مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1525|ئىنكاس: 39

سېسىق پايپىقىڭ ،ئىپارپايپىقىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 473
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سېسىق پايپىغىڭ ،ئىپار پايپىقىم

ھېكايە

مەن بىر يېزا مۇئەللىمى. بىزنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىمىزنىڭ مەزمۇنى بولسا، سەھەرتۇرۇپ سىنىپىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئۆيىلىرىگە بىرقېتىم بېرىپ ،ئۇلارنى يېغىپ  مەكتەپكە ئېلىپ كىلىش،ئاندىن دەرىسلەرنى تەرتىپى بويىچە ئۆتۈپ چىقىش . كەچلىگى بۈگۈن ئەتىگىنى تاپالمىغان ،بىزبارغاندا مۆكۈۋالغان ياكى قېچىپ كەتكەنلەر،ياكى بىركۈن  كەلمىگەن بالىلارنى ئۆيلىرىگە يەنە بىرقېتىمدىن بېرىپ ،ئەتىسى مەكتەپكە بىرىشقا دەۋەت قىلىش ئىدى . مانا بۇنىڭغىمۇ 30نەچچەيىل بۇلۇپ قالدى .مىنىڭ كىچىك ئوغلۇممۇ مىنىڭ ئىزىمنى باسقان ئىدى .مانا بۈگۈنمۇ ئۈستىبېشى توپا -چاڭ، ھارغىن ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇتۇرقىغا قاراپ بۇنىڭدىن 30 نەچچەيىل بۇرۇن، ئەمدىلا توي قىلغان ۋاقىتلار قانداقتۇر ئېسىمگە كىلىپ قالدى .

قىشنىڭ بىركۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ، بالا يېغىپ خېلىلا كەچ قالدىم .ئۇچاغلاردا بىز بىرقېتىمدا بىركەنتتىكى 30-40 بالىنىڭ ئۆيلىرىگە  باراتتۇق . مەن ھالقىلىق چوڭ ئىشىگىمىزدىن كىرىپلا ئۆزىمىزنىڭ يىڭى ھوجرىمىزغا كىرىپ كەتتىم ،ھوجرىغا كىرىپلا ئايالىمدىن يۈز-كۆزۈمنى يۇيىدىغانغا سۇ سوراپ توپا –چاڭلىشىپ كەتكەن يۈز-كۆزلىرىمنى راھەتلىنىپ يۇيىۋالدىم ،لىكىن  ئايالىم مىنىڭ نىمىشقا سىرتتا كىيىملىرىمنى قېقىشتۇرپ ،سېسېق پاپپىقىمنى سېلىپ تاشلاپ كىرمىگىنىمنى  ئەسكەرتكەن بۇلۇپ   :

-ماۋۇ ئۆيگە ئاۋۇ ماڭقىلىرىنىڭ  توپا تەلەتلىرىنى مىنى كۆرسۇن دەپ ئالغاچ كىرمىسىلىمۇ، مەنمۇ كۆرىمەن ئۇلارنى تەلەتىنى كۈندە نەچچە.دەپ ۋايساپ بولدى .مەنمۇ :

-خوتۇن 23ياشقا ئەمدى كىرىپ ،نىمانداق مومايلاردەك كوتۇلدايسىلە ،ئاۋايلايلى ئاۋازلىرىنى ئارتىس .كىيىنچە بۇنىڭدىن چوڭراقى بولغاندا ئاۋازلىرىنى نەدىن تېرىپ كېلىمەن .

-نىمە چوڭراقىكىكەن ، سالى تۇماقنىڭ قىزى ،سەلىمە  مامۇقىنىڭ بالىسى ئازقالدى ماقۇلما سىنىپلىرىغا چىققىلى .دەپ مىنى مىنىڭ تۇلۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىم ،نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دادام تىنىچ ،ھاۋاسى ساپ ،قوي –كالا ،توخۇ –ئۆردەك باققىلى بۇلىدۇ دەپ،زىمىن سېتىۋېلىپ،ئۆي سېلىشىمىزغا كۆپ يادەم بەرگەن   ،مۇشۇ كەنتىدىكى بىردىن بىر تۇنۇشۇم ،كەنتە ئاياللار مۇدىرى سەلىمە دىن كۈنلەيدىغان ئايالىم ،بىلىنەر بىلىنمەس  چىقىپ قالغان قورسىقىنى ماڭا ئىمالاپ قويدى .مەنمۇ گەپنى ئاۋۇتمايلا :

