساقلانغان سەندە.
شەرمى –ھايا ئەخلاق نۇرلىرى،
ساقلانماقتا بىرگۈزەل تەندە.
ھەرقەدىمىڭ،ھەربىر تىنىقىڭ ،
كېلىچەككە بەرمەكتە ۋەدە.
ئېچىلىدۇ زۇلمەت گۈللىرى،
لاياقەتلىك ئانا كەم يەردە.
‹‹قىزلىرىم›› دەپ تىترەيدۇ ئاتا،
قىزلار ئۈچۈن يىغلار مۇئەللىم.
ئۇچراپ قالسا قىرىق قاراقچى،
كۈلۈۋەتكىن بولمىغىن تەسلىم.
بۇجاھاننىڭ چاقچاقلىرى كۆپ،
ھەربىركۈنۇڭ بولسۇن قەدىردان.
ئەخلاق نۇرى كۆچمىسە دىلدىن،       
ياتلاشمايسەن ئۆزلۈكتىن ھامان.
رىقابەتكە ئاشىق بولمىساڭ،
ئاشىق بولماس ساڭا ھىچ كىشى.
زىننەتلەنسۇن بىلم-ئەخلاقتىن،
كەڭ قەلبىڭنىڭ ئىچى ۋە تېشى.
چاقىرمايدۇ بەخىت كوچىسى،
بىرلەشمىسە روھىڭ بىلەن تەن.
ئۆزئۆزۈڭنى مۇنقەرز قىلما،
قىزلىق دىگەن بىر بۈيۈك ۋەتەن.

مەنبە: ‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىك 1-سان


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
@OTKAX@ + 111 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 111   باھا خاتىرىسى

مۇنبەرسىز ھايات.

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 383
يازما سانى: 1744
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 40832
تۆھپە نۇمۇرى: 1112
توردا: 2049 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئېغىز ھەق سۆز مىڭ ئېغىز قۇرۇق گەپتىن ئەۋزەل،ھايات كارتىنلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ رەڭدار بۇلشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

جەننەت ئاتا-ئانىلارنىڭ ئايقى ئاستىدا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         ئاپىرىن...... ،كۆپ  ئويلاندىم ،شاتلاندىم ،سۈزۇك تەپەككۈرىڭىزگە تىل تەگمىسۇن ئەيساجان !.... .

                                نىمە بولسا بولمامدۇ مائارىپىنىڭ تەقدىرى،
                                ماڭا تەسىر قىلمايدۇ ئىسلاھاتنىڭ زەنجىرى،
                                شەخسى مەنپەئەت كويىدا خىيالمىنىڭ كەپتىرى،
                                قانداق تولسا تولمامدۇ تارىخمنىڭ دەپتىرى،
                                ئەل رايىغا تائابەت باقمايدىغان مۇدىرمەن.

         
      جەمىتىمىزدە  نامدىكى ساقتا باشلىق ، مىللىلىڭىزگە  خىيانەت قىلماڭ ، مىللەت تەغدىرىگە چاقچاق قىلىپ ئەلنى ئالداپ ،ھالاكەت يۇلىغا باشلىماڭ ،ئەل قەلبىدىن  مەڭگۈ سۈپۈرۈلۈپ تاشلىنىسىز ؟  

    ياشاڭ،كۆكلەڭ ئەيساجان، بىز سىزنىڭ مۇشۇنداق شىئېرلارنى داۋاملىق ئوتتۇرغا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 464
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2014-4-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىدىيىۋىلىك ھەم بەدىېلىك جەھەتلەردىن ئۇتۇقلۇق چېققان ئېسىل شىېرلاركەن،سۆيۈندىم، يىڭى يازمىلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرغايسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 273
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2014-4-13
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شېئىر تۈرلىرى ئىچىدە مۇشۇ ساتىرا غا بەك ئامراق. مۇدىرمەن دىگەن ساتىرا بەك ياخشى چىقىپتۇ.

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2464
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 551 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2014-4-12
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن قەلىمىڭىز ئۆتكۈر ئىكەن.

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش