《داموللا》سۆزىنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغەتتىكى مەنىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار
《داموللام》سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزھاتلىق لۇغىتىدكى مەنىسى ھەرخىل تەبىرلەر بېرىلگەن بۇلۇپ بۇلار تۆۋەندىكىچە.
داموللام{ئۇيغۇر كىشى ئسىملىرى}:دىنى ئىلىم بۇيىچە بۇخارادا ئۇقۇپ كەلگەنلەرگە ئۇيغۇر،ئۆزبېك،تۈرۈكمەن قاتارلىق مىللەتلەر دىني دەرىجە نامى ھېساپلىنىدۇ.لېكىن ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە مەنىسى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت.بەزى ئېيتىشلاردا 《داموللام 》ئەسلىدە《 دامەۋلا》دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرشى بۇلۇپ ،ئۇنىڭ تەركىبىدىكى 《دا》خەنزۇچە 《چوڭ》دېگەن مەنىنى بىلدۇردۇ:《مەۋلا》بىلەن قوشقاندا 《چوڭ ئۇستاز 》دېگەنلىك بولىدۇ،دېيىلگەن.بەزىلەر《 داموللام 》دېگەن ئىسىم ئەرەبچىدىكى 《دامە》(داۋام قىلغاي)بىلەن《مەللاە》(ئىلىمگە تولغاي)دېگەن سۆزنىڭ قۇشۇلىشىدىن كېلىپ چىققان بۇلۇپ ئەسلىدە《دامە مەللائە》دېگەن ئىسىم كېيىن 《داموللا》دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان،مەنىسى 《ئۇنىڭ ئىلىمىنى داۋام قىلغاي》دېگەن بولىدۇ دەپ ئىزاھلايدۇ.يەنە بەزىلەر:《داموللام》-ئەرەبچە 《دامەئۇلا》(ئۈستۈنلىكنى داۋام قىلغاي)دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرىشى دەپ قارايدۇ.
بەزى ماتېرياللاردا 《داموللام دېگەن ئسىمدىكى 《دا》،پارىسچىدىكى 《دەھ》(ئون)نىڭ ئۆزگىرشى بۇلۇپ 《موللا》بىلەن قۇشۇلغاندا 《ئون يىللىق دىنىي ئىلىم تەربىيىسى ئالغان كىشى》دېگەن بولىدۇ دەپ يېزىلغان،ھازىر تۇرپان ،قۇمۇل تەرەپلەردە 《داموللام》دېگەن ئىسىم تەركىبىدىكى 《دا》دانى 《دە》دەپ تەلەپپۇز قىلىپ ،《دە موللام》دەپ ئاتايدىغان ئەھۋال مۇشۇ قاراشقا ئۇيغۇن كىلىشى مۇمكىن،ئۇنىڭدىن باشقا مۇنداق قاراشمۇ بار:《دا موللام》دىكى 《دا》-《دۇئا》نىڭ ئۆزگىرىشى ياكى قىىسقىرشى بۇلۇپ ،《موللام》(《مەۋلا》 بىلەن قۇشۇلغاندا ،《دۇئا بەرگۈچى ئۇستاز》دېگەن بولىدۇ،ياكى 《دۇئا قىلغۇچى موللا》دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.بۇ 《دۇئاخۇان》نىڭ 《داخان》غا ئۆزگەرگىنىگە ئوخشاش بۇلۇپ ،تىل ئەمەلىيىتىمىزگە خېلى ئۇيغۇن كىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئىزاھاتلىق لۇغىتى -مۇئەللىم ئېلىكتىرونلۇق لۇغەت نۇسقىسى.