-خوتۇن ماۋۇ پايپىقىمنى يۇيۇپ ،ياماپ  بىرىڭلا ،تەرلەپ چىلىشىپ كەتتى ،پاچىقىمنى ئېچىشتۇرۇپ دىدىم .ئايالىم :

-سېسىق لاتىلىرىنى نېرى ئاپارسىلا مەلىم ،تالادا چىلاپ قويسىلا ،سېسىقى يۈتكەندە يۇيۇپ ،ياماپ كەيسىلە .دەپ مىنى ھويلىغا چىقىرىپ قويدى .مەنمۇ بۇنداق گەپلەرگە بىريىلدىن بۇيان كۆنۈپ كەتكەچكە پايپىقىمنى ھويلىدا داسقا تاشلاپ قويدۇم .قارىسام ،داداملارنى چىرىقى بۇرۇنقىدەكلا يېنىقلىق تۇراتتى.كىرىپ كۆرۈشۈپ چىقىتىم .ھوجرىمىزدا ئۆيىمىزدىكى زامانىمىزنىڭ زامانىۋىسى بولغان رادىئويىمىزنى گىژىلدىتىپ ئولتۇرسام ،ئانامنىڭ« ياتتىڭلىما بالام» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .مەنمۇ :

-ياق تېخى ،كىرسىلە ئانا دىدىم .ئانام كىرمەيلا  :

-بالام چىقىپ ئولتۇرۇپ كىرىڭلا .دىدى .ئايالىممۇ ئانامنىڭ گەپلىرىگە ئامراق گەپ خۇمار ئىدى .ئۇنىڭ مۇڭداشقاقلىقى ئانامغا يېقىپ قالغاچقا ،بىزنىڭ قوي-توخۇ  ئېغىلى،كەپتەرخانا دېگەنلەرنى كۆرسە بۇرنىنى تۇتۇپ تىز-تىزئۆتۈۋالىدىغان بۇ ئارتىس قىزنى «بوپتۇ بالام ،ئۇمۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا چۈشۈپ قالىدۇ »دەپ، دادامنىڭ «ئۇ دېگەن باشلىقنىڭ قىزى ،.....»دەپ كۆرسەتكەن باھانىلىرىنى ھەرخىل جاۋاپلاربىلەن قايىل قىلىپ ،ئىككىمىزنىڭ تويىنى قىلىپ قويغان ئىدى.ئايالىم قېلىن كىيىملىرىنى كەيگەچ مىنى ئالدىرىتىپ، ئانامغا سېتىۋالغان قېلىن پايپاقنى ئېلىۋالدى .بىز ئۆيگە كىرىشىمىزگە ئۆيدىن تۇنۇش بولغان پۇراق ،مىنىڭ سېسېق پايپىغىمنىڭ پۇرىقى كېلىۋېتاتتى .قارىسام ئانامنىڭ قولىدا مىنىڭ يىرتىق، سېسېق پايپىقىم يامىلىۋاتاتتى .بىزمۇ كىرىپ  ئولتۇردۇق .ئاناممۇ پايپىقىمنى ياماپ بۇلۇپ ،يىپنىڭ ئۇچىنى چىگىۋېتىپ، يىپنى چىشى بېلەن چىشلەپ خېلى كۈچىنىپ ئاندىن ئۈزدى ،قارىسام سېسېق پايپىقىم ئانامنىڭ چىشلىرىغا،يۈزلىرىگە تېگىپ تۇراتتى ،ئانامنىڭ قولى پايپىقىمنىڭ ھۆللىگىدىن نەمدەلگەن ئىدى . قارىسام ئايالىمنىڭ بىئارام بولىۋاتقىنى بىلىنىپ تۇراتتى .ئانام :

-بالام سىلى بۇنداق سېسېق پۇراقققا چىدىيالمايلا ،مەشنىڭ قېشىدا ئولتۇرسىلا،ئالىم دەرىزىنى ئېچىۋەتسۇن ،مەن بۇسېسېق پايپاقنى يۇيىۋېتىپ كىرەي دەپ ئايالىمنىڭ مەن يۇياي دېگىنىگە ئۇنىماي   سىرتقا ماڭدى.دادام :

-تالا سوغوق .ئۆيدە يۇيۇڭلا.دىسىمۇ ،ئۇنىماي تالاغا ماڭدى .

