ھىدايەتنىڭ سىرى
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن
دوكتۇر ئائىد قارنىينىڭ 《قايغۇرماڭ》دېگەن كىتابىنىڭ شۇ بابى تەرجىمە قىلىندى
پەقەت توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەملا بەخىت سائادەت ۋە خوشالىققا ئېرىشەلەيدۇ،ئۇ توغرا يول بولسىمۇ رەسۇلۇللاھ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن يول،بۇ جەننەتكەت باشلايدىغان يول( 《ئۇلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا ھىدايەت قىلاتتۇق ).سۈرە نىسا 68-ئايەت
سائادەتكە ئېرىشكۈچى كىشى كەلگۈسىدىن غەم قىلمايدۇ،كىلەچەكتە قايتىدىغان گۈزەل ماكانغا ئىشەنچ قىلدۇ،رەببىنىڭ ۋەدىسىگە ۋە تەقدىرىگە ئىشىندۇ.سائادەتكە ئېرىشكۈچى كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ توغرا يولغا باشلايدىغىننى بىلدۇ،ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ مەسۇملىقىنى(خاتالىقتن ئاللاھ تەرپىدىن ساقلانغانلىقىنى)بىلدۇ،ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆز خاھىشى بۇيىچە گەپ قىلمايدىغىننى،ھەۋەسلەرگە ئەگەشمەيدىغىننى،شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ساقلانغان،ۋە كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراشتىن ساقلانغانلىقىنى بىلدۇ:《ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاللاھ نىڭ ئەمرى بۇيىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار》.سۈرە رەئىد11-ئايەت
سائادەتكە ئېرىشمەكچى بولغان كىشى توغرا يولدا بولغاندا ئاندىن بەخىتكە ئېرىشەلەيدۇ.چۈنكى ئۇ كىشى ئۈچۈن يېگانە بىر ئاللاھ،ئالدىدا ئۈلگە بولغۇچى پەيغەمبەر،قولىدا مۇقەددەس كىتاپ قۇرئان،قەلبىدە ئىمان نۇرى بارلىقىنى بىلدۇ.ئۇ ئاخىرەتىكى نېمەتكە بارغۇچىدۇر،ئەمەللەرگە تائەت كەلتۈرگۇچىدۇر،ياخشى ئىشقا ئالدۇرغۇچىدۇر.《ئاللاھ نىڭ يولى ئەنە شۇدۇر،ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى شۇ يولغا باشلايدۇ》سۈرە ئەنئام 88-ئايەت
يول ئىككى خىل:مەنەۋى ۋە ھېسسىي،مەنەۋى:ئىمانى،ھىدايەتنىڭ يولى.ھېسسى يول بولسا: ئاخىرەتتە دوزاخنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلغان يول بۇلۇپ(جەننەتكە تۇتىشىدىغان،جەننەتكە باردىغان ھەر بىر ئادەم چۇقۇم ئۈتىدىغان يول).ئىمان يولى بولسا بۇ دۇنياغا قۇيۇلغان بۇلۇپ ،بۇيول ھاۋايى ھەۋەس ۋە شەھۋەت بىلەن قورشالغان،ئاخىرەتنىڭ يولى بولسا دوزاخنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلغان بۇلۇپ بۇ يول ھەرخىل ئاغۇرتقۇچى ئەسۋاپلار بىلەن قورشالغان .بۇ دۇنيادا ئىمان يوللىردىن سالامەت ئۈتۈپ كەتكەن ئادەم ئاخىرەت يولىدىن سالامەت ئۈتەلەيدۇ،ئۇنىڭ ئاخىرەت يولدىن ئۈتۈش سۈرئىتى دۇنيادىكى ئىماننىڭ بەدىلىگە بولىدۇ.بىلىش كېرەككى بىركىشى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىنسا ئۇنىڭدىن غەم قايغۇ ۋە ئەندىشىلەر يۇقايدۇ.
دۇنيادا گۈزەل ياشاشنى ئىزدىگۈچىلەرگە 10ئەڭگۈشتەر
1- سەھەرلەردە ئىستىغفار ئۈچۈن ئولتۇرۇش:(سەھەر لەردە ئىستىفار ئېيتقۇچىلاردۇر) ئال ئىمران17-ئايەت بۇ ئايەتنىڭ تۇلۇق تېكىستى《 تەقۋادارلار سەبىر قىلغۇچىلاردۇر،راستچىللاردۇر،ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر،ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل -ماللىرىنى سەرىپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەر لەردە ئىستىغفار ئېيتقۇچىلاردۇر》
2- خالى جايدا تەپەككۈر قىلىش:ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمنىڭ يارتىلىشى ھەققىدە پىكىر يۈرگىزىدۇ سۈرە ئال ئىمران 191-ئايەت. بۇ ئايەتنىڭ تۇللۇق تېكىستى《ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ،ئولتۇرغاندىمۇ،ياتقاندىمۇئاللاھ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ،ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمننىڭ يارتىلىشى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ.ئۇلار ئېيتىدۇ《پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ،سەن پاكتۇرسەن،بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
3- سالىھلارنىڭ سورۇنلىرىدا بىرگە بۇلۇش:(سەن پەرۋەردگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ،ئەتىگەن -ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلدىغانلار(يەنى ئاجىز كەمبەغەل مۇسۇلمانلار)سەۋىرچان بىللە بولغىن)سۈرە كەھف 28-ئايەت.