مېنىڭ نەچچە يىللىق دىققەت قىلىشىمدا خەنزۇچىدىن ئۆزگەرگەن دېگەن قاراش ئاجىز قاراش دەپ ئويلۇدۇم. 1-قاراش:
شەرقى شىمال دىكى گەنسۇ،شەنشى،خېنەن،يۈننەن،شەرقى شىمال،جەنۇبى جۇڭگو دېكى مەشھۇر خۇيزۇ دىنىي ئالىملار،دىني ئۇقۇغۇچىلار بىلەن ئۇزۇن يىللىق ئارلىشىش داۋامىدا ئۇلارنىڭ 《موللا.满啦》سۆزىنى ئۇستازلارغا بىرەر قېتىممۇ ئىشلەتكىنىنى ئاڭلىمىدىم،ياكى يازما ماتېرياللىرىدا كۆرمىدىم.ئۇلار نىڭ《موللا,满啦》سۆزىنى پەقەت دىني ئىلىم ئۈگنىۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن خاس ئىشلەتكىننى ،مۇدەررىس،ئىمام،خاتىپ،كاتتا ئۇستازلىرىغا 《ئاخۇن،阿訇》سۆزىنى ئىشلەتكىننى ئۈزۇن زامان كۈزىتىپ كەلدىم(مەندىمۇ داموللام دېگەن سۆزنى خەنزۇچىدىن كەلدىمىكىن دېگەن قاراش بولغاچقا دىقەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم).
ئىچكىردىكى كۆپلىگەن دىننى مەدىرىسلەرنى زىيارەت ۋە ئۈگىنىش جەريانىدا مەسچىت جامائىتى،ئاشپۇزۇللار،ئاپتۇز بېكىتىدىكى ھەر بىر خۇيزۇ سودىگەر ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇقۇغۇچى ياكى مۇدەررىسسلەرنى 阿訇 ,满啦سۆزىدىن باشقا سۆز بىلەن ئاتىغىننى ئاڭلاپ باقمىدىم.بىر قېتىم لىنشىيالىق ،غەربى شىمال بۇيىچە كاتتا مۇدەررىس سالا مىللىتدىن بولغان بىر مۇدەررىسنىڭ ھۇزۇرىغا سالامغا بارغىنىمدا ئۇنىڭ ئۈستىلىدە لىنشىيا شەھەرلىك شەھەر باشلىقىنىڭ مۇسۇلۇلمانلارنىڭ روزا ھىيتىنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن تەبرىك باغاقچىسىغا كۈزۈم چۈشۈپ قالدى.قاراپ باقسام شۇ باغاقچىدىمۇ ئاخۇن سۆزىنى ئىشلىتىپتىكەن.مىنىڭ مۇشۇ كۈزۈتىشلىرىمدىن بايقىشىمچە بۇ 《داموللام》سۆزى خەنزۇچىدىن كەلمىگەن بۇلىشى مۇمكىن.
2-قارش:
《داموللام》سۆزى ئوتتۇر ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىمۇ ئورتاق سۆز بۇلۇپ ئۇلارمۇ دىني ئالىملىرىنى ،زىيالىلىرىنى شۇنداق ئاتايدىكەن.بۇنى ئۆزبەكچە تەبلىغلەرنى ئاڭلاپ ،كۈرۈپ باققانلار كۆپ ئۇچىرتالايدۇ.يىقىندا قازاقىستانلىق بىر قازاق تۇنۇشۇمنىڭ بىرسىنى داموللام دەپ چاقىرغىننى ئاڭلاپ(ئەسلى چاقىرىلغۇچىنىڭ ئىسىى داموللام ئەمەستى،دىني زاتتى)ھە بۇ داموللام دېگەن سۆزنىڭ قازاقىستاندىمۇ كۆپ قوللىندىغان،خەنزۇچىدىن كەلگەن سۆز ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم جەزىم قىلدىم.
ئالدىنقى قېتىم بىلىمخۇمار ئاكامنىڭ بىر ماقالىسىدە مۇشۇ توغۇرلۇقمۇ ئازراق گەپ سۆزلەر بۇلۇنۇپتىكەن،شۇڭا تورداشلار بىلەن تەڭ بەھىرلەنسەك دەپ تەييارلاپ قويدۇم.