  ئەتتىگەندە ئانام دائىم بىزدىن بۇرۇن تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلايتتى ،مەن ئەقلىمگەكەلسەم ئانام دادام ھەم بىز بەش بالىنى ھېچقاچان ناشتىسىز ئىشىكتىن چىقارمايتتى .بۆگۈنمۇ يەنە ھويلىدىكى موزلۇق ئاشخانىدا چاي قاينىتىپ ،تاماق ئەتكىنىنىڭ تېۋىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى .بۇنداق چاغدا ئانام خۇددى ئۆزى خىزمەت قىلمايدىغاندەك ،ئاكامنىڭ ،ھەم مىنىڭ ئايالىمىزنىڭ ياردەملىشىشىنى «سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلا ئالدىراش بىردەم بولسىمۇ ئۇخلىۋېلىڭلار  »دەپ رەت قىلاتتى .لىكىن بۈگۈن ئانام بىزنى چاقىرىپ ئاچىقمايلا، ناشتىلىق ھالۋىنى ئۆزى ھوجرىمىزغا ئەكىرىپ بەردى .بۇچاغدامەنمۇ تۇرۇپ، يۈز-كۆزلۈرۈمنى يۇيۇپ بولغان ئىدىم .شۇڭا ھالۋىنى كۆتۈرۈپلا دادام –ئاناملارنىڭ ھوجرىسىغا ئايالىمنى ئەگەشتۈرۈپ كىردىم ،لىكىن ،ئۆيدىكى پايپاق پۇرىقى تېخى يۈتمىگەن ئىدى .ئايالىم بىلەن ئىككىمىز چاندۇرمايلا ھالۋىنى دادام ئەتتىگەندە ۋېلىسپىتىنى مىنىپ نەچچە كېلومىتىرلىق يىراقتىكى ناۋايدىن جۇۋىسىغا يۆگەپ ئەكەلگەن يۇمشاق،ئىسسىق نانغا ئىلىپ يېدۇق .دۇئادىن كىيىن ئانام مىنىڭ ھېلىقى ئاياغ سىرتىدىنمۇ پوراق چېچېپ تۇرىدىغان  داڭلىق سېسېق پايپىغىمنى «كىيىۋال »دەپ مەشنىڭ يېنىدىكى يېيىپ قويغان يەردىن ئېلىپ بەردى .مەن شۇندىلا دادامنىڭ نىمىشقا بۇرنىغا دۇرىسىنى سۈرىۋالغىنىنى چۈشەندىم :

-ئانا سەن نىمىشقا بۇسېسىق پايپىقىمنى  يۇيوپ قۇرىتىمەن دەپ ،ئۆزىڭنىمۇ ،دادامنىمۇبىر كېچە قىينىدڭ .بۇ بولماپتۇ ئانا دىدىم .ئايالىممۇ :

-ئانا بۇنداق قىلسىلا قانداق بۇلىدۇ.مەنمۇ ئۇنىڭ سېسېق پۇرىقى ئازقالغاندايۇيۇپ بىرەتتىم .بۇنىمە قىلغانلىرى . بىزگە سىلىنىڭ ساقلىقلىرى لازىم ،يا ،مىنى يۇغىلى قۇيمىدىلا .دەپ  ئۆمچەيدى .ئاناممۇ :

