مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 398|ئىنكاس: 12

ھەققانىي: دەيمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34366
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5586 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                         دەيمەن

       ئابدۇۋەلى راخمان (ھەققانىي)

                                      ئەمەلدىن چۈشكىنىڭ مەيلى،نەزەردىن چۈشمىسەڭ دەيمەن،
                                     ئاۋامنىڭ كۆڭلىدە ساندىن-تىزىمدىن ئۆچمىسەڭ دەيمەن.

                                     سامانلىق ئاچقۇچى تەگسە شاراقشىپ كەتكىنىڭ نىمە؟
                                     خۇدۈڭنى يوقۇتۇپ ئەلدىن يىراقلاپ كەتمىسەڭ دەيمەن.

                                    مۇشەققەت دەستىدە تەرلەپ گۆھەرلەر قازغىنىڭ ئەلا،
                                    خوشامەت پۇرسىتى پەملەپ ئېگىزلەپ ئۆتمىسەڭ دەيمەن.

                                   دىلىڭدا باشقىچە مەخسەت،چىرايىڭ نە ئۈچۈن مۈجمەل؟
                                   كۆڭۈلنى تۈز تۇتۇپ مەڭگۈ مۇغەمبەر كۈلمىسەڭ دەيمەن.

                                  پەلەكىڭ ئوڭ كىلىپ كۆككە-بۇلۇتقا يەتسىمۇ باشىڭ،
                                  پادا باققاندىكى دوستنى ئۇنۇتماي ئەسلىسەڭ دەيمەن.

                                  ئېلىپ ئوبداننى يانپاشقا ‹‹ ئەجەپمۇ كەلدى پۇرسەت ›› دەپ،
                                  كېيىنچە سەنمۇ چۈشكەندە ئىزادىن ئۆلمىسەڭ دەيمەن.

                                 چىقاردا قۇش بولۇپ چىقتىڭ،لېكىن پەگاھقا چۈشمەك تەس،
                                 ئاداققى كۈنگىچە دوستۇم يامان كۈن كۆرمىسەڭ دەيمەن.
                                                           *******
       مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم .( ‹‹ ھەسەتخورلار ›› ناملىق ساتېرىك شئېرلار توپلامىمدىن ئېلىندى.)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102534
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ، رەھمەت !
ئەمما تەھرىرلەر نىمىشقىمۇ ياخشى تەھرىرلىمىگەندۇ دەيمەن ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90271
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساتىرا باغى-گۈلشەندە يېقىملىق سايرىدىڭ خەندان،
تاپانغا پاتسىمۇ يانتاق يولىڭدىن ئازمىساڭ دەيمەن.

  قاملاشمىسىمۇ بىر شىڭگىل ئويناپ قويدۇم ئاكا ...تېنىڭىزگە سالامەتلىك....ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34366
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5586 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
pighan07 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-7 09:39 PM
ساتىرا باغى-گۈلشەندە يېقىملىق سايرىدىڭ خەندان،
تاپانغ ...

بۇ يولدا قالمىدىم توختاپ ئەلەملەر كەلسىمۇ قوشلاپ،
ئىرادە تاۋلىدىم كۆپ يىل،يولۇمدىن يانمىسام دەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 319
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2014-4-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولۇم توغرا بولغاچقا بېشىمنى ئۇرسىمۇ تاشقا.
جېنىم كەتسىمۇ مەيلى يولۇمدىن يانمىسام دەيمەن.

مەنمۇ ياندىشىپ باقتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34366
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5586 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرالار ئەجەپ چېچىلىپ كەتتى.پەقەت ئوڭشىيالمىدىم.باشقۇرغۇچىلاردىن ئۇستاملار يوقمىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 448
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلەن شىېركەن ،ھاياجانلاندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7341
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ، رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 839
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ،،،،
ئىنكاستا قېتىلغان مىسرالارمۇ بەك ئوخشاپتۇ ......ماھارىتىڭلارغا تەشەككۇر .........

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 268
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلدارلار ئادىل بولسا، ئەلنىڭ نەزىردىن ھەرگىز چۈشمەيدۇ.

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش