بۇ ناخشىلار بۇندىن 10يىللار بۇرۇن چىققان تەۋەرۈك ناخشىلار بولۇپ تا ھازىرغىچە ئىسىل ناخىلار قاتارىدىن قالغىنى يوق.بەزىلىرىنى مۇنبەرداشلار ئۇنتۇپ كېتكەن بولۇشى مۈمكىن.ئارىسىدىكى<<ۋىجدان>>ناملىق ناخشىنى مەن بەكمۇ ياقتۇرىدىغان بولۇپ كۈندە دېگۈدەك ئاڭلاپ تۇرمىسام خۇمار قىلىدۇ.ئورۇنلىغۇچىلار غۇلجىنىڭ خېلى داڭلىق ناخشىچىلىرى بولۇپ ئەسلى پىلاستىنكىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇنلىغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزمىگەن بولغاچقا ئىسمىنى قىستۇرۇپ قويمۇدۇم.
1-ۋىجدان
2-كاككۇك
3-سۆيگۈ سۇندى
4-ھاراقكەش
5-ئۇچقۇر يىللار
6-مۇھەببەت(ئۆزبىكچە) بەك تەسىرلىك
ۋىژدان مەنسۈپ ئوت يۈرەك ئەرگە،
قىممىتى تەڭ ئالتۇنغا -زەرگە.
قىممىتىنى بىلمىگەن نامەرد،
بۇلغاپ ئۇنى ئۇرىدۇ يەرگە.
ۋىژدان مېنىڭ ياقامدىن سىقتى،
ۋىژدان مېنى بالاغا تىقتى.
مەن ۋىژداندىن نىجاتلىق كۈتسەم،
ھەممە پىشكەل ۋىژداندىن چىقتى.
دېدى بىرسى ئۇنداق ۋىژداننى،
يوقات نېرى سېتىۋەت دېدى.
ئەسقاتمىغان شۇنداق ۋىژداننىڭ،
چىشلىرىنى چېقىۋەت دېدى.
ماڭا كەسىپ ۋىژدانلىق ياشاش،
نان ساتىمەن ۋىژدان ساتمايمەن.
قانداق يۈرەي ۋىژدانسىز ياشاپ،
جان چىقسىمۇ ۋىژدان ساتمايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-8 02:00 AM