-بالىلىرىم سىلەرمۇ باشقىچە ئويلىماڭلا ،قىزىم سىزنىڭ بويىڭىزدا بار ،نەۋرەمنىڭمۇ ،سېسېق پاچاق بۇلىشىنى خالىمايمەن .دەپ پايپىقىمنى ماڭا سۇنغاچ بۇرنىنى تۇتۇپ دادامغا قاراپ قويدى . بۇنىڭدىن ھەممىزنىڭ كۈلگىسى كەپپەكەتتى .چۈنكى ئايالىم بىرقېتىم ئانامغا ئەركىلەپ تۇرۇپ:« ئانا سىلى تازىمۇ،شەخسىيەتچى ئىكەنلا ،ئاقىلئاكامنىڭ چىرايىمۇ ،خۇيىمۇ ،پۇتىمۇ سىلىنى تارتىپتۇ ،لىكىن دادامغا ئوخشايدىغان ئالىمنىڭ پۇتىنى، نىمىشقا ئۆزلىرىنىڭ پۇتلىرىغا ئوخشىتىپ تۇغمىغاندىلا »دېگەندە ئانام :«بالام مەنمۇ سىلى ئالىمغا كۆيگەندەك ،باللانىڭ دادىسىغا بەك كۆيگەچكە ،بۇ ئادەممۇ بالا يېققىلى كەتسە، كەلگۈچە پايپىقىنى يۇيۇپ ،يەنە يۇيۇپ ،پۇراپ ئولتۇراتتىم ،شۇ چاغلاردا ئالىم قورسىقىمدا بارئىدى،بۇپۇراقلاتنى بۇمۇ پۇراپ ھەزىم قىلىۋالغان گەپ » دەپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرىۋەتكەنلىكى يادىمىزغا كەلدى .كىين چوڭ قىزىممۇ تۇغۇلدى ،ئوغۇللىرىممۇ تۇغۇلدى .قىزىق يېرى ماۋۇ چىرايى ،مىجەز –خۇلقى مىنى تارتقان كەنجەمنىڭ پۇتىمۇ مىنىڭكىدىن كام ئەمەس سېسېق ئىدى .بەزىدە ئايالىمغا:« سەننمۇسېسىق پاپپىقىمنى ،ئابلىز قورسىقىڭدىكى چاغدا بۇرنىڭغا يېقىپ ياتقانما »دېسەم ئۇمۇ بوش كەلمەي:«سىلى سەلىمە مامۇقنىڭ ئىشىگنى قوغداپ ياتقاندا، سېسقلىرىدىن تۇنۇپ ،تۇتۇپ كەلگەن چېغىمدا قورسىقىمدا باركەن بۇ سېسىق .»دەپ ھاياتىمدا بىرقېتىم ھاراق ئىچىپ سېلىپ، كەنتە مەمۇرىيىتىنىڭ ئىشىگى ئالدىدىكى نوغا كەپلىشىپ  يېتىپ قالغىنىمدا ،مۇشۇ سېسىق پۇراقتىن ،مىنى بىرقانچە لاي چىرايلارنىڭ ئارىسىدىن پەرىقلەندۈرۈپ كەلگىگىنىنى دەپ مىنى قىزارتاتتى .مانا نۇرغۇن يىل-ئايلار ئۆتتى،لىكىن ،مىنىڭ بۇ سېسىق پايپقم بىنلاشقانلىغىمدىن ،ئەمدى 90نەچچە ياشلىق ئانامنىڭ ، تۇرلىشىدىغان كۆزلىرىنىڭ سېسىقلىقىنى قايرىپ قويۇپ يىرتىقلىرىنى يامىيالمايدىغانلىقىنى،دادامنىڭ مىنىڭ كەنجى بالامنىڭ ئوغلىنى يېتىلەپ بىنانى تاپالماي ماڭا تېلىفۇن قىلىشلىرىدىن خەۋەرسىز يەنىلا سېسىق ئىدى . پىنسىيىگەچىققان، 5نەۋرىگەموما بولغان بولسىمۇ، ئابلىزنىڭ كىچەك سىڭلىسى دىيىلىدىغان ئايالىم كەنجە ئوغلۇم  ئابلىزنىڭ سېسىق  پايپىقىنى ياماۋاتاتتى ھەم :

  -ئابلىز نىمىشقا بالىلارنىڭ ئۆيىگە ماشىنابىلەن بارمايسەن ھە .بىز ساڭا ماشىنىنى بىكارغا ئېلىپ بەرمىسەك يا ،شۇنداق قىلساڭ .ماۋۇ ئازراق سېسار ئىدى .دەپ بۇرنىنى تۇتۇپ قويغاچ ماڭا قارىۋالدى .گەرچە ھەرقېتىم شۇنداق ،دىيىشلىرى ،قاراشلىرى جېنىمدىن ئۆتسىمۇ، لىكىن، شۇ سېسىق پايپىقىمنى بىر ئۆمۈر ياماپ بەرگەن تۆت بالامنىڭ ئانىسى بولغان ئايالىمدىن مىننەتدار ئىدىم. ئوغلۇم ئانىسىنىڭ كۇتۇلداشلىرىغا :  

