رۇبائېلار
قورغان
تائەزەلدىن گۈلگە ئامراق مەن،دېدىڭ،
خۇشپۇراقتا ھوزۇرلىنار تەن ،دېدىڭ.
گۈل تېرىيلى باققادېسەم ،ئەجەپكىم،
ئاغرىپ بېشىڭ ،تېرىۋەتكىن سەن ،دېدىڭ.
ماختىما، ماختاشتىن بىزار مەن بۈگۈن،
ماختاشلار بولاركەن نەشتەرگە تۈگۈن.
كۆپ كۆردۇم ھاياتتا بۈگۈنى ماختاپ،
تېقاركەن نەشتەرنى ئەتە يا ۆگۈن.
خوشۇڭ يوق مېھنەت بىلەن يېگەنگە ئامراق،
داتلايسەن ۆزگىنى خوپ، تەگسە گەر ئازراق..
<ئىشلىگەن چىشلەيدۇ>نى بىلىدۇ ھەممە،
سەن ئوقۇغان كىتاپتا يوقلىغى قانداق؟
نى-نى ئىشلار ۆتتى بۇ باشتىن،
بېسىپ ۆتتۇم يەتمىشنى ياشتىن.
ھاياتلىقتا زەھەرنى يۈتكەن-
ياخشى ئىكەن،مىننەتلىك ئاشتىن.
سۇ كۆرمەي ئالدىراپ ۆيۈكنى سالما،
ئارقىدىن ۆزۈڭچە پۇشمانغا قالما.
ھەممىدە چېقىش قىل ئەمىلىيەتنى،
ئۈمىدىڭ بېغىدا پىشىدۇ ئالما.
مەنبە-ئىجادىيىتىم