چىچەك پەسلى!
ئېتىز بويلاپ كەلدىڭ يەنە سەن،
بۇلۇتلاردىن شۇڭغىغاندا ئاي.
يىشىلىققا پۇركەنگەن ئورمان،
گۈل-چىچەكتىن ياسانغاندا ئوي.
يورىغاندا ئاسمان چىچىكى،
چۈشتى ئەسكە چىچەكنىڭ سىرى؛
چىچەك پەسلى ئېيىتقان ئارزۇيۇڭ.
چىچەكلەپتۇ مانا قىش كۈنى.
بەزەن كۆكتە ئۈزەر ئىكەنسەن،
يەردە ئۇچقان چىچەكتەك گويا.
بەزەن چەكسىز باغنىڭ قوينىدا،
گۈل بەرگىدەك كۆڭەلدە بىرلا.
كۈتەر يىگىت ئىشتىياق بىلەن،
باھار چىللاپ يەڭنى شىمايلاپ.
لىكىن باھار يىراقمۇ ئەمەس،
قىينار لىكىن سېغىنىش ئىشتىياق.
يىللار بويلاپ كەلدىڭ يەنە سەن،
سۆيگىمىزگە يۇلتۇز-ئاي گۇۋا.
چىچەك پەسلى ئالغان ھەر نەپەس،
جېنىمغا-جان بولۇپ يۈرەككە داۋا.
ئوسمانجان مۇھەممەد ئورخۇن ئوغلى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا orhunogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-7 08:59 PM