-كەنتە دېگەننى پىيادە ئايلانمىسا ،ماشىنا  بىلەن ئايلىنىش بەسى مۈشكۈل تۇرسا .پىيادە ماڭىدىغان گەپ شۇ،داداممۇ شۇنداق قىلغان تۇرسا ئانا سەن بىلىپتۇرۇپ ،ئادەمنى چېقىۋالىسە ھە  .دەپ جاۋاپ بەردى .شۇنداق بىر يېزا مۇئەللىمى بالا يېغىش ئۈچۈن كەنتە دېگەننى ،يېزا دېگەننى پىيادە ئايلىنىشى كېرەك .پەقەت پۇتىڭنىڭ قاپىرىشى ،يېرىلىشى ،قاداقلىشى ،ئايىغىڭنىڭ يىرتىلىشى ،كىيىمىڭنىڭ ،بۇلۇپمۇ سېسىق پايپىقىنىڭنى، كەچلىكى سالساڭ بىر خورجۇن تۇپا بىلەن سېلىنىشىنى كۆرسەڭلا  بۇلىدۇ .  شۇ ئانام دېگەندەك :«سېسىق پايپىقىڭ ،ئىپار پايپىقىم » .

مەنبەسى :ئۆزئىجادىيىتىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-7 06:54 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 V9 }; N0 E$ h, s6 p, ^4 h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& t/ @7 e0 Z' r2 L

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2177
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتورغا   تەشەككۈر   ، ياخشى يېزىلغان   تەربىيىۋى  ھىكايە ئىكەن   .  قوللىرىڭىزغا  ھاردۇق يەتمىسۇن   .   

ئىشلەپ يىيىشنى بىلمىسەڭ   ،يېتىپ يىيىشنى ئۆگىنىسەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105168
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 160
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2014-3-22
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيۋى ئەھمىيتى كۇچلۇك تەسىرلىك ھىكايە ئىكەن. تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر،

سەن رىياللىقنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرى ئاتا قىلغان راھەتلەرگە،ئۆتكۇنچى ھەۋەسلەرگە ئالدانسڭ ھەقىقى ئۆزۇڭدىن ئايرىلىپ قالسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 1219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 697 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2014-4-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىلا دىگەن بىلەن:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 J; f+ j! m7 [: M8 Pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ^8 f4 E, ]( R% u$ g
................................................
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( ~/ G  z$ v. ?' _+ n' S* W' _ئاناممۇ پايپىقىمنى ياماپ بۇلۇپ ،يىپنىڭ ئۇچىنى چىگىۋېتىپ، يىپنى چىشى بېلەن چىشلەپ خېلى كۈچىنىپ ئاندىن ئۈزدى ،قارىسام سېسېق پايپىقىم ئانامنىڭ چىشلىرىغا،يۈزلىرىگە تېگىپ تۇراتتى ،ئانامنىڭ قولى پايپىقىمنىڭ ھۆللىگىدىن نەمدەلگەن ئىدى . قارىسام ئايالىمنىڭ بىئارام بولىۋاتقىنى بىلىنىپ تۇراتتى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ i, _/ o3 b$ i; x
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ~' \* C! z. u  W9 U$ Y
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  k: J) T2 u# k4 s) c" n' K' b% Nئانىڭىزنىڭ سىزنىڭ سىسىق پايپاقلىرىغا يۈزلىرى ۋە چىشلىرى تىگىپ كىتىشى ۋە سىسىق پۇرايدىغان نەم پايپاقتا قوللىرى نەملىشىپ كىتىشى، پاكىزلىق نۇقتىسىدىن قەتئىي خاتا ئىش. تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىك ھىساپلنىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 L; X( I3 f7 Y8 J* n
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 N3 V5 b2 k" v# u! ]ئەسلى سىسىق پايپاق دىگەننى، ئالدى بىلەن پاكىزە يۇيۇپ، ئاندىن يامايدىغان ئىش ئىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 k+ Z8 r" n4 ?& |" {............................................................................................................................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 448
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇيۇق  تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە،چوڭقۇر مەزمۇن ئىپادىلەنگەن،ئېسىل ھىكايىكەن، مۇشۇنداق ھىكايىلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرغايسىز

اللا، ئۇ  دۇنيا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49384
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6302
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 2264 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلارنىڭ  پەرزەنتلەر  ئۈچۈن  تۈلىگەن  بەدەللىرى  ھەقىقەتەن  كۆپ!!!.............بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 }4 g; G9 k  z) c) G% w7 b$ y5 r" g
قەدىردان  ئاتا-ئانىلارنىڭ   كۈزى  پەرزەنتلەرنىڭ  غەم-  قايغۇلىرى  سەۋەپلىكبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 ?" h  c; m* T5 m
ياشلانمىسۇن!!!