4- زىكرى:(ئى مۆمىنلەر!ئاللاھنى كۆپ يادا قىلىڭلار)سۈرە ئەھزاپ 41-ئايەت.
5- ئاللاھتىن قورقۇپ ئۇقۇلغان ئىككى رەكەت ناماز:(《شۇنداق مۆمىنلەركى》ئۇلار نامازلىرىدا《ئاللاھ نىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن》ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر) سۈرە مۇئمىنۇن2-ئايەت.
6- قۇرئاننى پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۇقۇش(ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ)سۈرە نىسا82-ئايەت.
7- قاتتىق ئىسسىق كۈندە روزا تۇتۇش…(ئۇ مەن ئۈچۈن تامىقىنى،شارابىنى،شەھۋىتىنى تەرىك ئەتتى)ھەدىس شەرىف.
8- مەخپى سەدىقە قىلىش:ئوڭ قولى سەرىپ قىلغاننى سول قولىغا بىلدۈرمەسلىك.ھەدىس شەرىف
9- مۇسۇلمانىڭ قىيىنچىلىقنى ئاسان قىلىپ بېرىش:(كىمكى دۇنيادا بىر مۇسۇلماننىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىپ بەرسە ،ئاللاھ ئۇ كىشىدىن قىيامەتنىڭ قىيىنچىلىغىدىن ئاسان قىلىپ بېرىدۇ).ھەدىس شەرىف
10- دۇنيادا زاھىت بۇلۇش(دۇنيانى قەلبىدە قۇيۇش):(ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر)سۈرە ئەئلا17-ئايەت.
نوھ ئەلەيسسالامنىڭ ئوغلىنى شەقى قىلغان گەپ بولسا: (ئۇ 《مېنى سۇدا غەرق بۇلۇشتىن ساقلاپ قالدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن )دېدى .سۈرە ھود43-ئايەت
ئەگەر ئۇ ئاسمان زىممنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئەزىز ۋە ئەمىن بۇلاتتى.
نەمرۇدنى شەقى ۋە ئازاپقا دۇچار قىلغىنى بولسا ئۇنىڭ:مەن ئۆلتۈرەلەيمەن ۋە تىرىلدۈرەلەيمەن، دېگەن سۈزى.چۈنكى بۇنداق قىلدىغان ھوقوق ئۇنىڭ ئەمەس ئىدى،ئۇ داۋا قىلغان سۈپەت ئۇنىڭغا ماس كەلمەيتى.(ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى)نازىئات25-ئايەت.
سائادەتنىڭ ئاچقۇچى بولسا ئاددى ،چوڭقۇر مەنىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئىككى شاھادەتتىدۇر.
كىمىكى زىمنىدا تۇرۇپ بۇ شاھادەتنى ئۇقۇسا ،ئۇكىشى ئۈچۈن ئاسماندىن راسىت دېدىڭ دېيىلندۇ:(راست سۆز(يەنى قۇرئان)نى ئېلىپ كەلگەن كىشى ۋە ئۇنى ئېتراپ قىلغان كىشىلەر -ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر)سۈرە زۇمەر33ئايەت.
بىر كىشى شۇ شاھادەتكە ئەمەل قىلسا شەرمەندىلىكتىن،شەقىيلىقتىن ۋە ئاخىرەت ئازابىدىن ئامان قالىدۇ:(ئاللاھ 《شىرىكتىن ۋە گۇناھتىن》ساقلانغۇچىلارنى بەخىتكە ئېرىشتۈردىغا يوللار ئارقىلىق《ئازاپتىن》قۇتۇلدۇردۇ).سۈرە زۇمەر 61-ئايەت
بىر كىشى شاھادەتنى ئۈزى بىلەنلا بولدى قىلمەي يەنە باشقىلارنى بۇنىڭغا چاقىرسا ئۇنىڭغا ياردەم،غەلبە ،نۇسىرەت بېرلىندۇ:(بىزنىڭ قۇشۇنىمىز چۇقۇم غەلبە قىلغۇچىلاردۇر). سۈرە ساففات173-ئايەت
كىمىكى شاھادەتنى ياخشى كۆرسە دەرىجىسى ئۈستۈن،ئىزەتلىك،ھۆرمەتلىك بولىدۇ:(غەلبە ئاللاھ قا،ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىگە ،ۋە مۆمىنلەرگە مەنسۈپ). سۈرە مۇنافىقۇن8-ئايەت
بىلال مۇشۇ سۆز بىلەن قۇلۇقتىن ھۆرلۈككە ئېرىشكەن:(ئۇلارنى كۇفىرنىڭ زۇلمىتىدىن ئىماننىڭ يۇرۇقلىقىغا چىقىردۇ).بۇ ئايەتنىڭ تۇللۇق تېكىستى(ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر،ئۇلارنى كۇفىرنىڭ زۇلمىتىدىن ئىماننىڭ يۇرۇقلىقىغا چىقىردۇ،كاپىرلرنىڭ ئىگىسى شەيتاندۇر،ئۇلارنى ئىماننى يۇرۇقلىغىدىن كۇفىرنىڭ گۇمراھلىقىغا چىقىردۇ،ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر،ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.سۈرە بەقەرە257-ئايەت
