ئادەتتىكى ئەزا
توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى
دىيارىمىز ۋاقتى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت« 5:30 » مىنوت ئۆتكەندە ،جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى تۆتىنچى ئايلانمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ ،شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى مېھمان مەيداندا شېنجىن قىزىل ياقۇت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى .شىنجاڭ تەڭرىتاغ كوماندىسىدىكى بارى ،مۇستافا ،يەھيا قاتارلىق ئۈچ ئەزىمەت ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقتى .ئىپادىسى ياخشى بولدى . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# }. l( }9 y3 A% p2 Mئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ھەر ئىككىلا كوماندا كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى .قورۇلغان ۋاقتى ئۇزۇن ۋە كۈچلۈك بولغان شېنجىن قىزىل ياقۇت كوماندىسى ساھىبخان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ مەيداننى كونتورول قىلىپ دەسلەپتە شىنجاڭ كوماندىسىغا بېسىم قىلىپ ئوينىدى .ئۇدا ئۈچ قېتىم ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرستىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ .بىراق توپ ئۇرالمىدى . شىنجاڭ كوماندىسمۇ بوش كەلمىدى .مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم بىلەن شېنجىننى خېلى تەمتىرەتتى .مۇسابىقە 60 مىنوتقا قەدەم قويغاندا ، شىنجاڭ كوماندىسى ماھىرى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ ،شېنجىن قىزىل ياقۇت كوماندىسىغا نوقتا توپ قۇيۇپ بېرىلدى .شېنجىن ھۇجۇمچىسى تەپكەن بۇ توپنى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى ناھايىتى چاققانلىق بىلەن تۇسىۋالدى .شىنجاڭ كوماندىسمۇ بىر نەچچە قېتىملىق ئەڭ ياخشى بولغان توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى .شۇنداق قىلىپ 90 مىنۇتلۇق كەسكىن جەڭ ئارقىلىق ئىككى كوماندا 0 :0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى .( مۇسابىقە فىلىمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)
مەنبەسى -ئپتىخار تەرجىمە گورۇپپىسى توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى
تەرجىمە گورۇپپىمىز تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەڭ يىڭى خەۋەرلەرنى تورداشلارغا ۋاختىدا تەمىنلەيدۇ،تەرجىمە گورۇپپىمىز سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا مۇھتاج
پاش قىلىش
ئاكتىپ ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
tik turganning hammisila dangl
دائىملىق ئــەزا
يىـڭى ئــەزا
شرئەلى118 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 11:04 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. P+ r( x: f8 f* t% J3 O6 p' K( dقانداق يىلپىز بۇ ؟ دائىم ئېشەك بىلەن تەڭلىشىپ قالدىغان ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