سىلەرگە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھەسەت دېگەن كېسىلى يۇقتى. ئۆچمەنلىك ئۇ (ھەممىنى) يوقاتقۇچىدۇر، ئۇ چاچنى يوقاتمايدۇ، بەلكى دىننى يوقىتىدۇ. (ئەھمەد، تىرمىزىي توپلىغان)
ھەسەت ئوت ئوتۇننى يېگەندەك ساۋابلىق ئىشلارنى يەپ تۈگىتىدۇ. (ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
يامان مۇناسىۋەتتىن ھەزەر قىلىڭلار، ئۇ دىننى يوقىتىدۇ. (تىرمىزىي توپلىغان)
كىمكى بىراۋغا زىيان يەتكۈزسە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدۇ. كىمكى دۈشمەنلەشسە ئاللاھ تائالا ئۇنى دۈشمەن تۇتىدۇ. (ئىبنى ماجە، تىرمىزىي توپلىغان)
مۆمىنگە زىيان سالغان ياكى ئۇنىڭغا ھىيلە قىلغان ئادەم مەلئۇندۇر. (تىرمىزىي توپلىغان)
ئەي تىلى بىلەن ئىمان ئېيتقان، ئەمما ئىمان دىلىغا كىرمىگەن كىشىلەر! مۇسۇلمانلارغا ئەرزىيەت يەتكۈزمەڭلار، ئۇلارغا مالامەت قىلماڭلار، ئۇلاردىن ئەيىب ئىزدىمەڭلار، چۈنكى، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىدىن ئەيىب ئىزدىگەن ئادەمنى ئاللاھ تائالا رەسۋا قىلىدۇ. (تىرمىزىي توپلىغان)
ئەڭ يامان جازانىخورلۇق ناھەق ھالدا بىر مۇسۇلماننىڭ ئابرويىغا تىل ئۇزارتىشتۇر. (ئەبۇ داۋۇد، بەيھەقىي توپلىغان)
كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ بىر چىشلەپ گۆشىنى يېسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ شۇنچىلىك گۆشىنى دوزاخقا يەم قىلىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننى ھاقارەتلىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىمۇ جەھەننەمدە ئوخشاشلا ھاقارەتلەيدۇ. كىمكى بىر ئادەمنى كۆككە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانماقچى بولىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇ ئادەمنى رىياكار ۋە مەنمەنچىلەر چۈشىدىغان جايغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. (ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
نامراتلىق كۇپۇرغا يېقىن بولىدۇ. ھەسەتخورلۇق تەقدىرنى ئىنكار قىلغىلى تاسلا قالىدۇ. (بەيھەقىي توپلىغان)
بىر ئادەم بۇرادىرىگە ئۆزرە ئېيتسا، بۇرادىرى ئۇنى قۇبۇل قىلمىسا، يانچۇقچىلىق قىلغاننىڭ گۇناھى بولىدۇ. (بەيھەقىي توپلىغان)
ياخشى ئەخلاق، ھايا توغرىسىدا
بىر ئادەم بىر گەپنى ئېيتىپ بولۇپ كېتىپ قالسا، ئۇ گەپ ئامانەتتۇر. (تىرمىزىي، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
مەسلىھەت سېلىنغۇچى ئادەم – ئامانەت قويۇلغۇچى ئادەمدۇر. (تىرمىزىي توپلىغان)
ئەي ئەبۇ زەر! تەدبىردەك ياخشى ئەقىل يوق، (باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن) ئۆزىنى يىغىشتىنمۇ تەقۋاراق ئىش يوق. ئەخلاقتەك ئېسىل نەسەب يوق. (بەيھەقىي توپلىغان)
چىقىمنى نورمال قىلىش- تۇرمۇشنىڭ يېرىمى؛ كىشىلەرگە دوستانە بولۇش- ئەقىلنىڭ يېرىمى؛ سوئالنى چىرايلىق سوراش- ئىلىمنىڭ يېرىمى. (بەيھەقىي توپلىغان)
مۇلايىملىقتىن مەھرۇم بولغان ئادەم ناھايىتى كۆپ ياخشىلىقتىن مەھرۇم بولغۇچىدۇر. (مۇسلىم توپلىغان)
ھايا (نومۇس قىلىش)- پەقەت ياخشىلىقلا ئېلىپ كېلىدۇ. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن، ئېغىر – بېسىقلىق ئاللاھتىندۇر. (تىرمىزىي توپلىغان)
كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىك سۆزلەردىن تۇنجى تاپقىنى: نومۇس قىلمىساڭ نېمە قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىل. (بۇخارىي توپلىغان)
گۈزەل ئەخلاق ياخشىلىقدۇر، باشقىلارنىڭ بىلىشىنى خالىمايدىغان، ئەمما ئىچىڭنى تاتىلاۋاتقان نەرسە گۇناھتۇر. (مۇسلىم توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەڭ ئەخلاقلىقىڭلار ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈكۈڭلاردۇر. (بۇخارىي توپلىغان)
بىر ئادەمگە مۇلايىملىق بېرىلسە ئۇنىڭغا دۇنيا – ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقى بېرىلگەندۇر. ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنغان ئادەم دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىدىن مەھرۇم بولغان ئادەمدۇر. (بەغەۋىي توپلىغان)
قىيامەت كۈنى مۆمىننىڭ مىزانىغا قويۇلىدىغان ئەڭ ئېغىر نەرسە ياخشى ئەخلاقتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا قوپال ۋە سەت گەپ قىلىدىغان ئادەمگە ئۆچتۇر. (تىرمىزىي توپلىغان)
شۈبھىسىزكى، مۆمىن ئادەم ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كېچىسى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلغان، كۈندۈزى روزا تۇتقانننىڭ دەرىجىسىنى تاپىدۇ. (ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
قەيەردىلا بولساڭ ئاللاھتىن قورققىن، گۇناھ قىلىپ سالساڭ ئارقىدىنلا ياخشى ئىشتىن بىرنى قىل، ئۇ گۇناھلارنى ئۆچۈرىۋىتىدۇ. كىشىلەرگە ياخشى ئەخلاق بىلەن ئارىلىشىپ ئۆت. (ئەھمەد، تىرمىزىي توپلىغان)
مۆمىن پەرۋاسىز سېخىيدۇر، پاسىق پەس ۋە بېخىل ئالدامچىدۇر. (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي توپلىغان)
كىشىلەرگە ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئازارىغا سەۋر قىلغان مۇسۇلمان، كىشىلەرگە ئارىلاشمايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئازارىغا سەۋر قىلالمايدىغان مۇسۇلماندىن ياخشىدۇر. (تىرمىزىي، ئىبنى ماجە توپلىغان)
كىشىلەر بىلەن ياخشى ئەخلاقتا بولغىن. (مالىك توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرگىلى ئەۋەتىلدىم. (مالىك توپلىغان)
سىلەرنىڭ ياخشىراقىڭلار ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولغىنى، ئەخلاقىڭلار ياخشى بولغىنىدۇر. (ئەھمەد توپلىغان)
مېنىڭ شاپائىتىم گۇناھى كەبىر سادىر قىلغانلار ئۈچۈندۇر. (تىرمىزىي توپلىغان)
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان ئابدۇلئەھەد ئەمىر قۇتلۇق تۈزگەن <<ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە 500 جۈملە>> ناملىق كىتابچىدىن ئېلىندى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ G& y+ ~6 F6 V0 V+ ~7 o; e
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-7 04:09 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 h8 ~8 v$ ~. Z, s) l7 M# v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( b* V$ g/ q2 j8 Z( V