ئەبۇ لەھەب ھاشىمى شاھادەتنى ئېيتىشقا تىلىنى چايندى(دېمىدى)ۋە خار ،قۇلنىڭ ئۆلۈمدە ئۆلدى:(ئاللاھ نىڭ خار قىلىشىغا ئۇچىرغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ،ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىننى قىلدۇ《يەنى ئازاپ قىلىش،رەھىم قىلىش،ئەزىز قىلىش،خار قىلىش ،باي قىلىش،كەمبەغەل قىلىش ئاللاھ نىڭ خاھىشىدىكى ئىش بۇلۇپ بۇنىڭغا ھىچكىم تەئەررۇز قىلالمايدۇ).بۇ ئايەتنىڭ تولۇق تېكىستى (بىلمەمسەنكى ،ئاسمانسىكىلەر《يەنى پەرىشتىلەر》،زىمىندىكىلەر《ئىنسانلار،جىنلار ۋە زىمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار》،كۈن،ئاي،يۇلتۇزلار تاغلار،دەرەخلەر،ھايۋاناتلار ئاللاھقا بۇيسۇنۇپ ،ئاللاھ نىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجىد قىلىدۇ،نۇرغۇن كىشىلەر 《كۇفرى سەۋەپلىك )ئازاپقا دۇچار بولدى،ئاللاھ نىڭ خار قىلىشىغا ئۇچىرغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ،ئاللاھ ھەقىقەتەن ھىالىغىننى قىلدۇ《يەنى ئازاپ قىلىش،رەھىم قىلىش،ئەزىز قىلىش،خار قىلىش ،باي قىلىش،كەمبەغەل قىلىش ئاللاھ نىڭ خاھىشىدىكى ئىش بۇلۇپ بۇنىڭغا ھىچكىم تەئەررۇز قىلالمايدۇ.سۈرە ھەج22-ئايەت
شاھادەت بولسا روھنى پاكلىغۇچى،ئىماننى كۈچلەندۇرگىچىدۇر:(لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى ،ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز،شەك-شۈبىھسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن).سۈرە شۇئەرا52-ئايەت
ئەگەر سەن ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ دۇنيا بىلەن شاتلانساڭ ھەرقانچە پۇل مېلىڭ بولسىمۇ پۇل مال بىلەن سەن ياخشى كۈردىغان نەرسىگە ئېرىشەلمەيسەن،چۈنكى سېنىڭ ھاياتلىق يولۇڭ قاتتىق جازا ۋە ئازاپلار بىلەن تولغان:(مېنىڭ مال مۈلكۈم ھېچ نەرسىگە ئەس قاتمىدى.مېنىڭ ھوقوقۇم قۇلۇمدىن كەتتى).سۈرە ھاققە25-26-ئايەت.(پەرۋەر دىگارىڭ بەندىلەرنى ئەلۋەتتە كۆزتۈپ تۇرغۇچىدۇر)سۈرە فەجىر 14-سۈرە.
سەن ئۈزەڭنى بارچە مەخلۇقات مۇھتاج بۇلدىغان يىگانە ئاللاھتىن بىھاجەت ساناپ، بالىلىرىڭ سەۋەپلىك شاتلانما.چۈنكى ئاللاھتىن يۈز ئۆرۈش ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈش،چوڭ زىيان ۋە ئەڭ چوڭ نۇمۇسىسزلىقتىن دېرەك بېرىدۇ:(ئاللاھ نىڭ غەزىپىگە ئۇچۇردى، مۇھتاجلىققا چۆمدى).سۈرە ئال ئىمران112-ئايەت.
يامان ئەمەللەرنى قىلىپ تۇرۇپ ماللىرىڭ بىلەن شاتلانما،چۈنكى بۇ يامان ئەمەللەر سېنى بۇ دۇنيادا ھاقارەتكە قۇيىدۇ،ئاخىرەتىكى مەنزىلىڭگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ۋە ئاخىرەتتە سېنى لەنەتكە قۇيىدۇ:( ئاخىرتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر).سۈرەفۇسسىلەت 16-ئايەت
ماللىرىڭلار ۋە بالىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يىقىنلاشتۇرالمايدۇ،پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلرغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاپ بېرىلدۇ .سۈرە سەبەئ37-ئايەت
ئائىد قارنىينىڭ 《لا تحزن،قايغۇرماڭ》دېگەن كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى
بەزى ئايەتلەرنىڭ تۇللۇق تېكىستىنى يادىلۋېلىشقا تىگىشلىك دەپ قارىغانلىرىمنى ئۈزەم تولۇق تېكىستىنى كىچىك خەت بىلەن قىستۇرۇپ قويدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا manzilga تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-7 09:03 PM