دىل ئۆيۈڭنى يۇرۇتۇپ ئۆتسۇن،   بەخىت بىرىپ بەختىڭگە كۈلكەم.   چىن سۆيگۈگە قېنىپ ياشايسەن،    ھاياتىڭغا رەڭ بىرەر كۆكلەم!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 547
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2014-4-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىۋى قىمىتى بار  ھىكايىكەن ،بۇ  ياقتۇردۇم  رەخمەت سىزگە.

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 473
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-4-7 07:20 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* w# |  h2 d& t6 s
نىمىلا دىگەن بىلەن:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" [* s4 E  I, _) Hبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 o6 s& Z, Q" W
................................................
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# U) f6 `1 N, E7 x+ S0 @
    شۇ ئىشلار بولغان ئىش ئىدى ،لىكىن مەن تېخى پىنسىيىگە يەتمىدىم .قالغىنىنى قېتىپ قويدۇم ،خەۋەر يازمىغاندىكىن .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* Y+ \, H: b3 L. a
    بالىسىنىڭ شۇنداق سېسىقلىرى ،پاسكىنىلىرى بىر ھەقىقى ئانا ئۈچۈن ئويلىشىدىغان نەرسە ئەمەس .بۇنىڭدىن بەكراق تەلىمىڭىزگە مۇھتاج ئىشلارنى كۆرگەن مەن.شۇ ئىشلارنىمۇ يازىمەن ،ئانىلار ئۈچۈن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- p9 g4 A: `  P6 H8 u   ئۇچاغدا  ئانام قىش پەسلى ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتار چاغ بولغاچقا يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ ئەتىسى تىكىپ بېرىشكە ئۈلگۈرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلغان ئىدى .مىنىڭ ئانام شۇنداق ئۇلۇغ ،مىھرىبان ئانا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2177
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-4-7 07:20 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 p# R( o7 N- R6 J6 [
نىمىلا دىگەن بىلەن:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 c8 [' R; ~5 E9 b8 F# ^; ?6 Vبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! e) A# Z. D* s
................................................

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& d2 M. J; T, U! yبىر مۇنەۋۋار ئانا ئۆز بالىسىنىڭ  ھېچقانداق  ئەيىبىنى  ئاچمايدۇ    .  سىز دەپ  بېقىڭە    ئىت ، مۈشۈك  تۇغسىمۇ  ئۆز     بالىسىنى   يالاپ قۇرتىدۇ     .  ئانا بىر ئۆينىڭ   تېمى   بۇ تام مەزمۇت بولمىسا   شۇ ئۆينىڭ   ئۆگزىسى  ئۆرۈلۈپ كىتىدۇ        قىشتا  قار   جۇدۇن    يازدا  يامغۇر    شامال كىرىپ كىتىدۇ  بىكا  ئۆيگە           دىگىنىم  خاتا ئەمەستۇ   بۇرادەر   .  

ئىشلەپ يىيىشنى بىلمىسەڭ   ،يېتىپ يىيىشنى ئۆگىنىسەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11663
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8252 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسى سىزنىڭ قۇلىڭىز يوقما ؟ نىمىشقا سېسىق پايپىقىڭىزنى ئانىڭىزغا ، ئايالىڭىزغا يۇدۇرىسىز ؟ سىز ئۈيىڭىزگە كىلىپلا ئايىقىڭىزنى ، پايپىقىڭىزنى سېلىپ ، پۇتىڭىزنى سۇپۇنلاپ پاكىزە يۇيۇۋېتىپ ، ئاندىن سېسىق پايپىقىڭىزنى ئاشۇ پۇتىڭىزنى يۇغان سۇغا سېلىپ ئازراق سۇپۇنلاپ يۇيۇۋەتسىڭىزلا بۇلاتتى . نىمىشقا پايپىقىڭىزنى ئايالىڭىز بىلەن ئانىڭىزنىڭ ئارىسىدا سېسىتىپ پۇرىتىپ يۈرىسىز . داۋراڭ سەپ تۇرغىدەكمۇ ئىش ئەمەسكەنغۇ !
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, o7 A0 H8 U  x6 n   مەن تىما ئىگىسىنى بىر نىمە دىمەكچى ئەمەسمەن . مىنىڭچە پايپاق يۇيۇش ئۇنچىلىك تەس ئىش ئەمەس . ھەركىم ئۆزىنىڭكىنى يۇيۇشى كېرەك دەپ قارايدىكەنمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش