2014 خەلقئارالىق ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى
يېقىندا ئۈندىدارىمغا "2014 خەلقئارالىق ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى" دىگەن تىمىدا بىر خەنزۇچە ئۇچۇر كەلدى. مەن بۇ ئۇچۇرنىڭ مۇئەييەن ئەھمىيىتى باركەن دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى تۆۋەندىكىچە تەرجىمە قىلىپ، تورداشلارنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم:
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، يىلدا بىر كېلىدىغان خەلقئارالىق ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى-"5-ماي" يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. داۋالغۇش بۇلۇپ تۇرغان بۇ يىلدا مىنىڭچە بىزدە بىر ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە مىللى بۇرچ بۇلۇشى كېرەك، دەپ قارايمەن. پائالىيەتنىڭ ئاساسى تىمىسى: "دوپپا سىزگە ھەمراھ، دوستلۇقنىڭ دۆلەت چىگرىسى يوق."
مىللەت كۆپ خىللاشقان، مەدەنىيەت كۆپ مەنبەلەشكەن بۇ دەۋردە، مەن ھەربىر كىشىنىڭ يېنىدا ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان، تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە سىزگە ياردەم بېرىدىغان، سىزنىڭ سىردىشىڭىزغا ئايلانغان بىر-ئىككى دوستىڭىزنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇنداق دوستلۇق مىللەت، دۆلەت، ياش-قورام ئايرىمايدۇ، بۇنداق دوستلۇق مەڭگۈ قەلبىمىزدە ساقلىنىپ قالىدۇ.
دوپپا مېھىر-مۇھەببەت تارقىتىدۇ. سىز دوپپىڭىزنى كىيىپ يېنىڭىزدىكى ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان ياخشى دوستلىرىڭىز بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈڭ. بۇ يىلقى پائالىيەتنىڭ ئاساسى شۇئارى: "دوپپىنى، تېنچلىقنى سۆيۈش." سۈرەتنى تارقىتىدىغان چاغدا، دوستىڭىزنىڭ مىللىتى، ئىسىم-فامىلىسى، يۇرتى، دۆلەت تەۋەلىكى قاتارلىقلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ قويۇڭ.
مەيلى سىز قايسى دۆلەتتە، قايسى شەھەردە بولماڭ، دوپپىنى سۆيىدىغان، دوپپىسى بولغان، دوپپىنى چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بارلىق دوستلىرىڭىزنى چاقىرىپ، دوپپا ۋە سىلەرنىڭ گۈزەل مىنۇتىڭلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈڭلار، سۈرەتنى بىزنىڭ ئېلخەت ئادىرىسىمىزغا يوللاپ بېرىڭ.
سىزنىڭ ياخشى دوستلىرىڭىز ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا قىزىقامدۇ؟ ئۇنداقتا سىز ھەركەتكە كېلىپ يېنىڭىزدىكى دوستىڭىزغا بىر جۈملە ئۇيغۇرچە سۆز ياكى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە يېزىشنى ئۆگىتىڭ، ئاندىن بۇ مىكرو كۆرۈنۈشنى خاتىرلىۋېلىڭ.
بىزنىڭ "دوپپا سىزگە ھەمراھ، دوستلۇقنىڭ دۆلەت چىگرىسى يوق" دىگەن ئاساسى تىمىمىزنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىش ئۈچۈن، بىز ھەر بىر كىشىنىڭ ياخشى دوستلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك ھىكايىلەرنى بىزنىڭ ئېلخەت ئادىرىسىمىزغا يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز سىلەرنىڭ ئەسىرىڭلارنى كۈتىمىز. بىزنىڭ ئېلخەت ئادىرىسىمىز:
cooldancer@126.com
يوقۇرقى مەزمۇننىڭ خەنزۇچە ئەسلى تولۇق تېكىستى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىنغان دوپپىغا دائىر سۈرەتلەرنى تۆۋەندىكى ئادىرىسنى چېكىپ كۆرگەيسىلەر.
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MjM5NTE1Mjg1Mg==&mid=200106704&idx=1&sn=60a35e6a4255c5e152c7344e440fa2ff&scene=1#rd بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-7 09:02 PM