يېتىلىۋاتقان ئەزا
دىلدا ئىمان تۇرامدۇ؟ ئاپتۇرى: تەسەللى غەيۋەت قىلىپ يۈرسەك بىز ياخشىلارنىڭ كەينىدىن، ھەقىقەتنى ئۈچۈرسەك بىزگە كەلگەن ئەينىدىن. ئاڭلىمىساق نەسىھەت يانماي ھېچبىر پەيلىدىن. كىتەلمىسەك تاڭسدىن، ئەيش-ئىشرەت سەيلىدىن. بىزگە مەڭگۈ يار بولۇپ دىلدا ئىمان تۇرامدۇ؟. كىچىككىنە ئىشنى دەپ يۈرسەك تالاپ غاجىشىپ. كۆزدىن نېرى قىلماققا تام كەينىدىن مارىشىپ. پەرۋا قىلماي ھېچ ئىشقا مەيدانىنى ئارىشىپ. بىر بىرىن سۈكۈشكە بۇلبۇل كەبى سايرىشىپ . بولساق دوستنىڭ قەستىدە ئىمان دىلدا تۇرامدۇ؟. دىنىڭ ئۈچۈن چىق دىسە كىرىپ كەتسەك كامارغا. تاشلاپ قۇيۇپ قۇرئاننى چۈشۈپ كەتسەك ساماغا . تۇشۇپ كەتسەك ئىللەتكە ئەيدىز كەبى ۋاباغا. ھەقىقەتنى پۇل ئۈچۈن چىقىرىۋەتسەك خاتاغا. ئىللەت بىزدە مۇشۇنداق ئىمان دىلدا تۇرامدۇ؟. لىللاھ تۇرۇپ ھەر ئىشتا تۇرغۇزمىساق ئادالەت. ئۆز نەپسىمىز پۇل ئۈچۈن بېسىپ كەتسە قاباھەت. ئېگەللىسە قەلىبنى ئېتىقادسىزلىق جاراھەت. غەمدە قالسا قەۋمىمىز يۈرسەك قىلىپ ساياھەت. تىرىشمىساق دىن ئۈچۈن ئىمان دىلدا تۇرامدۇ. پاكلىمىساق قەلىبنى شىرىك رىيا، ئىللەتتىن . ھورۇنلۇققا يۆلىنىپ يىراقلاشساق ھىممەتتىن. ئازغۇنلۇققا ئاتلىنىپ قچىپ كەتسەك نېمەتتىن. بوزەك ئىتىپ ياۋاشنى قورقۇپ يۈرسەك شىرمەتتىن. پاك بولمىسا بۇ قەلىب ئىمان دىلدا تۇرامدۇ؟. بىرەلمىسەك بەرداشلىق بىزگە كەلگەن سىناققا . باشقا بولسا كۆزقاراش قاچساق ئۇندىن يىراققا. بەرمەي ھېچبىر تەسەللى دوستنى ئاتساق پىراققا. ماھىيەتنى چۈشەنمەي تارتساق سۇئال سوراققا. گۇمانخورلۇق دەستىدىن دىلدا ئىمان تۇرامدۇ؟. ئاپتۇرى: تەسەللى 2014—4—7 كۈنى
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
يىـڭى ئــەزا
ئادەتتىكى ئەزا
تەستىقلانمىغان
ئالپ ئەر تورى
دائىملىق ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