...دەپ
چىمەنلەردىن گۈللەر تىزدىم بالامغا دەپ،
دەريالاردىن ئۈنچە سۈزدۈم بالامغا دەپ،
كۆمەچ ناننى ئۆزۈم يىدىم،شىرمەن ناننى،
پۈۋلەپ،ئەپلەپ ساقلىدىم چىڭ،بالامغا دەپ.
چاچقا بىر-بىر ئاقلار كىردى بالامنى دەپ،
ئاتەش كەبى كۆيدى باغرىم بالامنى دەپ،
تارتساممۇ گەر جەۋرى-جاپا ۋايسىماستىن،
قان-تەرىمدە پۈتتى جەننەت بالامنى دەپ.
يوللىرىغا تەلمۈرەتتىم كىلەرمۇ دەپ،
قۇچاق ئېچىپ باغرىم تامان سىڭەرمۇ دەپ،
قىلسا ئەگەر چاڭقىغان روھىمنى ھىس،
مېھرى بىلەن مەڭزىمگە بىر سۆيەرمۇ دەپ.
چۆلنى ياياق باسقان بىلەن بالامنى دەپ،
قىرتاق تەملەر يۇتقان بىلەن بالامنى دەپ،
بالام كۆڭلى تالادىكەن،تامادىكەن،
ئاينى ئۈزۈپ بەرگەن بىلەن بالامنى دەپ.
كۆز ياشلىرىم ئاققان سەلدەك بالامنى دەپ،
توزۇپ كەتتى گۈل باھارىم بالامنى دەپ،
ئۈمۈتلىرىم كۆپۈكتەكلا بولدى ۋەيران،
كەچتى جاندىن جانىم بالام ئازغۇننى دەپ.
مەنبە:ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-7 05:22 PM